مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    سۈرەت كۆزنىكى

    2017-يىللىق جۇڭگو شىنجاڭ ئىلى تۇلپار خەلقئارا ساياھەت بايرىمى 16-ئىيۇل باشلىنىدۇ

    مەۋلۇدە2017-07-14 09:59:06تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     
    ماتېرىيال سۈرەت

      ئۆز خەۋىرىمىز: 2017-يىللىق جۇڭگو شىنجاڭ ئىلى تۇلپار خەلقئارا ساياھەت بايرىمى 16-ئىيۇل باشلىنىدۇ.

      بۇ قېتىملىق ساياھەت بايرىمى مەزگىلىدە مەملىكەتلىك تېز سۈرئەتلىك ئات بەيگىسى مۇسابىقىسى، خەلقئارالىق ئوغلاق تارتىشىش تەكلىپ مۇسابىقىسى، خەلقئارالىق «پارات ئېتى» لوڭقىسىنى تالىشىش ئات بەيگىسى، «يىپەك يولى» لوڭقىسىنى تالىشىش تېز سۈرئەتلىك ئات بەيگىسى، جۇڭگو «تەڭرىتاغ ئېتى» يۇقىرى قاتلاملىقلار مۇنبىرى، ھۆسنخەت، فوتوسۈرەت كۆرگەزمىسى، مەززىلىك تائاملار بايرىمى، چولپانلار ناخشا كېچىلىكى، گۈلخان كېچىلىكى قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق سەرخىل پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدۇ.

     ئىگىلىنىشىچە،موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى 1992-يىلدىن باشلاپ ئۇدا 25 يىل بۇ بايرامنى ئۆتكۈزۈپ كەلگەن بولۇپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى چەۋەندازلىق ھەۋەسكارلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلغان. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2016-يىلى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 1 مىليون 350 مىڭ (قېتىم) غا يەتكەن، ساياھەتچىلىك كىرىمى 400 مىليون يۈەندىن ئاشقان.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.