مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مۇھاكىمە مۇنبىرى

    گېزىت مۇھەررىرلىرىنىڭ كەسىي ساپاسى

    ئامانگۈل2017-07-12 18:34:25شىنجاڭ گېزىتى

    ئەيساجان ئابدۇللا كەمتەر

     گېزىت تەھرىرلىكىدىمۇ ئوخشاشلا نەشرىيات ۋە ژۇرنال تەھرىراتىغا ئوخشاش تەھرىرلىك تەرتىپى بار. مەسىلەن، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ئاخباراتلارنى يىغىش، تېما پىلانلاش، ئەسەر ئۇيۇشتۇرۇش، ئوقۇپ تەكشۈرۈش- تەستىقلاش، تەھرىرلەش، كوررېكتورلۇق قىلىش، لايىھەلەش، بەت ئورۇنلاشتۇرۇش، مەتبۇئات تەشۋىقاتىنى تەۋسىيە قىلىش قاتارلىق بىرقانچە تۈرلۈك ئىش تەرتىپلىرىمۇ گېزىت نەشرىياتچىلىقىدىكى سىستېما قۇرۇلۇشىدۇر. ئەلۋەتتە نەشرىيات، ژۇرنال تەھرىراتى، گېزىتخانا ئورگانلىرى ئۆز ئالدىغا تەھرىرلىك تۈزۈمى ۋە ئىش تەقسىماتىنى يولغا قويغانلىقى ھەمدە مۇھەررىرلەر ئەمگەك كۈچىنىڭ ئاز- كۆپ بولغانلىقى سەۋەبىدىن بۇ ئورۇنلاردىكى تەھرىرلىك خىزمىتىنىڭ يۇقىرىقى ئىش تەرتىپلىرىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى ۋە سىستېمىچانلىقىمۇ تامامەن ئوخشاش تەلەپ ۋە ئۆلچەم بىلەن ئىشلىنىشى ناتايىن. شۇڭا مۇھەررىرلەرگە قويۇلىدىغان ئەڭ يۇقىرى تەلەپ تەھرىرلىك خىزمىتىنىڭ تەرتىپلىرىنى ئۆزىگە تايىنىپ مۇستەقىل ۋە ئۈنۈملۈك ئىشلىيەلەيدىغان بولۇشتۇر. ھالبۇكى، بىر لاياقەتلىك مۇھەررىرنىڭ گېزىت تەھرىرلىك خىزمىتىنىڭ تەرتىپلىرىنى ئۆزىگە تايىنىپ مۇستەقىل ئىشلەيدىغان بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى يۇقىرى تەھرىرلىك كەسپىي ساپاسىنى ھازىرلاشتۇر.

     گېزىت مۇھەررىرىنىڭ كەسپىي ساپاسى ئۇنىڭ كەسپىي ئەخلاق ساپاسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ مۇھەررىرنىڭ پۈتۈن ئەخلاق- پەزىلىتى ۋە تەھرىرلىك خىزمەت ئىستىلىنىڭ يادروسى بولۇپ، مەزمۇن جەھەتتىن مۇھەررىرنىڭ سىياسىي ساپاسى، مەدەنىيەت ساپاسى، ئىلمىي ساپاسى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ مۇھەررىرنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ، خىزمەت ئىستىلى، غايىسى، ئەخلاق ئۆلچىمى ۋە ئەمگەك ئىنتىزامىغا، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ھەۋىسى، قىزىقىشى، مىجەز- خۇلقى ھەم پۈتۈن ئىندىۋىدۇئال خۇسۇسىيىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

     گېزىت مۇھەررىرىنىڭ كەسپىي ساپاسى بىرىنچىدىن، ئۇنىڭ سىياسىي مەۋقەسى، كەسپىي ئەخلاقى ۋە تەھرىرلىك ئىستىلىدا، يەنى تەھرىرلىك خىزمىتىگە توغرا مۇئامىلە قىلىش پوزىتسىيىسىدە؛ ئىككىنچىدىن، كەسپىي ئىقتىدارى ۋە كەسپىي ماھارىتىدە؛ ئۈچىنچىدىن، ئاپتورلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، يېڭى ھەۋەسكارلارنى بايقاش ۋە يېتەكلەش، ياش مۇھەررىرلەرگە غەمخورلۇق قىلىش ئاڭلىقلىقىدا؛ تۆتىنچىدىن، ئۆزىنى بىلىش ۋە ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش جۈرئىتىدە ئىپادىلىنىدۇ . كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا گېزىت مۇھەررىرىنىڭ كەسپىي ئەخلاقى مۇنداق بىر قانچە جەھەتتىن ئىپادىلىنىدۇ:

     1. گېزىت مۇھەررىرى سىياسىي جەھەتتىن سەزگۈر، ئىدىيە جەھەتتىن ئىلغار، مەۋقە جەھەتتىن قەتئىي بولۇشى كېرەك. گېزىت ھەر دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ ئورگان نەشرئەپكارى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ مۇھەررىرى ماركسىزم- لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۇنى كەسپىي خىزمىتىنىڭ قىبلىنامىسى قىلىشى، سىياسىيغا كۆڭۈل بۆلۈپ، دۆلەتنىڭ ئىچكى- تاشقى ۋەزىيىتىنى ۋە پارتىيەنىڭ فاڭجېن- سىياسەتلىرىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئۆزىنىڭ ئىدىيەۋى- سىياسىي ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ھەر ۋاقىت ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك . بۇ ئۇنىڭ كەسپىي ئەخلاقىنىڭ ئالدىنقى شەرتى. چۈنكى، گېزىت مۇھەررىرى بۇ ئالدىنقى شەرتنى ھازىرلىماي تۇرۇپ ھەرگىز ئىشەنچلىك ۋە لاياقەتلىك مۇھەررىر بولالمايدۇ.

     2. گېزىت تەھرىرلىكى خىزمىتىنى قىزغىن سۆيۈشى كېرەك. گېزىت تەھرىرلىكى نۇرغۇن تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ ياكى شۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن، بىر پارچە گېزىتنى چىقىرىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ماقالىلىرىنى تېما جەھەتتىن، سىياسىي جەھەتتىن، بىلىم ئاساسلىرى جەھەتتىن، تىل، ئىستىلىستىكا ۋە لوگىكا جەھەتتىن ئىنچىكە ئوقۇپ تەكشۈرۈش ۋە ھۆكۈم قىلىش، تەھرىرلەش، تەكرار تۈزىتىش شەرت قىلىنىدۇ. مانا مۇشۇ ئۆتكەللەر گېزىت مۇھەررىرىدىن تەھرىرلىك خىزمىتىنى قىزغىن سۆيۈشنى، ئەستايىدىل خىزمەت پوزىتسىيەسىنى يېتىلدۈرۈشنى، مەسىلىلەرنى كېڭىشىپ ياكى ئۆزىگە تايىنىپ مۇستەقىل ھەل قىلالايدىغان بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ تەلەپكە يەتمىگەن مۇھەررىر تەھرىرلىك كەسپىي ئەخلاقىنى جۇلا لاشتۇرالمايدۇ.

     3. ئاپتورلار ۋە ئوقۇرمەنلەرنى ھۆرمەت قىلىشى، يېڭى ھەۋەسكارلارنى ئۈزلۈكسىز بايقاپ تۇرۇشى لازىم. ئاپتورلار ۋە ئوقۇرمەنلەر گېزىتنىڭ «خېرىدارى». ئۇلارنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىنى قولغا كەلتۈرمەي تۇرۇپ، گېزىتنىڭ ئىناۋىتىنى تىكلىگىلى بولمايدۇ. گېزىتنىڭ ئىناۋىتى خەلقتۇر، گېزىتنىڭ نوپۇزى ئاپتور ۋە ئوقۇرمەندۇر. ئۇلارنىڭ ساداسىنى ئاڭلىغانلىق، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ۋاقتىدا كۆرگەنلىك، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىش تەرەپدارى بولغانلىق، يېڭى قەلەمكەشلەرنى بايقاپ تۇرغانلىق، ئاسرىغانلىق پارتىيەنىڭ گېزىتچىلىك خىزمىتىنى، ئاپتورلار ۋە ئوقۇرمەنلەرنى قىزغىن سۆيگەنلىكنىڭ كونكرېت ئىپادىسى. شۇڭا گېزىت مۇھەررىرى ئاپتورلار ۋە ئوقۇرمەنلەرنى قىزغىن سۆيۈشى، ئۇلار ئارقىلىق گېزىتنىڭ ئوبرازىنى تىكلىشى كېرەك.

     4. گېزىت مۇھەررىرلىرىدە ناھايىتى ئەستايىدىل، پۇختا، تەلەپچان، مەسئۇلىيەتچان بولۇش ئىستىلى بولۇش كېرەك. بۇ تەھرىرلىك كەسپىي خىزمىتىنى ئىلمىي جەھەتتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلەشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. بىر گېزىت مۇھەررىرى ماقالىنىڭ مەزمۇنى، ماتېرىيالى، تىلى، گىرامماتىكىسى، تىنىش بەلگىلىرى، ئىملاسى قاتارلىق ھەممە تەرەپلىرىنى ئۆزىگە تايىنىپ «قۇسۇر ئىزدەش يۈكسەكلىكىدە ئىشلىيەلىگەن چاغدىلا، ئاندىن ئۇ ئىشەنچلىك ۋە لاياقەتلىك مۇھەررىر بولالايدۇ. گېزىت مۇھەررىرىنىڭ ئەستايىدىللىقى ۋە تەلەپچانلىقى ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ كەسپىي ئىقتىدارىنى ئىپادىلەيدۇ. ھالبۇكى، يالغۇز مول بىلىم سەۋىيىسىگە ئىگە بولۇشلا كەسپىي ئىقتىدارنىڭ ھازىرلانغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. چۈنكى، بىلىم نوقۇل بىلىمنى بىلىشنىلا ئەمەس، بەلكى بىلىمنى ئىشلىتىشنى بىلىش ماھارىتىنىمۇ ئىچىگە ئالىدۇ. بىلىمنى ئىشلىتىش ۋە تەتبىقلاش ماھارىتىنى بىلمىگەندە نوقۇل بىلىمنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ. شۇڭا، مۇھەررىرلەر مول بىلىم سەۋىيىسىگە ئىگە بولۇش بىلەن بىللە، بىلىمنى ئىشلىتىشنى بىلىش ماھارىتىگىمۇ ئىگە بولۇشى لازىم.

     5. گېزىت مۇھەررىرىدە ئۆزىگە مۇئامىلە قىلىش، ئۆزىنى دەڭسەش، ئۆزىنى ئۈزۈكسىز كۈچەيتىش ئاڭلىلىقى بولۇش كېرەك. ئۆزىگە مۇئامىلە قىلىش ماھيەتتىن ئيتقاندا، تەھرىرلىك خىزمىتى مۇھەررىرلەردىن ئۆزىگە ئىشىنىشنى، ئۆزىنى ئۈز لۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلىدۇ . ئۆزىگە توغرا مۇئامىلە قىلىش بىر خىل كەسپىي ساپا بولۇپ، ئۇ ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش ۋە مەسىلىلەرنى ئۆزىگە تايىنىپ ھەل قىلىش ئادىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئاساسى. تەھرىرلىك خىزمىتىدە مۇھەررىر ھەمىشە قىيىن مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىپ تۇرىدۇ. بۇنداق مەسىلىلەرنى ھەمىشە باشقىلارغا تايىنىپ ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر چارىسى پەقەت ئۆزىگىلا تايىنىش، يەنى زېرىكمەي ئىزدىنىش، ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش، لۇغەت ئاختۇرۇش ۋە پېشقەدەملەردىن سوراش. لېكىن، مەسىلىنى ېشقەدەملەردىن سوراپ ھەل قىلماقچى بولغاندا ناھايىتى سەمىمىي ۋە كەمتەر بولۇش، ھەرگىز بىلەرمەنلىك قىلماسلىق كېرەك. مەسىلەن، سىز تەھرىرلىك خىزمىتىدە بىرەر قىيىن مەسىلىگە دۇچ كېلىپ، ئۇنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى پېشقەدەم مۇھەررىردىن سورىسىڭىز، ئۇ سىزگە ئۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئېپىنى بىلدۈرۈپ قويسا، بۇ ھالدا سىز «توغرا، مەنمۇ شۇنداق ئويلىغان» دېسىڭىز، بۇ سىزنىڭ تەھرىرلىك كەسپىي ئەخلاقىنى بىلمەيدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى، ئەگەر سىز ئۇ مەسىلىنى ئۆزىڭىز ھەل قىلالىغان بولسىڭىز، باشقىلاردىن سوراپ يۈرمىگەن بولاتتىڭىز. شۇڭا، مۇھەررىرلەر مەسىلىلەرنى ئۆزىگە تايىنىپ ھل قىلىشتا ئۇسۇلغا دىققەت قىلىشى، قەدەمنى توغرا بېسىشى لازىم. ئەلۋەتتە، مۇھەررىرنىڭ كەسىي ساپاسى يۇقىرىقى مەزمۇنلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، ئۇ تەھرىرلىك خىزمىتى ئەمەلىيىتى جەريانىدا يېڭىدىن- يېڭى مەزمۇنلارغا ئىگە بولىدۇ ۋە شۇ يېڭى مەزمۇلار بىلەن خاراكتېرلىنىپ، تولۇقلىنىپ ۋە بېيىپ بارىدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.