مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    «ئارقا كوچا»دا ئېچىلىۋاتقان «ئانار گۈللىرى»

    ئامانگۈل2017-07-12 17:34:31شىنجاڭ گېزىتى

    مۇخبىرىمىز رەناگۈل خۇدابەردى

     - دېڭ خۇا ئاچا، مۇشۇ كۈنگىچە ھېچكىمدىن كۆرمىگەن ياخشىلىقنى سىزدىن كۆردۈم، سىزگە «سىڭىل» بولغۇم بار، تەلىپىمگە قوشۇلارسىزمۇ؟

     - بۇنىمۇ سوراش كېتەمدۇ؟ سىزنى ئاللىقاچان ئۆز سىڭلىم دەپ قاراپ كېلىۋاتىمەن.

     بۇ، بۇ يىل روزا ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنى بۇلتۇر ئۈرۈمچى شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشتىن ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى جەنۇبىي شىنخۇا يولى تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش كومىتېتىغا قاراشلىق غەربىي ساي ئارقا كوچا مەھەللىسىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى دېڭ خۇا بىلەن مۇشۇ تەۋەلىكتىكى مارىيەم قۇرباننىڭ ئۆيىدە بولۇنۇۋاتقان پاراڭ ئىدى.

     مارىيەم قۇرباننىڭ كەلپىن ناھىيەسىدىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ، غەربىي ساي ئارقا كوچا مەھەللىسىدە ئولتۇراقلاشقىنىغا 22 يىل بولغانىدى. ئۇ يېڭى كەلگەن ۋاقىتلىرىدا ئېرى بىلەن بىرنەچچە يىل ئاشخانا ئاچتى، ئاشخانىسى كىچىك، ئەسلىھەلىرى تولۇق بولمىغاچقا، ئۇزاققا بارماي تاقىلىپ قالدى. كېيىن ئۇششاق تىجارەت قىلىپمۇ باقتى، لېكىن يەنىلا ئەپلەشمىدى. بېشىدىن نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقلار ئۆتتى، نۇرغۇن جاپانى تارتتى. مارىيەم قۇربان بۇ جەرياندا قىيىنچىلىقلارغا باش ئەگمەي، ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ تىككۈچىلىكنى ئۆگىنىپ، شاگرىت تەربىيەلىگۈدەك سەۋىيەگە يەتتى.

     − شۇ چاغدا، ئۆيدىكىلەرگە مەسلىھەتمۇ سالماي، تاپقان-تەرگەننىڭ ھەممىسىنى دەسمايە سېلىپ، تىككۈچىلىك ماشىنىسىدىن تۆتنى سېتىۋالدىم ھەم ئۈچ شاگرىت قوبۇل قىلىپ، ھەقسىز تەربىيەلىدىم،− دېدى مارىيەم قۇربان شۇ كۈنلەرنى ئەسلەپ، − تۆت تىككۈچىلىك ماشىنىسى تۆت كىۋادرات مېتىر چوڭلۇقتىكى ياتاق ئۆيىمىزنى ئىگىلىگەنىدى، ئۆيدە پۇت قويغۇدەك جاي قالمىغان بولسىمۇ، ئېرىم ئىشىمنى قوللىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ كىچىك دۇكاندا يوتقان-كۆرپە، ياستۇق قاپلىرى، تېلېۋىزور ياپقۇچلىرىغا ئوخشاش تۇرمۇشتا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇملارنى تىكىپ سېتىشقا باشلىدىم. شۇ چاغلاردا ساتقان ھەر بىر مېلىمدىن ئاران بەش يۈەن پايدىسى قالاتتى. لېكىن دېڭ خۇا ئاچام بىلەن تونۇشقاندىن باشلاپ ئىشلىرىمدا ياخشىلىنىش بولۇشقا باشلىدى...

     ئۈرۈمچى شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشتىن 2-تۈركۈمدە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتى بويىچە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونى جەنۇبىي شىنخۇا يولى تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش كومىتېتىغا قاراشلىق غەربىي ئارقا كوچا مەھەللىسىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى دېڭ خۇا ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلىگەندە، مارىيەم قۇرباننىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشەي، دەپ قالغان، پۇت قويغۇدەك جايمۇ يوق كىچىككىنە ئۆيىدە ئىش قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ بۆلەكچە بولۇپ قالدى. شۇ كۈندىن باشلاپ مارىيەم قۇرباننىڭ قاراڭغۇ كەپە ئۆيى، ئۇنىڭ تىككەن كۆركەم ياستۇق قاپلىرى كۆز ئالدىدىن پەقەت نېرى كەتمىدى.

     − ئۇنىڭ گۈلدەك ھۈنىرى باركەن، ئەمما ئىش شارائىتى ناچاركەن. مەن بۇ مەھەللىگە ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش ئۈچۈن كەلگەن ئىكەنمەن، مارىيەم قۇربانغا ئوخشاش ئاياللارغا ياردەم قىلىشىم كېرەك، − دەپ ئويلىدى دېڭ خۇا.

     ئۇ مارىيەم قۇربانغا ياردەم بېرىش ئويىنى مەھەللە ئاھالە كومىتېتىدىكىلەرگە ئېيتتى. مەھەللە ئاھالە كومىتېتىدىكىلەر دېڭ خۇانىڭ پىكرىنى قوللىدى ھەم بىكار تۇرغان 30 كىۋادراتلىق كونا ئىشخانىنى بىكارلاپ بېرىدىغان، خىزمەت گۇرۇپپىسى بۇ ئىشخانىنى بېزەپ، ئۈسكۈنە سەپلەپ، كىچىكرەك بولسىمۇ تىككۈچىلىك كارخانىسى قۇرىدىغان بولۇپ مەسلىھەتلەشتى.

     خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ قوللىشى ۋە مەبلەغ ياردىمى بېرىشى، مەھەللە ئاھالە كومىتېتىدىكىلەرنىڭ بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ ماسلىشىشى، بولۇپمۇ دېڭ خۇانىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىشى بىلەن، 2015-يىلى 10-ئايدا غەربىي ساي ئارقا كوچا مەھەللىسىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى مەھەللە ئاھالە كومىتېتىنىڭ كونا ئىشخانىسى «<ئانار گۈلى> ئاياللار تېخنىكىلىق تەربىيەلەش بازىسى»غا ئۆزگەرتىلدى، ئەسلىدىكى تۆت تىككۈچىلىك ماشىنىسى ئونغا كۆپەيدى، ئىشلەيدىغانلار 13كە يەتتى. بۇ كارخانىغا مارىيەم قۇربان مەسئۇل بولدى. مارىيەم قۇربان دېڭ خۇانىڭ ياردىمى بىلەن ئىشلىرىنى بىر ئىزىغا سېلىپ، تىجارىتىنى خېلىلا يۈرۈشتۈرۈۋالدى ھەم ئەتراپىدىكى ياردەمگە موھتاجلارغا مېھىرلىك قولىنى سۇنۇپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بارلارنى ئالدىن ئىشقا قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى ھەقسىز تەربىيەلەپ، لاياقەتلىك بولغانلارغا مائاش تارقىتىپ، بۇ كارخانىنىڭ ھەقىقىي خوجايىنىغا ئايلاندى. ھازىر بۇ كارخانىدا 50 خىلغا يېقىن يېقىن تۇرمۇش بۇيۇمى ئىشلەپچىقىرىلىدىغان، مەھسۇلاتلىرى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جاي-جايلىرىغا سېتىلغاندىن سىرت، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىنمۇ زاكاز كېلىدىغان بولدى.

     دېڭ خۇانىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى ۋەزىپە ئۆتەيدىغان ۋاقتى توشۇپ قايتىدىغان بولىۋىدى، مارىيەمنىڭ كۆڭلى بەكمۇ يېرىم ئىدى. «مارىيەم كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ، سىزنى دائىم يوقلاپ تۇرىمەن، بىز دېگەن <بىر ئانارنىڭ دانىلىرى>، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئىزدىشىپ تۇرىمىز» دېدى دېڭ خۇا كۈلۈپ تۇرۇپ.

     مارىيەم قۇربان نەچچە قېتىم دېڭ خۇانىڭ خىزمەت ئورنىغا ياكى ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنى يوقلاپ كېلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ئۇنى ئاۋارە قىلماسلىق ئۈچۈن تېلېفوندا ئالاقىلىشىپ تۇردى، بۇ يىل روزا ھېيتتا دېڭ خۇا خىزمەتداشلىرى بىلەن مارىيەمنىڭ ئۆيىگە نۇرغۇن سوۋغا-سالاملارنى ئېلىپ ھېيتلاپ كېلىپ، مارىيەم قۇرباننى قەۋەتلا خۇش قىلىۋەتتى. مارىيەم شۇ كۈنى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى، يەنى دېڭ خۇاغا «سىڭىل» بولغۇسى بارلىقىنى يۈزتۇرا ئېيتتى.

     − سىڭلىم مارىيەمگە ياردەم بېرىش قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم، مارىيەمنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە ئېرىشىشى پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىدىن بولدى، بىز پەقەت قولىمىزدىن كېلىشىچە شارائىت يارىتىپ بەردۇق،− دېدى دېڭ خۇا زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغاندا،− مارىيەم سىڭلىم بىزگە قارىغاندا تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ، ئۇ كىرىمى يوق ئائىلە ئاياللىرىنى ھەقسىز تەربىيەلەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارغا چىقىش يولى تېپىپ بەردى. ئائىلىسىدىكىلىرى، بولۇپمۇ ئېرى ئۇنى بەك قوللىدى. مارىيەم قۇرباننىڭ ئېرى پالۋان باھاۋۇدۇننىڭ ياغاچچىلىقتىن ئاز-تولا خەۋىرى بولغاچقا، ئۇ ياغاچ ئويمىچىلىقىدىكى نەقىش شەكىللىرى بويىچە يېڭى گۈل نۇسخىلىرىنى لايىھەلەپ، بۇ كارخانىنىڭ لايىھەلىگۈچىسى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ لايىھەسى بەكمۇ ئۆزگىچە، شۇڭا مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازىرىمۇ ياخشى بولۇۋاتىدۇ. مارىيەمنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن مەن بەك خۇشال. ئۇ دائىم ماڭا تېلېفون قىلىپ، ئەھۋال سوراپ تۇرىدۇ، تېخى چاغاندا ئالاھىتەن ساڭزا سېلىپ ئەۋەتىپتۇ. روزا ھېيتتا ئۆيىگە ھېيتلاپ كەلسەك، «سىزنى ئاچا تۇتقۇم بار» دېگەندە، خۇشاللىقىمدا ئۇنى قۇچاقلاپ يىغلاپ تاشلىغىنىم ھازىرقىدەك ئېسىمدە.

     بۇ ئىككىيلەننىڭ تونۇشقىنىغا ئۇزاق بولمىغان بولسىمۇ، مۇھەببىتى چوڭقۇر، مارىيەم قۇربان دېڭ خۇادىن تولىمۇ مىننەتدار. ئۇ ھەر قېتىم خىجىللىق ئىچىدە دېڭ خۇاغا «سىز مېنىڭ كۆيۈمچان ئاچام، مېنى ئېغىر كۈنلەردىن قۇتۇلدۇردىڭىز، ھازىرمۇ داۋاملىق ھال-ئەھۋال سوراپ تۇرۇۋاتىسىز، سىزگە قانداق رەھمەت ئېيتىشىمنى بىلەلمەيۋاتىمەن» دېگىنىدە، دېڭ خۇا «بىز دېگەن ئاچا-سىڭىلغۇ، ئەمدى تۇزۇت قىلسىڭىز مېنى ئۆز كۆرمەپتۇ، دەپ رەنجىپ قالىمەن، بىز مەڭگۈ ياخشى قېرىنداشلاردىن بولايلى» دەپ جاۋاب بەردى.

     − «ئانار گۈلى» ئاياللار تېخنىكىلىق تەربىيەلەش بازىسىدىكى ئاچا-سىڭىللار ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، رەڭگارەڭ «ئانار گۈللىرى»نى پورەكلەپ ئېچىلدۇرۇپ، مەھەللىمىزگە ھۆسن قوشماقتا،− دېدى غەربىي ساي ئارقا كوچا مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ئۇلا قەيسەر،− بۇ كارخانىنىڭ قۇرۇلغىنىغا ئۇزاق بولمىسىمۇ، بىرنەچچە شاگىرت تەربىيەلەپ، دۇكان ئايرىغۇدەك قىلدى. ئىشلەۋاتقانلار ئايدا 1000 يۈەندىن 1800 يۈەنگىچە كىرىم قىلىۋاتىدۇ. مارىيەم قۇربان مەھەللىمىزدىكى ئىگىلىك تىكلىگۈچى بولۇپلا قالماي، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقاتچىسى، ھەممىمىزنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى.

    «ئانار گۈللىرى» تېخىمۇ پورەكلىسۇن

    مۇخبىرىمىز قادىر ئىسمائىل

    تامغا: قىسقا ئوبزور

     «<ئارقا كوچا>دا ئېچىلىۋاتقان <ئانار گۈللىرى>» ناملىق زىيارەت خاتىرىسىنى ئوقۇپ بولغىنىمدا، ۋۇجۇدۇمنى ئىللىق بىر ھاياجان چۇلغىۋالدى. راست گەپنى قىلسام، مېنى ھاياجانغا سالغىنى زىيارەت خاتىرىسىنىڭ تىلىنىڭ ئاددىي، ئارتۇقچە پەردازدىن خالىيلىقى، تەپسىلاتلارنىڭ جانلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغىنىدىن بولماي بەلكى، خەۋەردە تەسۋىرلەنگەن كەنتكە چۈشكەن كادىر دېڭ خۇانىڭ ئەتراپىدىكى كىچىك ئىشلاردىن قول سېلىپ، مارىيەم قۇرباننىڭ تەربىيەلەش بازىسى قۇرۇشىغا، بۇ ئارقىلىق شۇ مەھەللىدىكى ئىشسىز ئاياللارنىڭ تەربىيەلىنىشى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى كۆز ئالدىدىكى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرغىنى، ئۇلارنىڭ قەلب چوڭقۇرلىقىغا بۆسۈپ كىرىپ، مەھەللىدىكى «ئانار گۈللىرى»نى كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىپ «ئېچىلدۇرغىنى» بولدى.

     «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك خىزمەت گۇرۇپپىلىرى نامراتلارنى يۆلەش-ئېچىش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش، تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە تەشكىللەش، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملەش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ جەرياندا ئاساسىي قاتلامدا، ئەڭ ئالدىنقى سەپتە، ئەڭ ئېھتىياجلىق جايدا خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئاۋامنىڭ «ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئېقىپ»، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان ئىلغار تىپلار بارلىققا كەلدى. بۇ يىل 4-ئايدا كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئالاقاغا بازىرىغا مۇخبىرلىققا بارغىنىمدا، بۇ يېزىنىڭ جىرىملىق كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلارنىڭ شۇ جايدىكى ئاياللارنى ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، كەنتتىكى 50كە يېقىن نامرات ئايالنى تىككۈچىلىككە تايىنىپ كىرىم قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرگەنلىكىنى، كەنتتىكى قىيىنچىلىقى بار ئائىلىدىكىلەرگە قوي تارقىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ئەمەلىي ياردەم بەرگەنلىكىنى، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار تۇدەم تۇردىنىڭ پۇتى سۇنۇپ، ۋاقتىدا داۋالىنالماسلىق سەۋەبىدىن پۇتىنى كېسىۋېتىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەندە، خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى پەرىدە رېھىم قاتارلىق كادىرلارنىڭ پۇل يىغىش قىلىپ، جەمئىيەتتىكىلەرنى ئىئانە توپلاشقا سەپەرۋەر قىلىپ، تۇدەم تۇردىنىڭ پۇتىنى داۋالىتىپ ساقايتقانلىقىنى ئاڭلاپ تولىمۇ ھاياجانلانغانىدىم. كەنت كادىرلىرى مېنى يېزىلىق دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان تۇدەم تۇردىنىڭ يېنىغا باشلاپ بارغىنىدا، ئۇ خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى پەرىدە رېھىمنىڭ بوينىدىن قۇچاغلاپ تۇرۇپ كۆز ياشلىرىنى تۆككىنىچە: «جېنىم سىڭلىم، مەن سىزنى بۇنىڭدىن كېيىن سىڭلىم دەپ بىلىمەن، ماڭا سىڭىل بولسىڭىز!» دېگىنىنى ئاڭلاپ، بۇ تەسىرلىك مەنزىرىدىن قەلبىم لەرزىگە كېلىپ كۆز ياشلىرىمنى توختىتىۋالالمىغانىدىم. دەرھەقىقەت، دېڭ خۇا ۋە پەرىدە رېھىمنىڭ ھېكايىسى شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنى تەسىرلەندۈرىدۇكى، ئۇلار ئۆزى خىزمەتكە چۈشكەن جايدىكى ئاۋامنىڭ قىيىنچىلىقىنى «ئۆز قىيىنچىلىقىم»، ئاۋامنىڭ ئىشىنى «ئۆز ئىشىم» دەپ بىلگەن؛ تىرىشچانلىقى ۋە ئەجىر-مېھنىتى بەدىلىگە شۇ جايدىكى ئاۋامنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرىشىگە «يول» ياساپ بەرگەن؛ ئۇلار بىلەن قان بىلەن گۆشتەك «قېرىنداشلىق» مۇناسىۋەت ئورناتقان.

     داڭلىق يازغۇچى لۇشۈن: «موھتاجلارغا قەھرىتان قىشتا كەشتە بۇيۇمى سوۋغا قىلىش ئەمەس، كۆمۈر يەتكۈزۈپ بېرىش كېرەك» دېگەنىدى. بىز كەنتكە چۈشكەن كادىرلارنىڭ دېڭ خۇاغا ئوخشاش ئەقىدىلىك كادىرلاردىن ئۈلگە ئېلىپ، ئاۋامنىڭ تۇرمۇشىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئاۋامنىڭ ھەقىقىي «قېرىندىشى»غا ئايلىنىشىغا، «ئانار گۈللىرى»نى ھەممە جايدا پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇشىغا تەشنامىز!

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.