مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    بىزنىڭ قوشنىلىرىمىز

    ئامانگۈل2017-07-12 17:21:42شىنجاڭ گېزىتى

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز سالامەت خۇدابەردى

     ئانام ئوچۇق مىجەزلىك ئايال بولۇپ، ئۇنىڭ كىچىكىمدىن ماڭا ئۆگەتكەن قائىدە-يوسۇن، تۇرمۇش ئادەتلىرى مېنىڭ چوڭ بولۇپ تۇرمۇش قۇرۇپ ئانا بولغاندا تەمتىرەپ قالماسلىقىمغا ئاساس بولغانىدى. يېشىم چوڭايغانسىرى ئانام توغرىلىق كۆپ ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم، بولۇپمۇ ئۇنىڭ قوشنىلارغا بولغان مۇئامىلىسىنى ئويلىغىنىمدا خىيالىم ئانامنىڭ ئەينى چاغلاردىكى ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئېسىمگە سالىدۇ. مەكتەپتىن قورساقلىرىمىز ئاچقىنىچە ئۆيگە قايتىپ، ئانامنىڭ ھورى ئۆرلەپ تۇرغان تامىقىغا ئۈلگۈرۈپ تاماق ئۈستىلىگە يىغىلغىنىمىزدا، ئۇ: ھاي قولۇڭلارنى يۇيۇڭلار، سىز بۇ تاماقنى قوشنىلارغا ئەكىرىپ بېرىپ ئاندىن يەڭ، دەپ كورا ئاغزى يېپىلغان مېزىلىك تاماقنى قولۇمغا تۇتقۇزاتتى، بۇ چاغدا مەن دومسايغىنىمچە تاماقنى قوشنىمىزغا ئەكىرىپ بېرىپ يۈگۈرگەن پېتى يېنىپ كىرەتتىم ۋە ئانامدىن: ئۇلارمۇ تاماق ئېتىپتىغۇ، يەنە نېمىشقا تاماق ئەكىرىمىز، دەپ سورىسام، ئۇ: بالام، ھەر بىر ۋاق تاماقتا قوشنىلارنىڭمۇ رىزقى بولىدۇ، ئىسسىق تاماق قوشنىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، دەپ جاۋاب بېرەتتى.

     بىزنىڭ قوشنىلىرىمىز ئۈچ مىللەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۆيىمىزنىڭ سول تەرىپىدە ياز كۈنلىرى دومبىرا چېلىپ پات-پات ئۆلەن ئېيتىپ قويىدىغان، ئىككى مەڭزى ھەر ۋاقىت قىزىرىپلا تۇرىدىغان، ھەر قېتىم تاغدىكى يايلاققا بارسا ئۆيىمىزنى قىمىز، قۇرتلار بىلەن توشقۇزىۋېتىدىغان، قوي، ئۆشكىلىرىمىز كېسەل بولۇپ قالسا كېچىنى كېچە دېمەي كىرىپ داۋالىشىپ بېرىدىغان قازاق قوشنىمىز يۈسۈپقان، ئوڭ تەرىپىمىزدە قوشنىدارچىلىقتا 3-ئەۋلادقا ئۇلاشقان خەنزۇ قوشنىمىز لى ئەيپىڭ، كەينىمىزدە ھېيت-بايراملاردا ئوخشىتىپ پىشۇرۇلغان مايلىق قوتۇرماچ، پىرەنىكلەرنى ئېلىپ كىرىپ خۇشاللىق ئۈستىگە خۇشاللىق قوشىدىغان خۇيزۇ قوشنىمىز سوپىيە بار ئىدى. بىزمۇ ھەر مىللەتتىن بولغان قوشنىلىرىمىزنىڭ بالىلىرى بىلەن تەڭ ئويناپ بىر-بىرىمىزنىڭ تىلىنى ئازدۇر-كۆپتۇر بىلىدىغان، ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى چۈشىنىشىدىغان بولۇپ چوڭ بولدۇق. چاغاندا ئۇيغۇر، قازاق، خۇيزۇ قوشنىلار خەنزۇ قوشنىمىزنىڭ ئۆيىگە كىرىشكە ئالدىرايتتۇق ھەم ئانىلىرىمىز سېلىپ بەرگەن ساڭزىنى ئاۋايلاپ كۆتۈرگىنىمىزچە ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە ماڭاتتۇق. ھېيت-بايراملاردا خەنزۇ قوشنىمىزنىڭ بالىلىرى تۇخۇم، كۆكتات قاچىلانغان سېۋىتىنى كۆتۈرۈشۈپ ئۆيلىرىمىزگە ھېيتلاپ كىرەتتى...

     ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرچىنى راۋان سۆزلەيدىغان، ھەتتا سۆز ئارىلىقىدا ماقال-تەمسىللەرنى ئىشلىتىپ قويىدىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتىنى خېلى ئوبدان چۈشىنىدىغان خەنزۇ قوشىنىمىز لى ئەيپىڭ بىلەن قوشنا بولغىنىمىزغا خېلى ئۇزاق بولغانىدى. 1974-يىلى مومام ئېغىر ئاغرىپ قالغاچقا، بوۋام مومامنى داۋالىتىش ئۈچۈن كۈنەس ناھىيەسىنىڭ تالدى بازىرىدىكى ئۆيىنى سېتىۋېتىپ، غۇلجا شەھىرىنىڭ توغراق يېزىسىغا كۆچۈپ كەلگەنىكەن. بوۋام-موماملار كۆچۈپ كەلگەن كۈنى كەچتە قوشنىمىز لى ئەيپىڭنىڭ قېيىنئاتىسى بىر سېۋەت كۆكتات ۋە تۇخۇم ئېلىپ بوۋام-موماملار بىلەن كۆرۈشكىلى كىرگەنىكەن. شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ ئىككى ئائىلە ئىناق قوشنىلاردىن بولۇپ ئۆتۈپ تا بۈگۈنكىچە 42 يىل بوپتۇ. بۇ 42 يىل جەريانىدا ئىككى ئائىلىنىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى مەھەللىدىكىلەر ئارىسىدىلا ئەمەس يىراق-يېقىندىكىلەر ئارىسىدىمۇ كەڭ تارقىلىپ كەلمەكتە. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ئالاھىدە تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بۇ ئىككى ئائىلىنىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىقى ھەر ۋاقىت بىزگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ. بىزنىڭ مەھەللىدە بۇ ئىككى ئائىلىلا ئەمەس يەنە خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، خۇيزۇدىن ئىبارەت تۆت مىللەت ئوتتۇرىسىدىمۇ نۇرغۇن تەسىرلىك ھېكايە تارقالغان. بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ئەزەلدىنلا ئۇلار بىلەن ئۇرۇق-تۇغقاندەك ئۆتەتتۇق. چۈنكى بىز بىر-بىرىمىزنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى چۈشىنەتتۇق ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلاتتۇق. قوشنىمىز لى ئەيپىڭنىڭ بالىلىرى مەندىن خېلىلا كىچىك ئىدى. كىچىك ۋاقتىمىزدا لى ئەيپىڭ ئاچام ئېتىزلىقىغا ئىشلىگىلى كەتكىنىدە ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، بالىلىرىنى بىزنىڭ ئۆيگە قويۇپ قوياتتى، مەن ئۇكىلىرىمغا قارىغاچ ئۇلارنىڭمۇ ھالىدىن تەڭ خەۋەر ئالاتتىم.

     قوشنىلارنىڭ شۇنداق ئىناقلىقى نەۋرىلەرگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەنىدى. نەۋرىلەر قوشنىمىزنىڭ ئالدىغا «گۇنياڭ» چوڭ ئاپا، -دەپ يۈگۈرۈپ كەلسە، ئۇمۇ قوللىرىنى كەڭ ئېچىپ نەۋرىلەرنى ئەركىلىتىپ قوياتتى ۋە سېتىشقا قىيمىغان تۇخۇملىرىنى يىغىپ ئانامغا نەۋرىلىرىڭگە پىشۇرۇپ بەر، دەپ كۆتۈرۈپ چىقاتتى. ھەممىدىن قىزىق يېرى ئۇمۇ ئەتكەنچاي ئىچمىسە بېشى ئاغرىيتتى، ئەزەلدىن ئۆيدە كالا سۈتى ئۆكسۈتمەيدىغان ئانامغا قوشنىسى ئۈچۈن سۈت ئېلىپ قويۇش ئادەتكە ئايلانغانىدى. پارنىكتا كۆكتات ئۆستۈرىدىغان قوشنىمىزمۇ يېڭى كۆكتاتلىرىنىڭ باش بۇنىنى ئانامغا كۆتۈرۈپ كىرىپ: يەپ باقە دېيىشنى ئۇنتۇپ قالمايتتى...

     ھېكايىلەر مېنىڭ قەلبىمگە ھەممە مىللەت بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق ئۆتىدىغان مۆھۈرنى باسقانىدى. بۈگۈنكى كۈندە قوشنىمىزنىڭ بالىلىرى بىلەن خەنزۇ تىلىدىمۇ، ئۇيغۇر تىلىدىمۇ سۆزلىشەلەيمىز. خىزمەت، تۇرمۇش ئىشلىرىمىز توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرالايمىز، بىر-بىرىمىز يولۇققان قىيىنچىلىقلارغا ياردەم بېرەلەيمىز.

     شۇنداق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى−مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە ئالاقە داۋامىدا باراۋەر، دوستانە ئۆتۈپ، ئۆزئارا ئىشىنىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ھەمكارلىشىپ، ئىناق ئۆتۈپ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئائىت تەسىرلىك ھېكايىلەر ناھايىتى كۆپ. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ھاياتلىق، كۈچ، ئۈمىد مەنبەسى. ھەر مىللەت خەلقىنىڭ روھىي جەھەتتە بىر-بىرىگە تايىنىپ، بىرلىكتە قوغدىنىپ، بەختىيار، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈشىمىزنىڭ مۇستەھكەم كاپالىتى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۆپچىلىكنىڭ قوغدىشىغا، پەرۋىش قىلىشىغا موھتاج. بىز بىر نىيەتتە ھەمكارلاشساقلا، ھەر قانداق قىيىنچىلىقنى يېڭەلەيمىز. ھەر بىرىمىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن كىچىك بولسىمۇ بىر ئىش قىلساق، «چوڭ ئائىلە» ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشساق، جەزمەن غايەت زور كۈچ ھاسىل بولۇپ، بارلىق قىيىنچىلىق ۋە خىرىس ئۈستىدىن غالىب كېلەلەيمىز.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.