مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مۇھاكىمە مۇنبىرى

    قىسىملارغا يۇقىرى ساپالىق ياشلارنى ئەۋەتىپ بېرىش كېرەك

    ئامانگۈل2017-07-12 17:14:17شىنجاڭ گېزىتى

    ئابلىمىت ئىمام

     ئەسكەر ئېلىش خىزمىتى دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەش، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداش، قىسىملارنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئۇل قۇرۇلۇش. يېڭى ئەسكەرلەر ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ كۈچ مەنبەسى، قىسىملارغا يۇقىرى ساپاسلىق ئەسكەرلەرنى ئەۋەتىپ بېرىش ئارمىيەنىڭ كەلگۈسىدىكى جەڭدە غەلىبە قىلىشىغا ۋە دۆلەت مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەشكە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىش. قىسىم ئادەم تەربىيەلەيدىغان، تاۋلايدىغان چوڭ پېچ، چوڭ مەكتەپ، يېڭى ئەسكەرلەرنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى-ناچارلىقى، مەلۇماتى، سىياسىي ساپاسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى ئۇلارنىڭ تېزدىن لاياقەتلىك ھەربىي بولۇپ چىقىش-چىقالماسلىقىغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. قىسىمغا بىر لاياقەتسىز ياشنى ئەسكەرلىككە ئەۋەتكەنلىكنىڭ ئۆزى پارتىيە ۋە خەلق ئالدىدا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىقتۇر. شۇڭا، ھەر دەرىجىلىكلەر ئەسكەر ئېلىش جەريانىدا سىياسىي ئېڭى، بۇرچ ئېڭى ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ئەسكەر ئېلىشتا پاك-دىيانەتلىك بولۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرنى ئاڭلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەسكەر ئېلىشتىكى ھەر بىر ئۆتكەلنى چىڭ ئىگىلەپ، قىسىملارغا مۇنەۋۋەر ياشلارنى ئەۋەتىپ بېرىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

     بىرىنچى، ئەسكەرلىككە تىزىملاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش لازىم. ئەسكەرلىككە تىزىملاش − ئەسكەر ئېلىش خىزمىتىنىڭ ئاساسى، ئەسكەرلەرنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇھىم ھالقىسى. شۇڭا، ئەنئەنىۋى ئەسكەرلىككە تىزىملاش ۋاسىتىسى بىلەن ئۇچۇرلاشقان ئەسكەرلىككە تىزىملاش ۋاسىتىسىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋى ئالاقە قوراللىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئەسكەرلىككە تىزىملاش سىياسىتىنى توردا تەشۋىق قىلىش، توردا ئەسكەرلىككە تىزىملاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئەسكەرلىككە تىزىملاش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش؛ ئەسكەرلىككە تىزىملاش بىلەن دۆلەت مۇداپىئەسى تەشۋىقاتىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسى پائالىيىتىنى تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق جانلىق، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇپ، ئەسكەرلىككە تىزىملاش خىزمىتىدە قىزغىن كەيپىيات شەكىللەندۈرۈپ، ئەسكەرلىك يېشىدىكى ياشلارنىڭ قانۇن بويىچە ھەربىي خىزمەت ئۆتەش ئاڭلىقلىقىنى ئۆستۈرۈش؛ مەركەزلەشتۈرۈپ تىزىملاش بىلەن تارقاق ھالەتتە تىزىملاشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەكتەپ، زاۋۇتلارغا بېرىپ ئەسكەرلىككە تىزىملاش ۋە ئىشىك ئالدىغا بېرىپ ئەسكەرلىككە تىزىملاش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئەسكەرلىككە تىزىملاش نىسبىتىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئۆستۈرۈش لازىم.

     ئىككىنچى، ئەسكەر ئېلىش خىزمىتىنى مىقدارلاشتۇرۇپ باھالاشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. ئەسكەر ئېلىش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ئېلىنغان يېڭى ئەسكەرلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ نەتىجە-ئۈنۈمنى باھالاش ۋە قىسىملارنىڭ جەڭگىۋارلىقنى باھالاشتىكى تەجرىبە-ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىپ، ئەسكەر ئېلىش خىزمىتىنى مىقدارلاشتۇرۇپ باھالاش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىپ، ئەسكەر ئېلىش خىزمىتىنى مىقدارلاشتۇرۇپ باھالاشنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى، تەشكىللەش-يولغا قويۇش ئۇسۇلى، مەزمۇن-ئۆلچىمى، مۇكاپاتلاش-جازالاش تەدبىرى قاتارلىقلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئەسكەرلىككە تىزىملاش، سالامەتلىك تەكشۈرۈش، سىياسىي تەكشۈرۈش قاتارلىق باسقۇچلاردىكى خىزمەتلەرنى مىقدارلاشتۇرۇپ باھالاپ ۋە نومۇر قويۇپ رەتكە تۇرغۇزۇپ، ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىپ، بۇ يىللىق ئەسكەر ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە پۇختا ئاساس سېلىش لازىم.

     ئۈچىنچى، ئەسكەر ئېلىشتا پاك-دىيانەتلىك بولۇش تۈزۈمىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم. ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، قىسىملارغا يۇقىرى ساپالىق ياشلارنى ئەۋەتىپ بېرىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئەسكەر ئېلىشتا پاك-دىيانەتلىك بولۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش لازىم. ئالاقىدار ئورۇنلار گېزىت، رادىيو، تېلېۋىزىيە، تەشۋىقات تورى قاتارلىقلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، جەمئىيەتكە، بولۇپمۇ ئىستۇدېنتلارغا ئەسكەر ئېلىشتا پاك-دىيانەتلىك بولۇشقا ئائىت سىياسەت، تۈزۈملەرنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ئەسكەر ئېلىشتا پاك-دىيانەتلىك بولىدىغان قويۇق كەيپىياتنى كۈچەپ شەكىللەندۈرۈشى؛ ئەسكەر ئېلىشقا ئائىت سىياسەت، بەلگىلىمىلەرنى، بولۇپمۇ ئىستۇدېنتلارنى ئەسكەرلىككە ئېلىشقا ئائىت ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىنى، شۇنىڭدەك تەكشۈرۈشكە قاتنىشىدىغانلار، سالامەتلىك ۋە سىياسىي جەھەتتىكى تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغانلار ۋە ئەسكەرلىككە بېكىتىلگەنلەر تىزىملىكى قاتارلىقلارنى تەلەپ بويىچە ئېلان قىلىپ، ئەسكەر ئېلىش خىزمىتىنى باشتىن-ئاخىر ئاشكارا ئىشلەپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى لازىم.

     قىسقىسى، ئەسكەر ئېلىش خىزمىتى دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە ئاساس سالىدىغان، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان ئۇل خىزمەت، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇۋاتقان نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، تېخىمۇ ئەستايىدىل ئورۇنداشقا تېگىشلىك شەرەپلىك ۋەزىپە. شۇڭا، ھەر دەرىجىلىك ھەربىي خىزمەت ئورگانلىرى ئاكتىپ، تەشەببۇسكار بولۇپ، ئەسكەر ئېلىش خىزمىتى پىكىر يولىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈپ، يېڭى ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىپ، يېڭى ئالاھىدىلىكلەرنى ئىگىلەپ، يېڭى تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، يېڭى مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىشى؛ يەرلىكتىكى پارتكوملار ۋە ھۆكۈمەتلەرنى ئالاقىدار سىياسەتلەر، قانۇن-نىزاملارنى تۈزۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ماسلاشتۇرۇپ، ئەسكەر ئېلىش خىزمىتىنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇشىغا، قىسىملارغا يۇقىرى ساپالىق ياشلارنىڭ ئەۋەتىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.