مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۈيىنى ياڭراتقان ئۆسمۈر

    ئامانگۈل2017-07-12 17:13:05شىنجاڭ ئۆسمۈرلەر گېزىتى

    مۇخبىرىمىز ئايشەمگۈل جاپپار

     كىچىكىدىن باشلاپ ساۋاقداشلىرى بىلەن ئىجىل - ئىناق ئۆتۈپ، قەلبىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى يىلتىز تارتقۇزۇپ خەنزۇ ساۋاقداشلىرى بىلەن دوستلۇق ئورناتقان، ئەتراپىدىكى ئاجىز، قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىشتەك ئالىيجاناپ ئىش - پائالىيەتلىرى بىلەن باشقىلارنى تەسىرلەندۈرگەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 16 - ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇقسىز 1 - يىللىق 4- سىنىپ ئوقۇغۇچىسى مەھلىيا تۇرسۇننىڭ ئىش ئىزلىرى كىشىنى ھەقىقەتەن ھاياجانغا سالىدۇ. بىز مەھلىيانىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى روھى نامايان قىلىنغان ھېكايىلىرىنى ئاڭلاپ باقايلى.

     تىرىشچان پىيونېر

     مەھلىيا تولىمۇ ئوماق، ئاق كۆڭۈل، مۇلايىم قىز. ئۇ مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن خەنزۇ تىلى ئاساسىنىڭ ياخشىلىقى، چىقىشقاقلىقى بىلەن ئۆگىنىش باشلىقى بولۇپ سايلاندى. ئۇ ھەرقايسى پەن دەرسلىرىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ سىنىپتا بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمىدى. ھەر كۈنى سەھەر كېلىپ ئوقۇغۇچىلارنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، دەرستە يېتىشەلمىگەن ساۋاقداشلىرىنى يېتەكلىدى. خەنزۇ تىلى ئاساسى ئاجىز ساۋاقداشلىرىنىڭ تەلەپپۇزىنى توغرىلىشىغا ياردەم بېرىپ، تىل ئۆگىنىشنى تىزلىتىپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەتتىن بولغان ساۋاقداشلىرى بىلەن چۈشىنىشنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇپ ئىناق - ئىتتىپاق ئۆتتى. ئۆگىنىش ۋە ئائىلىسىدە قىىينچىلىقى بار ساۋاقداشلىرىغا ئىزچىل ياردەم بەردى.

     ئىتتىپاقلىق ئۈلگىسى

     مەھلىياغا ئاپىسى دائىم «دوستلۇق مىللەت ئايرىمايدۇ، ھەممىمز بىر ئائىلە كىشىلىرى» دەپ تەربىيە بېرەتتى. مەھلىيا تۆت ياشقا كىرگەندىن باشلاپ خەنزۇ قوشنىسىنىڭ قىزى جاڭ رۈيجا بىلەن بىللە ئويناپ چوڭ بولدى. ئۇلارنىڭ ئۆيى بىر بىنادا بولۇپ ھەر كۈنى بىللە ئوينايتتى، مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن تېخىمۇ يېقىن دوستلاردىن بولۇپ بىر - بىرىنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ تاپشۇرۇقلارنى بىللە ئىشلىدى. مەكتەپتە بولغان ئەھمىيەتلىك، قىزىقارلىق ئىشلار توغرىسىدا ئۆزئارا سۆھبەتلەشتى. مەھلىيا دەرسلەردە بىلەلمىگەن جايلىرىنى خەنزۇ دوستى جاڭ رۈيجادىن سوراپ ئۆگەندى. ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئويناش ۋە ئۆگىنىش جەريانىدا ئۆزئارا تىل ئۆگەندى. مەھلىيا جاڭ رۈيجادىن خەنزۇ تىلىنى ئۆگەنسە جاڭ رۈيجا مەھلىيادىن ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگەندى. ئۇلار تىل ئۆگىنىش جەريانىدا چۈشىنىشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۈردى. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى پىيانىنو ئۆگىنىشكە قىزىقاتتى، ئىنگلىز تىلى ئۆگىنەتتى. ئىككىسىدىكى بۇ ئورتاقلىق ئۇلارنى خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بىر- بىرىگە باغلاپ يېقىن دوستلاردىن بولۇشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. ئۇلارنىڭ دوستلۇقىغا مەستلىكى كەلگەن ئاتا - ئانىلىرى ئائىلە بويىچە دالا پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ باردى، سىرتقا تاماققا بىرگە چىقتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق رىشتىسى تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئۈلگىلىك ئائىلىلەرگە ئايلاندى.

     كىچىك ساخاۋەتچى

     مەھلىيانىڭ ئاپىسى ئاياللارنىڭ يىغىلىش چايلىرىدىكى بىرقىسىم ئىسراپچىلىقلارنى تۈگىتىپ شۇ چاي - يىغىلىشلارنى ئەھمىيەتلىك ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۇرۇق - تۇغقان، دوستلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ «كۆزمۇنچاقلار» ئۈندىدار سالونىنى قۇردى. بۇ سالۇن ئارقىلىق ئۇ ياخشى ئىشلارنى كۆپرەك قىلىش، قىيىنچىلىقتا قالغان كىشىلەرگە ياردەم بېرىشنى تەشەببۇس قىلدى. مەبۇرە خانىم چايدىكى دوستلىرى بىلەن ھەر قېتىم پائالىيەت قىلغاندا قىزى مەھلىيانى بىللە ئېلىپ باراتتى ۋە قىزىغا: «باشقىلارغا ياردەم بېرىش ئالىيجاناپ خىسلەت، شۇڭا سىزمۇ چوڭ بولغاندا باشقىلارغا ياردەم بېرىدىغان ياخشى ئادەم بولۇڭ» دەپ تەربىيە بېرەتتى. ئاپىسىنىڭ قىلىۋاتقان ياخشى ئىشلىرىنى كۆرگەن كىچىك مەھلىيانىڭ قەلبىدە ئاستا - ئاستا ساخاۋەتنىڭ يىلتىزى بىخ سۈرۈشكە باشلىدى. بىر كۈنى ئۇ ئاپىسىغا: «مەنمۇ يىغىپ قويغان پۇللىرىمنى باشقىلارغا ياردەم قىلسام بولامدۇ» دېدى. بۇ گەپنى ئاڭلىغان مەبۇرە خانىم قىزىدىن چەكسىز سۆيۈنۈپ، قىزىنىڭ تۇنجى قېتىم ساخاۋەتلىك ئىش قىلىشىغا مەدەت بەردى. ئۇ 2011 - يىل ھېيتتا ئاپىسى بىلەن بىرلىكتە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە بېرىپ يىغىپ قويغان 300 يۈەن پۇلىنى ياشانغانلار ساناتورىيىسىگە ئىئانە قىلدى. ئۇ يەنە ئاپىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە 2014 - يىلدىن باشلاپ ساۋاقداشلىرىنىمۇ سەپەرۋەر قىلىپ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان كېسەل، ئاجىزلارغا ئىئانە توپلىدى ۋە ئۆزىمۇ پارچە - پۇرات پۇللىرىنى يىغىپ 200 يۈەن ياردەم بەردى. ئۇ يەنە چوڭلار بىلەن بىللە ئۈرۈمچى شەھەرلىك «گۈزەل ئالەم» ياشانغانلار ساناتورىيەسى، sos بالىلار كەنتى، «ئالقىش» ساناتورىيەلىرىگە بېرىپ ئۇسسۇل ئويناپ پىيانىنو چېلىپ بەردى.

     مەھلىيا ئىنتايىن تىرىشچان. ئۇ ھەر يىلى مەكتەپ بويىچە «ئۈچتە ياخشى» ئوقۇغۇچى، «ئىلغار سىنىپ كادىرى»، «مۇنەۋۋەر پىيونېر»، «ھېسابلاش ماھىرى» بولۇپ باھالانغاندىن سىرت 2015 -، 2016 - يىللىرى رايون، شەھەر بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۆيۈپ، گۈزەل يۇرت - ماكان بەرپا قىلايلى» تېمىسىدىكى «قوش تىل»دا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە ئايرىم - ئايرىم ھالدا بىرىنچى، ئىككىنچىلىككە ئېرىشىپ تەقدىرلەندى.

     مەھلىيا مۇنداق دەيدۇ: «دۆلىتىمىزدە 56 مىللەت بار. دوستلۇقنىڭ چېگرىسى يوق، مەيلى بىز قايسى مىللەتتىن بولايلى قەلبىمىزدە ئۇلۇغۋار غايە، يۈكسەك ئىنتىلىش بولىدىكەن ھەر مىللەت بالىلىرىنىڭ دوستلۇق رىشتىسى مەڭگۈ ئۈزۈلمەيدۇ».

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.