مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    پەن - تېخنىكا شەرەپ تاجىغا نائىل بولغان دېھقان

    ئامانگۈل2017-07-12 17:05:37شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى

    ئۆز مۇخبىرلىرىمىز نۇرگۈل مۇھەممەت، سەمەت ئېلى

     «ئىلگىرى، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ بىز بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، ئۇ ئالىي مەلۇماتلىق كىشىلەرنىڭ، ئالىملارنىڭ قىلىدىغان ئىشى، دەپ قارايتتىم. بۈگۈن بۇ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە نەتىجىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇشنىڭ قىممىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇق. يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىشەنچىمىز تولۇپ تاشتى، غەيرىتىمىز ھەسسىلەپ ئاشتى!»

     19 - ئۆكتەبىر ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى، پەن - تېخنىكا مۇكاپاتلاش يىغىنىدا قاراقاش ناھىيە ئالتۇن ئاچقۇچ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى، ئىنژېنېر ساۋۇر ئابدۇكېرەم ئاپتونوم رايوننىڭ 1 - دەرىجىلىك پەن - تېخنىكا تەرەققىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىلى سۈپىتىدە سۆز قىلدى، ھاياجانلانغانلىقىدىن بولسا كېرەك، ئۇنىڭ ئاۋازى سەل تىترەپ چىقىۋاتاتتى.

     يىغىن ئاخىرلاشقاندا ساۋۇر ئابدۇكېرەمنى بىر مۇنچە مۇخبىرلار ئورىۋالغان جايدىن تاپتۇق.

     ــ بۇ بىزنىڭ دىرېكتور مەتتۇرسۇن ئەمەر، ـ دېدى ساۋۇر ئابدۇكېرەم يېنىدىكى مەيدىسىگە يوغان قىزىل گۈل تاقىغان، خۇشاللىقتىن ئاغزى يۇمۇلماي قالغان كىشىنى تونۇشتۇرۇپ.

     ــ بۇنداق كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغىنىمىزنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدۇق، بۇ بىزدەك ئاساسىي قاتلامدىكى ئاددىي تېخنىك خادىملار ئۈچۈن زور مەدەت بولدى! ـ دېدى مەتتۇرسۇن ئەمەر. ئۇنىڭ قارامتۇل كەلگەن چىرايى خۇشاللىقتىن پارقىراپ كەتكەن ئىدى.

     بۇ يىل 57 ياشقا كىرگەن مەتتۇرسۇن ئەمەر ئاپتونوم رايوننىڭ 2015 - يىللىق 1 - دەرىجىلىك پەن -تېخنىكا تەرەققىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن «كۆپ ئىقتىدارلىق دان ئايرىش ماشىنىسىنى ئېچىش ۋە قوللىنىش» (ئىشچى، دېھقانلار تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈرى)نىڭ ئاساسلىق تاماملىغۇچىسى، «ئالتۇن ئاچقۇچ» شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى. قاراقاش ناھىيە قاراقاش بازار كوناشەھەر كەنتىدە چوڭ بولغان «سېپى ئۆزىدىن» بىر دېھقان قانداق قىلىپ تېخنىكىدا يېڭىلىق ياراتقۇچىغا ئايلاندى؟ يەنە قانداق قىلىپ بۇنداق كاتتا پەن - تېخنىكا مۇكاپاتىغا نائىل بولدى؟

     رېمونتچىلىقتىن باشلانغان قەدەم

     ــ 80 - يىللارنىڭ باشلىرى خوتەننىڭ يېزىلىرىدا تۈگمەندە دىزېل موتور ئىشلىتىش ئومۇملىشىشقا باشلىدى، لېكىن ئۇنى رېمونت قىلالايدىغانلار كۆپ ئەمەس ئىدى. مەن بۇ ئىشقا قىزىقىپ، بىر رېمونتچىلىق دۇكىنىغا شاگىرتلىققا كىرىپ، دىزېل موتور رېمونت قىلىشنى ئۆگەندىم. ـ دەپ سۆز باشلىدى مەتتۇرسۇن ئەمەر، ـ شۇ قاتاردا ھەر خىل يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى رېمونت قىلىشنىمۇ ئۆگىنىۋالدىم. بۇ تېخنىكىلىق ھۈنەر بولغاچقا، جانغا ئەسقاتتى. 1982 - يىلى ناھىيە بازىرىدا ئۆز ئالدىمغا رېمونتچىلىق دۇكىنى ئېچىۋالدىم.

     مەتتۇرسۇن ئەمەر ئىشنى رېمونتچىلىقتىن باشلىغىنى بىلەن، ناھايىتى تېزلا بازارنىڭ ئۈسكۈنە ـ زاپچاسلارغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ كۈچلۈكلىكىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن رېمونتچىلىق ۋە ھەر خىل يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئۈسكۈنە -زاپچاسلىرى تىجارىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىشىنى ئوبدان يۈرۈشتۈرىۋالدى.

     ــ بىر قېتىم ئاقسۇغا مال ئالغىلى بېرىپ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ زاپچاسلىرىنى ساتىدىغان خۇبېيلىق ئىككى سودىگەر بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا مالنى بىۋاسىتە ئىچكى ئۆلكىلەردىن كىرگۈزسەم خېلىلا ئەرزان توختايدىغانلىقىنى بىلدىم، شۇنىڭ بىلەن بىراقلا 80 مىڭ يۈەنلىك مال كىرگۈزىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. ئۇلار مېنىڭ سۆزۈمدىن چۆچۈپ كەتتى، چۈنكى ئۇ چاغلاردا ماڭا ئوخشاش كىچىك تىجارەتچىلەر بىر قېتىمدا نەچچە مىڭ يۈەنلىكلا مال زاكاز قىلاتتى. مەن يەنە پۇلنى مالنى سېتىپ بولۇپ بېرىش توغرىسىدا ئۇلارنى قايىل قىلدىم، شۇنىڭ بىلەن بىر قېتىمدا 40 مىڭ يۈەنلىك مال سېلىپ بەردى، ــ دېدى مەتتۇرسۇن ئەمەر دەسلەپ ئىگىلىك تىكلىگەن چاغلىرىدىكى ئىشلارنى ئەسلەپ.

     يېتەرلىك مال مەنبەسىگە ئېرىشكەن مەتتۇرسۇن ئەمەر مەھسۇلات تۈرلىرىنى كۆپەيتىپ، تىجارىتىنى باشقا ناھىيەلەرگىمۇ كېڭەيتىپ، 1987 - يىلىغا بارغاندا تارماق دۇكان ۋە سېتىش نۇقتىلىرىنى 58 گە يەتكۈزدى. مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تىجارەت دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، يېڭى تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى كىرگۈزۈپ ساتتى.

     ــ تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلغان چېغىمىزدىلا، خېرىدارلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلەيمىز. شۇڭا، بىز ساتقان ھەرقانداق ماشىنىدىن كاشىلا چىقسا، ھەقسىز ئوڭشاپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلدىم. بۇ جەرياندا يېڭى - يېڭى ماشىنا، ئۈسكۈنىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، يېڭى تېخنىكىلارنى ئىگىلىدىم، بىلەلمەي قالغان نۇقتىلار توغرىسىدا كەسىپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سورىدىم، تەجرىبەم موللاشقانسېرى، ئىگىلىكنى زورايتىش ئىشەنچىم ئاشتى.

     ئەمەلىي ئېھتىياجنى چىقىش قىلىپ يول ئېچىش

     جەنۇبىي شىنجاڭدا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەرنىڭ ئاز بولۇشى ئەمەلىي مەسىلە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مېۋىلىك دەرەخ بىلەن زىرائەتنى كىرىشتۈرۈپ ئۆستۈرۈش ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى. بۇنىڭ بىلەن، چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجىغا ماسلىشالمىغاچقا، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تىجارىتى سۇسلاپ، چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىلماي قالدى. قانداق قىلىش كېرەك؟ مەتتۇرسۇن ئەمەر يېڭى تەرەققىيات يولى ئۈستىدە كۆپ ئىزدەندى، ئۇنىڭ كاللىسىدا شۇنداق بىر نەرسە ئايدىڭ ئىدى: بازار ئېھتىياجىغا ماسلىشالىغاندا تىجارەت ئاقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ خېرىدارلارنىڭ ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ بەردى، بۇنىڭ ئۈنۈمى خېلى ياخشى بولغان بولسىمۇ، مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلغىلى بولمىدى. ئۇ يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ يەرلىكنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجىنى چىقىش قىلغان ئاساستا، مەشغۇلاتقا قولايلىق كىچىك تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ياساپ چىقىپ، دېھقانلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى، بۇنىڭ ئىچىدىكى دان ئايرىش ماشىنىسىنىڭ بازىرى ئەڭ ئىتتىك بولدى. 2009 - يىلى ئۇ قاراقاش ناھىيەلىك ئالتۇن ئاچقۇچ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى قۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن تىجارەت ئەندىزىسىنى يولغا قويدى.

     ئەمدىكى مەسىلە مەھسۇلات قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش ھەم ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئىدى.

     ــ مەيلى ماشىنا قۇرۇلمىسى بولسۇن ياكى زاپچاس بولسۇن، تەسەۋۋۇر قىلالايمەن ھەم تەسەۋۋۇرۇم بويىچە ياساپ چىقالايمەن، ئەمما ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئېلىش ئۈچۈن، ئۆلچەملىك خەرىتىسىنى سىزىش، ئىشلەپچىقىرىش ئۆلچىمىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە تەستىقلىتىش كېرەك، بۇلارغا ئاجىزلىق قىلدىم. ‎ــ دېدى مەتتۇرسۇن.

     دەرۋەقە، مەتتۇرسۇننىڭ دېگىنى ئەمەلىيەت. ئەمما، بۇ قىيىنچىلىق ئۇنىڭ يولىنى توسۇپ قالالمىدى. ئۇ ھەمكارلىشىش، شىركەتتە ۋەزىپە ئۆتەشكە تەكلىپ قىلىش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن كەسىپ ئەھلىلىرى، كەسپىي تېخنىك خادىملارنى شىركىتىدە ئىشلەشكە جەلپ قىلىپ، لايىھەلەش، ئىشلەپچىقىرىش جەھەتلەردە يولۇققان قىيىن مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى. ساۋۇر ئابدۇكېرەم دەل شۇلارنىڭ بىرى.

     ــ مەن مېخانىكا كەسپىنى پۈتتۈرگەن، ئىلگىرى پاختا توقۇمىچىلىق زاۋۇتىدا ئىشلەپچىقىرىش تېخنولوگىيەسىگە مەسئۇل ئىدىم. 2010 - يىلى «ئالتۇن ئاچقۇچ» شىركىتىگە كەلگەندىن كېيىن، مەھسۇلات ئۆلچىمىنى قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولدۇم. ماشىنا - سايمانلارنى ياساش ياكى ئۆزگەرتىپ ياساشتا تەجرىبىسىگىلا تايىنىش، بىر تۇتاش ئىشلەپچىقىرىش ئۆلچىمى بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى تۈزۈپ چىقتۇق. ھەرقانداق ماشىنا - سايماننى ياساشتا ئالدى بىلەن خەرىتىسىنى سىزىپ، ئىشلىتىدىغان ماتېرىيال، زاپچاس، ھەتتا ھەر بىر بولتىلىرىغىچە ئىلمىي ئۆلچەم بېكىتىپ، ياساپ چىققاندىن كېيىن ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىش سىنىقىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن رەسمىي ئىشلەپچىقىرىپ كېڭەيتىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق.

     ــ بىر تۇتاش ئىشلەپچىقىرىش ئۆلچىمى كارخانىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا قانات بولدى، ــ دېدى مەتتۇرسۇن ئەمەر مەمنۇنلۇق بىلەن، ــ مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ سۈپىتى ۋە ئىقتىدار جەھەتتىكى مۇقىملىقى تېخىمۇ ياخشىلىنىپ، خېرىدارلىرىمىز بارغانسېرى كۆپەيدى. ھازىر شىركىتىمىزنىڭ دان ئايرىش ماشىنىسىلا 4 خىل ئۆلچەم بويىچە ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، ئىلگىرىكىدەك زاپچاسلىرى چۈشمەي قالىدىغان ئەھۋال مەۋجۇت ئەمەس.

      يېڭىلىققا ئىنتىلگۈچى يېڭىلمەس

     دان ئايرىش ماشىنىسى «ئالتۇن ئاچقۇچ» شىركىتىنىڭ كوزىر مەھسۇلاتى، بۇ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن «كۆپ ئىقتىدارلىق دان ئايرىش ماشىنىسى» 7 - ئەۋلاد مەھسۇلات بولۇپ، 4 تۈرلۈك پاتېنت تېخنىكىسىغا ئىگە. تېخنىكا تەركىبى، قوللىنىشچانلىقى ۋە ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى بولغاچقىلا، ئىلتىماس قىلىنغان 50 نەچچە ئىشچى - دېھقانلار تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈرى ئىچىدىن تاللىنىپ «تۆرگە ئۆتتى».

     ــ ئەڭ دەسلەپكى دان ئايرىش ماشىنىسىدا 10 ئادەم بىر سائەتتە kg500 ــ kg600 دان ئايرىيتتى، ھازىر ئىككى ئادەم بىر سائەتتە kg1000 ــ kg1500 دان ئايرىيالايدۇ. ئېزىش، شاكىلىدىن ئايرىش، سورۇش، تاسقاش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى بىر قېتىمدىلا تاماملايدۇ، ئارىلاشما ماددا نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن، تېخى شالغىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ــ دان ئايرىش ماشىنىسىنىڭ ئىقتىدارىنى تونۇشتۇرىۋاتقان مەتتۇرسۇننىڭ چىرايىدا ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئەكس ئېتىپ تۇراتتى. ــ مەھسۇلاتنى تەتقىق قىلىپ ياساشتا ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتىنى ئاساس قىلساق، مۇلازىمەتتە خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئاساس قىلدۇق. بۇ جەرياندا يولۇققان تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ھەل قىلىپ، مەھسۇلاتلىرىمىزنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردۇق.

     2014 - يىلى بۈگۈرلۈك بىر خېرىدار ئۇلاردىن سېتىۋالغان دان ئايرىش ماشىنىسىنىڭ بۇغداي غولىنى ئېزىشى ياخشى بولمىغانلىقىنى، سامىنىنى قويلىرىغا بەرسە ئېغىزىنى يارا قىلىۋەتكەنلىكىنى ئىنكاس قىلدى. مەتتۇرسۇن ۋە ساۋۇر ئابدۇكېرەملەر نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقتى.

     ــ بۈگۈردە تېرىلىدىغان بۇغداي سورتى خوتەننىڭكى بىلەن ئوخشىمايدىكەن، قىلتىرىقى تىكەندەك قاتتىقكەن، ــ دەپ چۈشەندۈردى ساۋۇر ئابدۇكېرەم، ــ شۇنىڭ بىلەن دان ئايرىش ماشىنىسىنى تېخىمۇ يۇمشاق ئېزىدىغان قىلىپ تەڭشەپ بەردۇق، شۇنىڭدىن كېيىن بۈگۈرگە سېتىلىدىغان دان ئايرىش ماشىنىلىرىنى مۇشۇ ئۆلچەم بويىچە ئىشلەيدىغان بولدۇق.

     بۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ، مەتتۇرسۇن ئەمەر، ساۋۇر ئابدۇكېرەملەرنىڭ بەزىدە بىرەر تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلالماي، نەچچە كۈنگىچە خاتىرجەم ئۇخلىيالمىغان چاغلىرىمۇ بار. لېكىن، ئۇلار دەل مۇشۇنداق قىيىن مەسىلىلەرنى بىر - بىرلەپ ھەل قىلىش جەريانىدا ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىدى، مەھسۇلات قۇرۇلمىسىدا، ئىشلەپچىقىرىش تېخنولوگىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، بازار ئېھتىياجىغا يەنىمۇ ماسلاشتى.

     2014 - يىلى شىركەت ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن، يېڭىلىق يارىتىش بويىچە مۇكاپاتلاش تۈزۈمىنى يولغا قويدى. شىركەت خادىملىرى ياخشى تەكلىپ، لايىھەلەرنى ئوتتۇرىغا قويسا، ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، 50 يۈەندىن 5000 يۈەنگىچە نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ.

     ــ مەن 2000 يۈەن دەسمايە بىلەن يالغۇز ئىش باشلىغان ئىدىم، مانا ھازىر كارخانىمىزدا 80 نەچچە ئىشچى – خىزمەتچىمىز بار، 28 تۈرلۈك مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىمىز، 8 تۈردە پاتېنتقا ئېرىشتۇق. پەن - تېخنىكىغا تايانمىغان بولساق، يېڭىلىق ياراتمىغان بولساق، بۇ نەتىجىلەرگە ئېرىشەلمىگەن بولاتتۇق. شۇڭا، خادىملىرىمىزنى تېخنىكىلىق تەربىيەلەشنى چىڭ تۇتىمىز، ئىشچىلىرىمىزنىڭ ياتاق، تامىقى ھەقسىز، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئايدا 3000 يۈەن مائاش ئالىدۇ. تېخنىكىغا پىشقانلىرى كۆتۈرە ئېلىپ ئىشلەپ، ئايدا 8000 ــ 10000 يۈەن مائاش ئالىدۇ.

     يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قاراقاش ناھىيەلىك پەن - تېخنىكا تارماقلىرىمۇ «ئالتۇن ئاچقۇچ» شىركىتىنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرىنى قوللاپ، ئۇلارنىڭ پەن - تېخنىكا تۈرلىرىنى ئىلتىماس قىلىشىغا ياردەم بەردى. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە، شىركەت ئىلتىماس قىلغان «كۆپ ئىقتىدارلىق دان ئايرىش ماشىنىسىنى ئېچىش ۋە قوللىنىش» تۈرى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار يېڭىلىق يارىتىش فوندىنىڭ 350 مىڭ يۈەن تۈر مەبلىغىگە ئېرىشتى. تۈر ئارقىلىق يېتەكلەش ۋە مەبلەغ جەھەتتىن قوللاش نەتىجىسىدە، كارخانىنىڭ تەرەققىيات نىشانى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتى، تەتقىقات – ئېچىش شارائىتى يەنىمۇ ياخشىلاندى. نۆۋەتتە، «ئالتۇن ئاچقۇچ» شىركىتى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 10 مىليون يۈەنگە يېتىدىغان پۇقراۋى پەن - تېخنىكا كارخانىسىغا ئايلىنىپ، مەھسۇلاتلىرى خوتەن، قەشقەر، قىزىلسۇ، ئاقسۇ، بايىنغولىن، تۇرپان، قۇمۇل قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاستلاردا بازار تاپتى.

     ساۋۇر ئابدۇكېرەم توغرا دەيدۇ: «ھازىر ئاساسىي قاتلامدا تېخنىكىدا يېڭىلىق ياراتقۇچىلارغا سىياسەت جەھەتتىن ئېتىبار قىلىدۇ، پەن - تېخنىكا تۈرلىرىدە مايىللىشىدۇ، مەبلەغ جەھەتتىن قوللايدۇ. تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئىشى ئەمەس، مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان كىشىلەرنىڭ ئىشىغا ئايلاندى...»

     دەل شۇنداق بولغاچقا، مەتتۇرسۇن ئەمەردەك شىجائەتلىك دېھقانلىرىمىز قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرىدىغان پۇرسەتكە، قىممىتىنى نامايان قىلىدىغان سەھنىگە ئېرىشتى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.