مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مۇھاكىمە مۇنبىرى

    ئۆگىنىشنىڭ ياش چەكلىمىسى، چېكى بولمايدۇ

    ئامانگۈل2017-07-12 16:42:03قاراماي گېزىتى

    مۇختار مۇھەممەد

     ئۆگىنىش توغرىسىدا گەپ بولسا خېلى بىر قىسىم چوڭلار: «ياش بىر يەرگە باردى، ئەمدى ئۆگىنىپ نېمە قىلارمەن؟» دېسە، ئوتتۇرا ياشتىكىلەر:«مەن ئۆگىنىشنى مەكتەپتە قىلىپ بولغان، شۇمۇ يېتەرلىك، كېيىنچە بىر گەپ بولار» دەيدۇ، كىچىكلەر بولسا:«ھازىر مەكتەپتە ئۆگىنىۋاتىمەن» دەيدۇ. ھەممىسىنىڭ باھانىسى يېتەرلىك بولسىمۇ، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدۇ. مەن دېمەكچى بولغان ئۆگىنىش نوقۇل ھالدىكى سىياسىي ئۆگىنىش ياكى كەسپىي ئۆگىنىش بولماستىن، بەلكى ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىشنى كۆرسىتىدۇ. ئەلۋەتتە، ھازىرقى دەۋردە سىياسىي ئۆگىنىش، كەسپىي ئۆگىنىش كەم بولسا ئەڭ مۇھىم نەرسىدىن ئايرىلىپ قالغان بولىسىز _ دە، تۇرمۇش، خىزمەتتە قەدەمدە بىر ئاجىزلىقىڭىز ئاشكارىلىنىپ، ئۆزىڭىزنىڭ دەۋرگە ماس كەلمىگەنلىكىڭىزنى ھېس قىلىسىز.

     مەن ئارىلىشىدىغان بىر قىسىم تونۇشلار ئۈندىدارغا شۇنداق ئۇستا، ئەمما ھازىرغىچە تېلېفونىغا ئىسىم كىرگۈزەلمەيدۇ، ئۈندىداردىكى ئەخلەتلەرنى تازىلاشنى، دوستلىرىنى قېتىۋېلىشنى بىلمەيدۇ، بىرەر سورۇندا بىللە بولسىڭىز خۇددى ئېقىم مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسىدەك دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىن سۆزلەيدۇ، لېكىن ھاجەتخانىغا كىرسىمۇ يېنىدىن ئايرىشقا كۆزى قىيمايدىغان يان تېلېفونىنى ئۆگىنىشنى خالىمايدۇ.

     ئادەمنىڭ ھاياتى ئۆگىنىش بىلەن ئۆتىدۇ. ياش ۋاقتىمىزدا ئارزۇ _ ئارمىنىمىزغا يېتىش، مۇقىم خىزمەت، ئۆزىمىزنىڭ ئىسسىق ئۆيى بولۇش ئۈچۈن ئۆگىنىمىز؛ ئوتتۇرا ياش ۋاقتىمىزدا قەلبىمىزدىكى، يەنى كاللىمىزدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ئۆگىنىمىز؛ ياشانغاندا نىيەت، ئىدىيە، يەنى كەيپىياتنى توغرىلاپ خۇشاللىق تېپىش ئۈچۈن ئۆگىنىمىز. ئۆگىنىش ئادەمگە بىر ئۆمۈر ئەقىل _ پاراسەت، خۇشاللىق ھەم سالامەتلىك ئاتا قىلىدۇ، قەلبىمىزنى ساپلاشتۇرىدۇ. ئۆگىنىشتىن توختىغان ئادەم ئېنېرگىيەسىز موتورغا ئوخشايدۇ، ئاقىۋىتى قىلغان ئىشلىرىغا پۇشايمان قىلىش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

     مېنىڭچە، ئۆگىنىشتىكى مەقسەت ئادەم بولۇش، ئادەم بولۇشتىكى مەقسەت ئادىمىيلىكنى بىلىش. ئادىمىيلىكنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئەخلاق. ئەخلاقسىز ئادەم باي بولسۇن، زىيالىي بولسۇن ياكى ھوقۇقدار بولسۇن، ئىشتان كىيگۈزۈلگەن مايمۇندىن پەرقلەنمەيدۇ. دېمەك، ئەخلاق دىن، قانۇن ئىدارە قىلالمىغان نۇرغۇن تەرەپلەردىن ئادەمنى چەكلەپ تۇرىدۇ. شۇڭا، بىزدە «ئەخلاقنى ئەخلاقسىزدىن ئۆگەن» دېگەن ماقال بار.

     1. ئۆگىنىشتە توغرا ئىدىيە بولۇش كېرەك. ئۆگىنىش ئىدىيەسىنىڭ توغرا _ خاتا بولۇشى شۇ ئۆگەنگۈچىنىڭ كېيىنكى ھاياتىنى بەلگىلەيدۇ. ئۆگىنىش ئۈچۈن ئۆگەنسىڭىز، ئۇ سىزنىڭ كۈن ئۆتكۈزۈش كويىدا بولۇۋاتقان بىكار تەلەپ ياكى ئۆگىنىشىڭىزنى باشقىلارغا كۆز _ كۆز قىلىدىغان چاكىنا ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدۈرىدۇ؛ نەزىرىيەنىلا ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتكە تەتبىقلىمىسىڭىز ھاماقەت ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدۈرىدۇ. قىسقىسى، ئۆگىنىش ئىدىيەيىڭىز توغرا بولمىسا، ھەرقانداق بىلىملىك ئوقۇتقۇچىمۇ سىزگە بىلىم يۇقتۇرالمايدۇ. شۇڭا، توغرا ئۆگىنىش ئىدىيەسى تىكلەپ، ھەرقانداق يەردە، ھەرقانداق ۋاقىتتا توختاۋسىز ئۆگىنىپ، ئۆزىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ مېڭىشىمىز كېرەك.

     2. ئۆگىنىشتە ئەستايىدىل بولۇش كېرەك. ئەستايىدىللىق ئۆگىنىشنىڭ ئەڭ چوڭ تۈۋرۈكى، ئەستايىدىل بولغاندا ئۆگىنىشنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ. بۈگۈن رومان ئوقۇشقا، ئەتە نەسر يېزىشقا، ئۆگۈن مال بېقىشقا، يەنە بىر كۈنى چۈشكىچە ئۇخلاشقا قىزىقسىڭىز، ئۇنداقتا سىز يەنىلا ئىشتان كىيگەن مايمۇندىن پەرقلەنمەيسىز. پاۋىل كورچاگىن مۇنداق دېگەن: «دۇنيادا ئەڭ قىممەتلىك نەرسە ئادەمنىڭ ھاياتى، چۈنكى ھايات بىر قېتىملا كېلىدۇ». مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئادەم ھاياتىدا يا ئۇنداق، يا مۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھەر خىل روللارنى ئېلىشى مۇمكىن، مەيلى قانداق رول ئېلىشىدىن قەتئىينەزەر، ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا ئۆز ھاياتىدىن، ھايات مۇساپىسىدىن نومۇس قىلماسلىقى، ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۈر نېمىش قىلغانلىقىنى، بىرەر كىتاب ئوقۇپ بالىلىرى ياكى نەۋرىلىرىگە بىرەر مىنۇتلۇق چۆچەك سۆزلەپ بېرەلمىگەنلىكىدىن، بىرەر ھۈنەر ئۆگىنىپ ئۆزىنىڭ ياكى قوشنىلىرىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالمىغانلىقىدىن پۇشايمان قىلماسلىقى كېرەك. شۇڭا، ئەستايىدىل بولۇپ، ھەرقانداق يەردە، ھەرقانداق ۋاقىتتا توختاۋسىز ئۆگىنىپ، ئۆزىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ مېڭىشىمىز كېرەك. ئۆگىنىشتە ئەستايىدىل بولمىغاندا، ھېچقانداق ئىشنى باشقا ئېلىپ چىققىلى بولمايدۇ. بۇ، خۇددى مايمۇننىڭ ھەممە نەرسىنى دوراپ، بىرىنىمۇ ئۆگىنەلمەي، ئاخىرىدا يەنىلا ئىشتانسىز قالغىنىغا ئوخشايدۇ.

     3. ئۆگىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئالدى بىلەن كىتاب ئوقۇش. ئىسرائىلىيەدە بىر يىلدا بىر ئادەم ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 57 پارچە كىتاب ئوقۇيدىكەن، دۆلىتىمىزدە بولسا بىردىن سەللا ئاشىدىكەن، مىللىتىمىزدە قانچىلىك؟ بۇنى ھازىرقى ئەھۋالدا بىرنېمە دېمەك تەس. بىزدە «سۇنۇقتىن باشقىسى يۇقىدۇ» دەيدىغان ماقال بار. ئۇنداق بولغانىكەن، ئۆگىنىشنى ئەسكەرتىپ تۇرساق سۇنۇقتىن باشقىسى يۇققاندەك ئۇلارغىمۇ يۇقۇپ قالار.

     4. ئۆگىنىشنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئۇسۇلى گېزىت ئوقۇش. ھازىر تور، ئۈندىدار، بىلوگ، ئاخبارات يۇمشاق دېتالى قاتارلىق يېڭى تاراتقۇلار مەيدانغا كېلىپ، گېزىت ئوقۇيدىغانلار ئازلاپ قالدى. بۇنى نورمال ئەھۋال دېيىشكە بولىدۇ، ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن گېزىت ئوقۇماسلىق نورمال ئەمەس. مېنىڭچە، گېزىت ئوقۇشنىڭ مۇنداق ياخشى تەرەپلىرى بار:

     پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئەڭ يېڭى سىياسىتىدىن، يېڭى ئۇچۇردىن، توغرا جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىدىن تولۇق خەۋەردار بولالايسىز؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە قارشى تۇرۇش توغرىسىدىكى نادىر ئەسەرلەر بىلەن ئۆزىڭىزنى قوراللاندۇرالايسىز؛ ئۆزىڭىز ۋە ئائىلىڭىز ئۈچۈن تۇرمۇش، ساغلاملىق، بالا تەربىيەلەش جەھەتتە مول بىلىمگە ئىگە بولۇپ، ھاياتلىق يوللىرىڭىزنى كېڭەيتەلەيسىز؛ قانۇن ساۋاتلىرى ئارقىلىق بىخەتەر ھەم مۇستەھكەم قورغان قۇرالايسىز؛ نەزەر دائىرىڭىزنى كېڭەيتىشنىڭ ساياھەت يېتەكچىسى قىلالايسىز......

     قىسقىسى، ئۆگىنىش، داۋاملىق ئۆگىنىش، بىر ئۆمۈر ئۆگىنىش ئادەمنى ساغلام قىلىدۇ، روھىي پۇچەكلىكتىن نېرى قىلىدۇ، ئادەم بولۇشنى، ئادىمىيلىكنى ئۆگىتىدۇ، ئەخلاقلىق قىلىدۇ. تىرىشىپ، ئەستايىدىل، توغرا ئىدىيە بىلەن ئۆگىنىش ھېچكىمنى قۇرۇق قول قويمايدۇ، پۇشايماندىن نېرى قىلىدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.