مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مۇھىت

    كەلپىن ناھىيەسى ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى 

    ئامانگۈل2017-07-05 12:06:19شىنجاڭ گېزىتى

     ئالتۇنگۈل ھاشىم خەۋەر قىلىدۇ: كەلپىن ناھىيەسى دۆلەتنىڭ ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش تولۇقلىمىسى بېرىش سىياسىتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئوتلاقلارنىڭ چېكىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداپ، چارۋىچىلىقنىڭ سىجىل تەرەققىياتى ۋە چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا پۇختا ئۇل سالدى.

     بۇ ناھىيەدە كۆپىنچە چارۋىچى چارۋا ماللارنى يايلىتىپ باققانلىقتىن، ئوتلاق ئېكولوگىيەسى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ئوتلاقنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكەنىدى. ناھىيە دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ چارۋىچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇش، ئوتلاق ۋە چارۋا مال تولۇقلىمىسى سىياسىتىنى چارۋىچىلارغا تەشۋىق قىلىپ، ئۇلارنى بېدە، قاشقا بېدە تېرىشقا، چارۋا ماللارنى قوتاندا بېقىشقا ئىلھاملاندۇردى. بۇنىڭ بىلەن ناھىيەدىكى تەبىئىي ئوتلاقنىڭ سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. يېقىنقى بەش يىلدا 890 ئائىلىگە 6 مىليون 623 مىڭ يۈەن ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش تولۇقلىمىسى تارقىتىلىپ، 1 مىليون 950 مىڭ مو ئوتلاقنىڭ سۈپىتى ياخشىلاندى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.