مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مۇھىت

    ئىلى ئوبلاستىدا زەھەرلىك ئوت–چۆپلەر يوقىتىلغان ئوتلاق كۆلىمى387 مىڭ مودىن ئاشتى

    ئامانگۈل2017-07-05 12:01:41شىنجاڭ گېزىتى

      ئابدۇسالام قادىر خەۋەر قىلىدۇ: ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلار بۇ يىل 400 مىڭ مو ئوتلاقتا زەھەرلىك ئوت – چۆپنى يوقىتىش، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى پىلانلاپ، زەھەرلىك ئوت – چۆپ يوقىتىش دورىسى چېچىش، ئادەم كۈچى ئارقىلىق زەھەرلىك ئوت – چۆپنى كولاپ يوقىتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئوتلاقلاردىكى زەھەرلىك ئوت – چۆپنى يوقىتىش، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى. نەتىجىدە غۇلجا، نىلقا، كۈنەس، توققۇزتارا، موڭغۇلكۈرە، تېكەس ناھىيەلىرىدە زەھەرلىك ئوت – چۆپ يوقىتىلغان ئوتلاق كۆلىمى 387 مىڭ 100 موغا يەتتى.

     غۇلجا ناھىيەسىدە پايدىلىنىشقا بولىدىغان ئوتلاق كۆلىمى 4 مىليون 770 مىڭ مو بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نورمىدىن ئاشۇرۇپ چارۋا بېقىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئوتلاقلار چېكىنىپ، زەھەرلىك ئوت – چۆپ بېسىپ كەتكەن كۆلەم 1 مىليون 200 مىڭ موغا يەتكەنىدى. بۇ ناھىيە 2012 – يىلىدىن باشلاپ ئادەم كۈچى ئارقىلىق زەھەرلىك ئوت – چۆپلەرنى كولاپ يوقىتىش ئارقىلىق 300 مىڭ مو ئوتلاقنى تازىلىدى. 2015 – يىلىدىن باشلاپ مەخسۇس زەھەرلىك ئوت – چۆپ يوقىتىش، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەترىتى تەشكىللەپ، خىمىيەلىك دورا ئارقىلىق 150 مىڭ مو ئوتلاقتىكى زەھەرلىك ئوت – چۆپنى يوقىتىپ، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى سۈپەتلىك، مول ئوت – چۆپ كاپالىتىگە ئىگە قىلدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.