مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇن ئۇچۇرلىرى

    زەھەرنىڭ خەۋپىنى ئېنىق تونۇپ، زەھەردىن يىراق تۇرايلى

    ئامانگۈل2017-06-29 18:18:39شىنجاڭ گېزىتى

    زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىدىكى زەھەر تاشلاۋاتقانلارنىڭ بايانلىرى

     سۈي يۈنيەن

     ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئەترىتى 6 – ئاينىڭ 26 – كۈنىدىكى ‹‹خەلقئارا زەھەر تاشلاش كۈنى›› يېتىپ كېلىش ئالدىدا، 6 – ئاينىڭ 19 – كۈنى ‹‹ئومۇمىي خەلق زەھەر چەكلەش تەشۋىقات ئېيى›› مۇناسىۋىتى بىلەن زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىنى سىرتقا ئېچىۋېتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، تاراتقۇلار، خەلق ئىشلىرى تارمىقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، ئىتتىپاق كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ خادىملىرىنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەجبۇرىي زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا تەكلىپ قىلىپ، زەھەر تاشلاتقۇزۇپ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەربىيەسى بېرىش ئەھۋالىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇردى، زەھەر تاشلاۋاتقانلار پۇشايمان ياشلىرىنى توختىتالمىغان ھالدا زەھەرنىڭ زىيىنى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ھاياتىنى قەدىرلەپ، زەھەردىن يىراق تۇرۇشقا ئاگاھلاندۇردى.

     يېڭى زەھەرنىڭ خەۋپى ئىنتايىن زور

     ئالدىنقى ھەپتىدە كېسەلخانىدا يېتىپ قالغانىدىم، ئاچام قىزىمنى ئەگەشتۈرۈپ يوقلاپ كەپتۇ، قىزىم مەندىن: ‹‹ئاپا، سىزنى نېمىشقا ساقچى تاغام دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىدۇ؟›› دەپ سورىدى، دېدى زەھەر تاشلاۋاتقان شياۋ لىن بوغۇق يىغا ئارىلاش ئاۋازدا، بۇ مېنىڭ مەجبۇرىي زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا 5 – قېتىم كېلىشىم، مەن بۇ ئىشنى قىزىمدىن ‹‹كاماندىروپكىغا چىقتىم›› دەپ يوشۇرۇپ كەلدىم. بىراق ئۇ ھازىر چوڭ بولدى، ئىش ئۇقىدىغان، بىرەر ئىشقا ھۆكۈم چىقىرالىغۇدەك بولۇپ قالدى. قىزىمنىڭ گۇمانلىق قاراشلىرى يۈرىكىمنى زەھەرنىڭ خۇمارىدىن بەكرەك پىچاق تىلغاندەك ئازابلىدى. مەن بۇ قېتىم زەھەردىن تەلتۆكۈس ئادا – جۇدا بولۇپ، ئاپام ۋە قىزىمغا ياخشى ھەمراھ بولۇشنى نىيەت قىلدىم.

     ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەجبۇرىي زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىنىڭ باشلىقى ما جىباۋنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەجبۇرىي زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىدا يېڭى زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغانلار تېز كۆپەيگەن. ئۈچ يىل ئىلگىرى يېڭى زەھەرنى چەككۈچىلەر بۇ ئورۇندىكى زەھەر تاشلاتقۇزۇۋاتقانلار ئومۇمىي سانىنىڭ %30ىگىمۇ يەتمەيدىغان بولسا، ھازىر يېرىمىغا يېقىننى ئىگىلەيدىغان بولغان، زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ يېشىنىڭ بارغانسېرى كىچىكلەۋاتقانلىقىدەك ۋەزىيەت كىشىنى ئەنسىرىتىدىكەن.

     ئەپيۈن، خىروئىن قاتارلىق ئەنئەنىۋى زەھەرگە سېلىشتۇرغاندا، يېڭى تىپتىكى زەھەر خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ بىرىكمىسىدىن ياسالغان، خىيالىي دۇنياغا باشلاپ كىرىش، روھلاندۇرۇش تىپىدىكى زەھەر بولغاچقا، ئادەمنىڭ مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپ، ئادەمنى روھلاندۇرۇۋېتىدىكەن ياكى گۇمانخور قىلىۋېتىدىكەن، كۆپ چەككەندە ئادەمنى ھېچ ئىشقا خوشياقماس، باشقىلارغىلا تاينىدىغان قىلىپ قويىدىكەن. شۇڭا خەلقئارا زەھەر چەكلەش ئەھدىنامىسى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن – بەلگىلىمىلىرىدە بۇنداق زەھەرنى چەكلەش بەلگىلەنگەن.

     تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يېڭى تىپتىكى زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرغان ۋە ئۇلارنى كېسەلگە گىرىپتار قىلغاندىن باشقا، مىجەز – خاراكتېرىنى ئاسانلا ئۆزگەرتىپ، تېرىككەك، كۆزىگە ھېچنېمە كۆرۈنمەيدىغان ۋەھشىي، دېگىنىنى قىلىدىغان جاھىل قىلىۋېتىدىكەن. ئۇزاق مۇددەت چەككۈچىلەرنىڭ نېرۋىسىنى كاردىن چىقىرىپ، ئېلىشىپ قېلىش، خامۇشلۇق ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ، ئېغىرلاشقاندا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشتەك ئاقىۋەتنى پەيدا قىلىدىكەن.

     زەھەر تاشلاۋاتقانلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار زەھەر بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچراشقاندا، ‹‹ئىرادىمىز قەتئىي، تاشلايمىز دېسەكلا تاشلىۋېتەلەيمىز، سىناپ باقساق كارايىتى چاغلىق›› دېگەن ئويدا بولغان، ئەمما ئىش ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىدەك بولماي، بىر قېتىم چېكىش بىلەنلا زەھەرگە خۇمار بولۇپ، زەھەرنىڭ قىزىقتۇرۇشىغا زادىلا تاقابىل تۇرالمىغان. شۇڭا زەھەر چەككۈچىلەر ‹‹چەمبىرىكى›› ئىچىدە مۇنداق گەپ تارقالغان: بىر كۈن زەھەر چەكسەڭ، ئۆمۈرۋايەت زەھەر تاشلايسەن.

     ئۇقۇشىمچە، مەجبۇرىي زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىدا زەھەر تاشلىغۇچىلار ئوكۇل – دورىلار ئارقىلىق ئىلمىي، ئۆلچەملىك داۋالىنىش بىلەن بىللە، پىسخولوگىيەلىك داۋالىنىدىكەن، ئۇلارغا سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى قىلدۇرۇلۇپ ۋە كەسىپ – تېخنىكا تەربىيەسى بېرىلىپ، ئۇلارنىڭ زەھەر تاشلاپ يېڭى تۇرمۇشقا قەدەم قويۇشىغا زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىلىدىكەن. ساقچىلار ئۇلارغا سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، كۆپرەك چېنىقىشنى، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆپرەك بىللە بولۇشنى، ‹‹چېكەرمەن دوستلىرى››لىرىدىن يىراق تۇرۇشنى قايتا – قايتا جىكىلەيدىكەن.

     ساقچىلار مۇنۇلارنى مۇراجىئەت قىلدى: زەھەر تاشلىغۇچىلارنىڭ تۇيۇق يولدىن قايتىپ كېلىشىگە ياردەم بېرىش جەمئىيەتتىكى ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى، ئۇلارمۇ خىزمەت قىلىش پۇرسىتىگە، باشقىلارنىڭ ھۆرمەت قىلىشىغا ۋە ئىلھام بېرىشىگە موھتاج.

     ھەر قانداق سەۋەب زەھەر چېكىشكە باھانە بولالمايدۇ

     ئىدارەمدىن رۇخسەت سورىدىم، لېكىن ئىدارەمدىكىلەر زەھەر چېكىۋاتقانلىقىمنى بىلمەي قالمايدۇ، خىزمىتىمنى ساقلاپ قالالمايدىغانلىقىم تۇرغانلا گەپ. ئاتا – ئانامغا زەھەر چېكىۋاتقانلىقىمنى ئېيتىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدىم، دېدى 27 ياشلىق شياۋ لى يىغلاپ تۇرۇپ.

     شياۋ لى ئەسلىدە ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانساراينىڭ بۆلۈم دىرېكتورى ئىدى، ئۇ ئورۇقلاش ئۈچۈنلا زەھەر چېكىپ باقتى. ئەمەلىيەتتە ئۇ ئىلگىرى تەشۋىقاتلاردىن زەھەرنىڭ خۇمارىدىن قۇتۇلۇشنىڭ تەسلىكىنى بىلگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا گۈزەللىكنى سۆيۈش ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى سەۋەبلىك، زەھەر پاتقىقىغا پاتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ھەر ئايلىق 10 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك مائاشى زەھەر چېكىشكە يەتمىدى، ئورۇقلاپ بەدەن ئېغىرلىقى 47 كىلوگىرامغا چۈشۈپ قالدى، مەڭزى ئولتۇرۇشۇپ، چىرايى سارغىيىپ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەپ كەتتى. زەھەر تاشلىغان بىر ئايدىن بۇيان ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئاستا – ئاستا ئەسلىگە كېلىپ، مەڭزىگىمۇ قىزىللىق يۈگۈردى.

     كۆپچىلىكنىڭ مەندىن ئىبرەت ئېلىپ، زەھەرگە ھەرگىز يېقىن يولىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى شياۋ لى.

     زىيارەت داۋامىدا ئۇقۇشىمچە، زەھەر تاشلاۋاتقانلار دەسلەپتە ھەر خىل باھانىلەر بىلەن زەھەر بىلەن ئۇچراشقان، لېكىن زەھەرگە خۇمار بولغاندىن كېيىنكى ئاقىۋىتى ئوخشاش بولغان، يەنى سالامەتلىك جەھەتتە تۈگىشىپ، ئائىلىسىدىكىلەر ۋە ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەرلىرىنىڭ ئىشەنچىدىن مەھرۇم قالغان، ھەتتا ئائىلىسى خانىۋەيران بولغان.

     شياۋ ۋاڭ ئەسلىدە مۇنەۋۋەر مۇھەررىر ئىدى، ھالبۇكى بۈگۈنكى كۈندە ئۇمۇ زەھەر تاشلىغۇچىغا ئايلاندى.

     كىچىكىمدىنلا نەتىجەم ياخشى ئىدى، ئالىي مەكتەپتە ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان كەسىپتە ئوقۇپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان خىزمەتكە ئورۇنلاشتىم، دېدى ئۇ.

     شياۋ ۋاڭ خىزمەتلەرنى تىرىشىپ ئىشلىگەچكە، رەھبەرلىرى ۋە خىزمەتداشلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۆزىگە تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ قويۇپ ئىشلىدى. شياۋ ۋاڭ ئىچ مىجەز بولغاچقا، بېسىمىنى قانداق يەڭگىللىتىشنى بىلمەيتتى، شۇڭا بىرەر مەسىلىگە يولۇققاندا قاۋاقخانىغا بېرىپ ھاراق ئىچىپ ئۆزىنى ناركوزلايتتى. ئۇ بۇ جەرياندا ئاستا – ئاستا زەھەر چېكىدىغان ‹‹دوست››لىرى بىلەن تونۇشۇپ، ئىشنىڭ ئاخىرىنى يىغىشتۇرالمىدى. خىزمەتنى كۆڭۈل قويۇپ ئىشلىمەي، يالغان سۆزلەپ باشقىلارنى ئالدىدى، سەۋەبسىز ئىش تاشلىدى... ئۇ ھەر كۈنى خىيالىي دۇنياغا غەرق بولۇپ، يېقىنلىرى ھەم دوستلىرىغا سوغۇق، قوپال مۇئامىلە قىلدى.

     بۇنىڭدىن كېيىنكى يولنىڭ قانچىلىك مۇشەققەتلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ زەھەر تاشلايمەن، ماڭا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ھەم مېنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىنى يەردە قويسام بولمايدۇ. مەن باشقىلارنىڭ ماڭا ئوخشاش ئازغۇن يولدا ماڭماسلىقىنى، قانداق باھانە – سەۋەب بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، زەھەرگە يېقىن يولىماسلىقىنى، گۈزەل تۇرمۇشىنى ۋەيران قىلماسلىقىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۆتۈنىمەن، دېدى شياۋ ۋاڭ ئۆكۈنگەن ھالدا.

     ‹‹خۇشال كۈنلەر›› ئۇلارنىڭ ئارزۇسى

     شۇ كۈنى زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىدا زەھەر تاشلاۋاتقانلار ئۆزلىرى تەييارلىغان سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاپ، ئۆز سەرگۈزەشتىسى ئارقىلىق ئەتراپىدىكىلەرگە ھاياتنى قەدىرلەپ، زەھەردىن يىراق تۇرۇشنى ئەسكەرتتى.

     ئۇلار ئورۇنلىغان ئېتۇت ‹‹زەھەر تۇمانلىرى ئىچىدىكى ئۆكۈنۈش›› ھەقىقىي ھېكايىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىلگەنىدى، ئەر باش قەھرىماننىڭ زەھەرنى زىيادە كۆپ چېكىۋېلىپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى، خوتۇن – بالىلىرىنىڭ ھەسرەتتە قالغانلىقىدەك كۆرۈنۈش قايتىدىن ئەكس ئەتكەندە، نەق مەيداندىكىلەر كۆز ياشلىرىنى تۇتۇۋالالماي قالدى.

     كوللېكتىپ ئۇسسۇل ‹‹خۇشال كۈنلەر››نىڭ باش ئۇسسۇلچىسى خاXنىڭ مەجبۇرىي زەھەر تاشلاۋاتقىنىغا يېرىم يىلدىن ئاشقانىدى، سالامەتلىكىمۇ خېلى ئەسلىگە كېلىپ قالغانىدى. ئىلگىرى ئۇ زەھەر چەككەنلىكى ئۈچۈن خىزمىتىدىنمۇ ئايرىلغان، خوتۇنىمۇ ئۇنى تاشلاپ كەتكەنىدى.

    مەن ساغلام ئادەم بولۇپ، تىرىشىپ ئىشلەپ، خوتۇنۇم بىلەن يارىشىۋېلىشنى، ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى، ئۇسسۇلدىكىگە ئوخشاش خۇشال كۈنلەرنىڭ يېتىپ كېلىشىگە تەقەززامەن، دېدى ئۇ.

     شۇ كۈنى خاX بىلەن بىللە ئۇسسۇل ئوينىغان گۈلى سۇس گىرىم قىلىپ، باشقىچە بولۇپ كەتكەنىدى، ئۇنىڭ زەھەر چەككەنلىكىگە كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى. ئۇ تويدىن كېيىن ئېرىنىڭ زەھەر چېكىدىغانلىقىنى ئۇقۇپ، نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ نەتىجىسى بولمىغاننىڭ ئۈستىگە، ئائىلە زۇلۇمىغا ئۇچرىغاچقا، ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئۇمۇ زەھەر چېكىشكە باشلىغانىدى.

     مەن چوقۇم زەھەر تاشلاپ، ياخشى ئادەم بولۇپ، ئاتا – ئانام ئالدىدا يوقاتقان غۇرۇرىمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشۈم كېرەك، دېدى ئۇ كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا.

     زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىدىكى ساقچى زاڭ ۋېينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىدىكىلەر زەھەر تاشلاۋاتقانلارنى سەنئەت نومۇرلىرىنى تەييارلاشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، دائىم ئويۇن قويۇپ تۇرىدىكەن. بۇ پائالىيەتلەر ئارقىلىق زەھەر تاشلاۋاتقانلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى نامايان قىلىنىدىكەن، ئۇلارغا تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكى، ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھېس قىلدۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ يېڭى ھاياتقا بولغان ئىشەنچى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.