مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇن ئۇچۇرلىرى

    مۇھىت ۋە بايلىقنى قوغداشقا چېتىلىدىغان جىنايەتلەرگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىلدى

    مەۋلۇدە2017-06-21 15:42:39شىنجاڭ گېزىتى

    خاسىيەت جۈمە

    ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى يېقىندا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيانقى مۇھىت ۋە بايلىقنى قوغداشقا چېتىلىدىغان جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى سوت قىلىش ئەھۋالىنى ئۇقتۇردى ھەمدە بىر قانچە تىپىك دېلونى ئېلان قىلدى.

        ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ۋاڭ خەيچىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېقىنقى يىللادىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى خەلق سوت مەھكىمىلىرى مۇھىت ۋە بايلىقنى قوغداشقا چېتىلىدىغان جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى سوت قىلىپ قاراپ چىقىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، مۇھىتنى بۇلغاش، ئورمانلارنى قالايمىقان كېسىش، ئەتىۋارلىق ھايۋانلار ۋە ئۇلاردىن ئىشلەنگەن بۇيۇملارنى ئەتكەس قىلىش، قېزىلما بايلىقنى قالايمىقان ئېچىش، يېزا ئىگىلىك يېرىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش، بۇلغىما قويۇپ بېرىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بەرگەن.

        سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى مۇھىت ۋە بايلىقنى قوغداشقا چېتىلىدىغان جىنايى ئىشلار دېلوسىدىن 14ىگە سوت ئاچقان. 2015 – يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سوت مەھكىمىلىرى سوت ئېچىپ قاراپ چىققان مۇھىت ۋە بايلىقنى قوغداشقا چېتىلىدىغان جىنايى ئىشلار دېلوسى 295كە، ھەق تەلەپ، سودا دېلولىرى 19مىڭ 638گە يەتكەن.

        بۇلغىما قويۇپ بەرگەن كارخانىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلدى

        جاۋابكار ۋاڭ 2015 يىلى 4 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 5 – ئاينىڭ 13 – كۈنىگىچە، باشقىلارنى ياللاپ ئىشلىتىپ، قومۇل شەھىرىدىكى مەلۇم كانچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ غەربىگە 12 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا يەرلىك ئۇسۇلدا كان قېزىپ، تەركىبىدە زەھەرلىك زىيانلىق ماددىلار بار بولغان كېرەكسىز سۇيۇقلۇقنى زاۋۇتى ئەتراپىدىكى ئەۋرەز قۇدۇقىغا قويۇپ بەرگەن. 2015 – يىل 5 – ئاينىڭ 22 – كۈنى قومۇل ۋىلايەتلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى بۇ دېلونى قومۇل ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسىگە يوللاپ بەرگەن. ج خ تارماقلىرى 2015 – يىل 7 – ئاينىڭ 8 – كۈنى جاۋابكار ۋاڭXنى قولغا ئالغان.

        قومۇل ۋىلايەتلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى 2015 – يىل 7 – ئاينىڭ 2 – كۈنى جاۋابكار ۋاڭXكە مەمۇرىي جازا بېرىش قارارنامىسى چىقارغان. قارارنامىدە جاۋابكار ۋاڭX قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى دەرھال توختىتىش ھەمدە تەدبىر قوللىنىپ، ئۈچ كۈن ئىچىدە بۇلغىنىشنى تۈگىتىشكە بۇيرۇلغان؛ 100 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلۇپ، بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە جەرىمانىنى تۆلىمىسە، كۈنىگە جەرىمانە پۇلىنىڭ %3ى بويىچە قوشۇپ جەرىمانە قويۇش بەلگىلەنگەن.

        بۇ دېلوغا سوت ئاچقان سوتچى مۇنداق دېدى: مۇھىت ئاسراش ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا ھەر بىر پۇقرانىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى. بۇ دېلودا، جاۋابكار ۋاڭX زەھەرلىك ماددىلارنى مۇھىتقا قويۇپ بېرىپ، مۇھىت بۇلغاش جىنايىتى سادىر قىلغان. مەمۇرىي ئورگانلار جاۋابكارنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىغا مەمۇرىي جازا بەرگەن بولسىمۇ، ۋاڭXنىڭ قىلمىشى دۆلەتنىڭ زەھەرلىك ماددىلار ياكى باشقا زىيانلىق ماددىلارنى بىر تەرەپ قىلىش بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھەم مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىغان بولغاچقا، مەمۇرىي جازا بېرىش بىلەن تەڭ، جىنايى جاۋابكارلىقىمۇ سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، سوت مەھكىمىسى جاۋابكار ۋاڭXكە مۇددەتلىك بىر يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ، بىر يىل ئالتە ئاي كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش ھەم 150 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇشقا ھۆكۈم قىلدى.

        تېرىلغۇ يەر ئەتراپىدا بازار ئېچىپ، زىرائەتلەرنى بۇلغىغان كارخانا تۆلەم تۆلىدى

        دەۋاگەر لى X 2002 – يىلى قومۇل شەھىرى شەھەر ئىچى يېزىسىنىڭ غەربىي سايدىكى 69 – نومۇرلۇق قۇدۇقنىڭ يېنىدا 30 مو يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ، ئىزچىل تېرىقچىلىق قىلغان. جاۋابكار قومۇلدىكى مەلۇم بىر ھاسىلىي بايلىق بازىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 2008 – يىلى دەۋاگەرنىڭ تېرىلغۇ يېرىنىڭ شەرقىي تەرىپىدە كۆمۈر بازىرى ئاچقان. جاۋابكار كۆمۈر تىجارىتى جەريانىدا قويۇپ بەرگەن كۆپ مىقداردىكى چاڭ – توزان قاتارلىق بۇلغىمىلار دەۋاگەر ۋە قوشنا دېھقانلارنىڭ يېرىدىكى زىرائەتلەرنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىغان، شۇ سەۋەبتىن زىرائەت مەھسۇلاتى ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمى تۆۋەنلەپ كەتكەن.

        دەۋاگەر لى X قاتارلىق دېھقانلار كۆپ قېتىم قومۇل شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىگە بۇ ئەھۋالنى پاش قىلغاندىن كېيىن، مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى جاۋابكارغا تىجارەتنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىش توغرىسىدىكى قارارنى يەتكۈزگەن. ئەمما جاۋابكار تىجارەتنى توختىتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتكەن.

        باھالاش ئاپپاراتلىرى 2012 – يىلى 9 – ئايدا قومۇل شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن جاۋابكار قويۇپ بەرگەن بۇلغىمىلار دەۋاگەر قاتارلىق دېھقانلار تېرىغان زىرائەتلەرنىڭ بۇلغىنىشىغا سەۋەب بولۇپ، ئىقتىسادىي زىيان پەيدا قىلغان ياكى قىلمىغانلىقىنى باھالىغان. نەتىجىدە جاۋابكار قويۇپ بەرگەن بۇلغىمىلار دەۋاگەر قاتارلىق دېھقانلار تېرىغان زىرائەتلەرنىڭ بۇلغىنىشىغا سەۋەب بولغان ھەمدە ھەر مو يەردە 357.63 يۈەن ئىقتىسادىي زىيان پەيدا قىلغان.

        جاۋابكار 2013 – يىلى 12 – ئايدا قومۇل شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ مۇرەسسە قىلىشى بىلەن دەۋاگەر قاتارلىق دېھقانلارغا ھەر مو يەرگە 458.53 يۈەن ئۆلچەم بويىچە 2013 – يىلىدىكى بىر يىللىق ئىقتىسادىي زىيىنىنى تۆلەپ بەرگەن. كېيىن دەۋاگەر كۆپ قېتىم جاۋابكاردىن 2014 – ، 2015 – يىلىدىكى ئىقتىسادىي زىيىنىنىمۇ تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، جاۋابكار تۆلەم بېرىشنى رەت قىلغان.

        ئاخىرىدا مۇرەسسە ئارقىلىق، جاۋابكار قومۇلدىكى مەلۇم ھاسىلىي بايلىق بازىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى دەۋاگەر لى Xكە زىرائەت زىيىنى ئۈچۈن جەمئىي 112مىڭ 50 يۈەننى 2016 – يىل 8 – ئاينىڭ 31 – كۈنىدىن بۇرۇن تۆلەپ بېرىشكە بۇيرۇلغان.

        بۇ دېلوغا سوت ئاچقان سوتچى مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى سەۋەبىدىن پەيدا بولغان ماجىرالار، دەۋالار كەينى – كەينىدىن يۈز بېرىۋاتىدۇ، بۇ كىشىلەرنىڭ مۇھىت ئاسراش ئېڭىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ بىر تەرەپتىن، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ، بولۇپمۇ كارخانىلارنىڭ يېشىل تەرەققىيات كۆز قارىشى ۋە قانۇن بويىچە تىجارەت قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، كارخانىلارغا مۇھىت ئاسراشقا ئالاقىدار تۈزۈم ۋە تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى، مۇھىتنى بۇلغاش بەدىلىگە ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى قوغلاشماسلىقى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.