مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش سۈرەت

    دۆلىتىمىز دېڭىزدىكى تەبىئىي گازلىق سۇ بىرىكمىلىرىنى سىناق قىلىپ ئېلىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازاندى

    ئامانگۈل2017-05-19 10:53:53شىنجاڭ گېزىتى

      شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گۇاڭجۇ، 5 – ئاينىڭ 18 – كۈنى تېلېگراممىسى. زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى، جۇڭگو گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى تەشكىللەپ يولغا قويغان دۆلىتىمىزنىڭ دېڭىزدىكى تەبىئىي گازلىق سۇ بىرىكمىلىرى (كۈيۈشچان مۇز)نى سىناق تەرىقىسىدە ئېلىش دۆلىتىمىزنىڭ جەنۇبىي دېڭىزىدىكى شېنخۇ سۇ تەۋەسىدە ئۇدا سەككىز كۈن مۇقىم ئىشلەپچىقىرىلىپ، سىناق تەرىقىسىدە ئېلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، دۆلىتىمىزدە تەبىئىي گازلىق سۇ بىرىكمىلىرى ئېلىشتا تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈش ھاسىل قىلىندى.

     5 – ئاينىڭ 18 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى سىناق تەرىقىسىدە ئېلىنىدىغان دېڭىز ئۈستى سۇپىسىدا تەبىئىي گازلىق سۇ بىرىكمىسىنى سىناق تەرىقىسىدە ئېلىش نەق مەيدان يىغىنى ئاچتى. زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى جياڭ دامىڭ دۆلىتىمىزنىڭ دېڭىزدىكى تەبىئىي گازلىق سۇ بىرىكمىسىنى سىناق تەرىقىسىدە ئېلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى جاكارلىدى.


    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.