مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    ساخاۋەتلىك يوللاردا سۆيگۈ، ئەل ئالقىشى ياڭرايدۇ مەڭگۈ

    ئامانگۈل2017-05-18 13:08:42شىنجاڭ گېزىتى

    مۇخبىرىمىز مۇبارەك ئىسمائىل

     5 – ئاينىڭ 12 – كۈنى كەچ، شىنجاڭ ‹‹خىلتون›› ئالىي مېھمانسارىيىنىڭ زىياپەت زالى قاينام – تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى. زالغا كىرگەنلا كىشى بۇ يەردىكى ھەرقايسى يۇرتلاردىن كەلگەن ھەر مىللەت كىشىلىرىنى، مىللىيچە كىيىم – كېچەكلەرنى كىيگەن ھەر قايسى مىللەت ئارتىسلىرىنى، پىدائىيلارنى، چوڭلارنى، بالىلارنى كۆرۈپ، بۇ يەردە كاتتا بىر مەرىكە ئۆتكۈزۈلەمدۇ قانداق؟ دەپ قىياس قىلىشاتتى. ئەسلىدە ئۇلار جۇڭخۇا ياشلار، ئۆسمۈرلەر پاراۋانلىق قۇتقۇزۇش فوندى جەمئىيىتىنىڭ ‹‹ئەل مېھرى›› مەخسۇس تۈر فوندى باش بولۇپ ئۆتكۈزگەن، ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار–ئۆسمۈرلەر تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى ھەمكارلاشقان شىنجاڭدىكى ياردەمگە ئېرىشكەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ تەشەككۈر بىلدۈرۈش خەير – ساخاۋەت كېچىلىكىنىڭ ئەزىز مېھمانلىرى ئىدى.

     ئوغلۇم ئەسلىدە ئۆزى يالغۇز سودا – سارايلاردا ئىسكىرىپكا چېلىپ، ئىئانە توپلاپ، ياردەمگە موھتاج كىشىلەرگە ياردەم بېرەتتى، كېيىن ئوغلۇمغا يەنە ئىككى ھەمراھ قوشۇلدى، بۇ ئۈچەيلەن بېيجىڭدا ساخاۋەت ئويۇنى قويماقچى بولغاندا، ئۇلارغا ياردەم بېرىشنى خالايدىغان، مۇزىكا چالالايدىغان 30 كىچىك دوست قوشۇلۇپتۇ، ئۇلار بىرلىكتە ئويۇن قويۇپ، يىغىلغان پۇلنى ئىلھام ئىمىننىڭ يۈرەك ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇشىغا ئىئانە قىپتۇ، ئەتراپىمىزدا ئاق كۆڭۈل كىشىلەر ھەقىقەتەن كۆپ ئىكەن... تەيۋەندىن كەلگەن مېھرىبان ئانا يا پىڭنىڭ ئوغلى بىلەن بىللە ماڭغان ساخاۋەت يولى سورۇندىكى ھەممەيلەننى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى.

     2016 – يىلى 10 – ئايدا، سالامەتلىك تەكشۈرتۈشتە يەكەن ناھىيەسىدىكى توققۇز ياشلىق ئىلھام ئىمىننىڭ يۈرەك كىلاپانىدا تۇغما مەسىلە بارلىقى، ئوپېراتسىيە قىلمىسا بولمايدىغانلىقى ئېنىقلاندى. بالىنى ۋاقتىدا ئوپېراتسىيە قىلمىسا، ئۇنىڭ ھاياتى خەۋپكە ئۇچرايتتى. بالىنىڭ داۋالىنىش راسخوتىغا 60 – 70 مىڭ يۈەن كېتەتتى، قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇنچىلىك پۇلنى جۇغلاش بىر دېھقان ئائىلىسىگە نىسبەتەن ھەقىقەتەن قىيىن ئىدى. ئىلھام ئىمىننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن ئوپېراتسىيەدىن ۋاز كەچمەكچى بولۇپ تۇرغىنىدا، جۇڭخۇا ياشلار، ئۆسمۈرلەر پاراۋانلىق قۇتقۇزۇش فوندى جەمئىيىتى ‹‹ئەل مېھرى›› مەخسۇس تۈرىنىڭ، ئۇنىڭدىن باشقا تەيۋەنلىك مېھرىبان ئانا يا پىڭنىڭ 30 مىڭ يۈەن ياردىمىگە ئېرىشىپ، ئىلھام ئىمىننىڭ يۈرەك ئوپېراتسىيەسىنى ئوڭۇشلۇق قىلدۇردى.

     ئىلھام ئىمىننىڭ دادىسى مۇنداق دېدى: خەير – ساخاۋەتچىلەرنىڭ ياردىمىدە ئوغلۇمنى قايتىدىن ھاياتلىققا ئېرىشتۈردۈم، كۆڭلۈمدە ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز مىننەتدارلىقىم بار، مەن بۇ مىننەتدارلىقىمنى ئوغلۇمنى تەربىيەلەشكە سىڭدۈرۈپ، ئوغلۇمنى باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان، پەزىلەتلىك ئادەم قىلىپ تەربىيەلەشكە تىرىشىمەن.

     ئوغلۇم تۇغۇلۇپ بىر ئايلىق بولغاندا يۈرىكىدە مەسىلە بارلىقى بايقالغان، بىز دېھقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېرىمنىڭ پۇتى ئاجىز، تۆۋەن كاپالەت پۇلى بىلەن تۇرمۇشىمىزنى ئاران قامداپ كېلىۋاتقاچقا، بالىنىڭ ئوپېراتسىيەسىنى قىلدۇرالماي كەلگەنىدۇق، مانا ھازىر جۇڭخۇا ياشلار، ئۆسمۈرلەر پاراۋانلىق قۇتقۇزۇش فوندى جەمئىيىتى ‹‹ئەل مېھرى›› مەخسۇس تۈر فوندىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ، بالامنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرغىنىمغا توققۇز كۈن بولدى، بالىنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن ياخشى، مۇشۇنداق ياخشى تۈرنىڭ بولغانلىقىدىن بەك خۇشال بولدۇق، بىز مىننەتدارلىقىمىزنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيمىز، دېدى نىلقا ناھىيەسىدىن كەلگەن بىر يېرىم ياشلىق ئېرگېن تۇردىبېكنىڭ ئاپىسى چېجاۋخان ساغىنباي ھاياجانلانغان ھالدا.

     ئاپتونوم رايونلۇق كەسپىي كېسەللەر دوختۇرخانىسى يۈرەك تاشقى بۆلۈمىنىڭ ۋىراچى مىرئەخمەت مەمەتزۇنۇن مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا ياشلار، ئۆسمۈرلەر پاراۋانلىق قۇتقۇزۇش فوندى جەمئىيىتىنىڭ ‹‹ئەل مېھرى›› مەخسۇس تۈر فوندى شىنجاڭ پونكىتى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان، دوختۇرخانىمىز بۇ تۈرگە ماس كېلىدىغان ئاغرىقلارنى قوبۇل قىلىپ داۋالىدۇق، مەسلىھەت سورايدىغانلارمۇ كۈنسېرى كۆپەيدى، بۇ فوندنىڭ تەسىس قىلىنىشى ئائىلىسىنىڭ نامراتلىقى سەۋەبىدىن تۇغما يۈرەك كېسىلى بار پەرزەنتلىرىنى داۋالىتالمايۋاتقان كىشىلەرگە ئۈمىد ئېلىپ كېلىدۇ.

     جۇڭخۇا ياشلار، ئۆسمۈرلەر پاراۋانلىق قۇتقۇزۇش فوندى جەمئىيىتى كارخانا مەبلەغ توپلاش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى جاۋ ۋېي مۇنداق دېدى: شىنجاڭلىق بالىلار بىز ياردەم بېرىدىغان مۇھىم نۇقتا، بولۇپمۇ يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدا تۇغما يۈرەك كېسىلى بار بالىلارنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىشى بىزنى تولىمۇ ئەندىشىگە سالدى. شۇڭا بىز بۇ قېتىم مەخسۇس شىنجاڭلىق بالىلارنىڭ غېمىنى يەيدىغان بۇ تۈرنى يولغا قويدۇق.

     ئۇقۇشىمچە، جۇڭخۇا ياشلار، ئۆسمۈرلەر پاراۋانلىق قۇتقۇزۇش فوندى جەمئىيىتىنىڭ ‹‹ئەل مېھرى›› مەخسۇس تۈر فوندى شىنجاڭ پونكىتى 2016 – يىل 9 – ئاينىڭ 15 – كۈنى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاق قان كېسىلى، ئۆسمە قاتارلىق ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان 12 بالا، تۇغما يۈرەك كېسىلى بار 20 بالىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى قۇتقۇزۇپتۇ، 200 دىن كۆپرەك تۇغما يۈرەك كېسىلى بار بالىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ چىقىپتۇ. ھازىر جۇڭخۇا ياشلار، ئۆسمۈرلەر پاراۋانلىق قۇتقۇزۇش فوندى جەمئىيىتىنىڭ ‹‹ئەل مېھرى›› مەخسۇس تۈر فوندى شىنجاڭدىكى تۇغما يۈرەك كېسىلى بار 300 بالىغا ياردەم بەرمەكچى بولۇۋېتىپتۇ.

     ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار، ئۆسمۈرلەر تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋاڭ شيا مۇنداق دېدى: بىز جۇڭخۇا ياشلار، ئۆسمۈرلەر پاراۋانلىق قۇتقۇزۇش فوندى جەمئىيىتى بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدۇق، بۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭدىكى ئائىلە ئىقتىسادى ناچار ھەم كېسىلى بار ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە تۆۋەندىكى بىر نەچچە جەھەتتىن ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلدۇق. بىرىنچىدىن، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ماددىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش؛ ئىككىنچىدىن، تۇغما يۈرەك كېسىلى بار بالىلارغا ماددىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش؛ ئۈچىنچىدىن، چەت – يىراق مەكتەپلەر، يېزا مەكتەپلىرىدىكى بالىلارغا ئۆگىنىش، تۇرمۇش بۇيۇملىرى ياردەم قىلىش.

     شۇ كۈنىدىكى كېچىلىكنىڭ ئاخىرىدا يەنە بىر ھاياجانلىق مىنۇتلار كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالدى، كېچىلىككە قاتناشقان ساخاۋەتچى كارخانىچىلار ۋە شەخسلەر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇغما يۈرەك كېسىلى بار بالىلارنىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن 147 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلىپ، ساخاۋەت يولىدا ئەلنىڭ ئالقىشىنى يەنە بىر قېتىم ياڭراتتى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.