مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىق تۆت تارماق بىرلىكتە مەركەزدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ مۇخبىرلىق، تەھرىرلىك، ئاڭلىتىش، باشقۇرۇش ئىش ئورنىدىكى كادىرلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىرنى بېسىپ تارقاتتى

    ئامانگۈل2017-05-18 12:56:32شىنجاڭ گېزىتى

    مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىق تۆت تارماق بىرلىكتە مەركەزدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ مۇخبىرلىق، تەھرىرلىك، ئاڭلىتىش، باشقۇرۇش ئىش ئورنىدىكى كادىرلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىرنى بېسىپ تارقاتتى

     مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 32 – قېتىملىق يىغىنىدا قاراپ چىقىش ئارقىلىق مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركەز ئاپپاراتلىرى ئىشتات كومىتېتى ئىشخانىسى، مالىيە مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى بىرلىكتە يېقىندا ‹‹مەركەزدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ مۇخبىرلىق، تەھرىرلىك، ئاڭلىتىش، باشقۇرۇش ئىش ئورنىدىكى كادىرلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر››نى بېسىپ تارقىتىپ ھەم كەسىپ تۈزۈلمىسىنىڭ ئىختىساسلىقلارنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، ھەم ئادەمنى جانلىق ئىشلىتىش مېخانىزمىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىش؛ ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتى قوشۇنىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە ئەسقاتىدىغان ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش؛ ئىختىساسلىقلارنى باھالاش، رىغبەتلەندۈرۈش، يېتىشتۈرۈش، باشقۇرۇشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتى قوشۇنىدىكىلەرنىڭ كەسىپچانلىقى، تەۋەلىك ئېڭى، ساداقەتمەنلىكىنى كۈچەيتىپ، ئاخبارات ئىشلىرىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ساغلام تەرەققىياتىنى پۇختا، كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار تىرىكىگە ئىگە قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

     ‹‹پىكىر››دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش، مەسىلە ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلىش، نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر جەھەتتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھازىرقى ئىشتات بايلىقىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىشتاتتىن بەلگىلىمە بويىچە مۇۋاپىق پايدىلىنىش، ئىشتات بايلىقىنى مۇخبىرلىق، تەھرىرلىك، ئاڭلىتىش، باشقۇرۇش ئىش ئورنىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يادرولۇق كەسپىي ئىش ئورۇنلىرىنىڭ ئىشتات ئېھتىياجىغا ئالدىن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەركەزدىكى ۋەكىللىك خارەكتېرلىك ئاساسلىق ئاخبارات ئورۇنلىرىدا ئىشتات ئومۇمىي مىقدارىنى باشقۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يېڭىچە بايلىق تەقسىمات ئۇسۇلى ۋە باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش؛ ئالاقىدار تارماقلار نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىگە چېتىلىدىغان كونكرېت مەسىلىلەرگە قارىتا نۇقتىدا سىناق قىلىش چارىسىنى تۈزۈپ، يانداش سىياسەتلەرنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. قېلىپلاشقان ئادەم ئىشلىتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ مۇخبىرلىق، تەھرىرلىك، ئاڭلىتىش، باشقۇرۇش ئىش ئورنىدىكىلەر بىلەن نىسپىي مۇقىم بولغان كادىرلار ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مۇخبىرلىق، تەھرىرلىك، ئاڭلىتىش، باشقۇرۇش خادىملىرىنى ئىشلىتىشتە ئەمگەكچىلەرنى ئەۋەتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولمايدۇ؛ تەكشۈرۈپ باھالاش ۋە چېكىندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بارلىق خادىملارغا ئوخشاش تەلەپ قويۇش، ئۇلارنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش كېرەك. تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئادەم ئىشلىتىش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، نىسپىي بىرلىككە كەلگەن، ئادىل، مۇۋاپىق ئادەم ئىشلىتىش تۈزۈمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئاخباراتچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىيات ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاش كېرەك.

     ‹‹پىكىر››دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)نىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىش، خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش ۋە تەشكىللەپ يولغا قويۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سىياسەت بىلەن قوللاش سالمىقىنى، ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كادىرلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا زۆرۈر بولۇۋاتقان راسخوتنى كۆپەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.