مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىمەن

    ئامانگۈل2017-05-18 12:56:31شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايونلۇق جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش، ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش ئىشخانىسى مىللەت–دىن ئىشلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى (دىن ئىشلىرى ئىدارىسى)نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى (مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى) مۇختەر ھەسەن

     يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن يازغان ‹‹ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب›› جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە بولغان مىننەتدارلىق ساداسىنى، دۆلەت ۋە خەلققە بولغان ساداقەتمەنلىك ساداسىنى ۋە ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش ھەققانىي ساداسىنى ئىپادىلەپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىدى، مەنمۇ بۇنىڭدىن چوڭقۇر تەربىيە ئالدىم.

     شىنجاڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل گۆھەر زېمىنى، نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان، بۇ يەردە ياشىغان ھەر مىللەت خەلق ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئۆزئارا ئارىلىشىپ، ئورتاق ئىلگىرىلىدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، پارتىيە ۋە دۆلەت شىنجاڭدا مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار، كەسىپ – تېخنىكا خادىملىرىنى تۈركۈملەپ تەربىيەلەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ، داۋالاش – ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تۈرلۈك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق يېپيېڭى تارىخىي تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى. بۈگۈنكى كۈندە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا ئامما كەڭ، ئازادە، يورۇق ئەمىن ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى، ئىشىك ئالدىغا ئاسفالت يوللار ياسالدى، ئاشلىق تېرىسا، باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللانسا، دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى سېتىۋالسا تولۇقلىمىغا ئېرىشتى؛ تۇرۇبا سۈيى ھەممە ئۆيلەرگە يەتكۈزۈلۈپ، ھەممە ئائىلىلەر تېلېۋىزور كۆرەلەيدىغان، رادىيو ئاڭلىيالايدىغان بولدى؛ ئوقۇغۇچىلار باشلانغۇچ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ھەقسىز ئوقۇيدىغان بولدى، شۇنداقلا ياتاق ۋە تاماقمۇ ھەقسىز قىلىندى؛ يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمى ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشكە پۇل چىقىرالماسلىق قىيىنچىلىقىنى تولۇق ھەل قىلدى. بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېقىندا يولغا قويغان ‹‹توققۇز تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى›› ۋە يېزا مەجبۇرىيەت ئەمگىكىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەدبىرى ئاممىنىڭ چوڭقۇر ھىمايىسىگە ئېرىشتى.

     ھالبۇكى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› دۆلەتنى پارچىلاش، مىللىي زىددىيەت پەيدا قىلىش يامان غەرىزىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى قوزغاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلقنىڭ ھاياتى، مال – مۈلكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى.

     مەن پارتىيەنىڭ تەربىيەسىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيانقى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور نەتىجىلەرنى، شۇنداقلا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ بىزگە كەلتۈرگەن ئېغىر زىيانكەشلىكلىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. بۇلار مەندە: نېمە ئۈچۈن زوراۋان – تېررورچىلار ھەمىشە ئۇيغۇرلاردىن چىقىدۇ؟ بىز يەنە سۈكۈتتە تۇرامدۇق؟ دېگەن سوئاللارنى پەيدا قىلدى.

     جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەن زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ قەبىھ قىلمىشلىرىنى كۈچلۈك ئەيىبلەيمەن. مەن چوقۇم سىياسىي مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن؛ بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشتە ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، ‹‹ئۈچ قانۇنسىز››نى تۈزەش پائالىيىتى، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تۈگىتىش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق زور پىرىنسىپال مەسىلىلەردە باشتىن – ئاخىر سەگەك بولۇپ، باشتىن – ئاخىر بايرىقىم روشەن، مەيدانىم مۇستەھكەم، تىلىم بىلەن دىلىم بىردەك، پوزىتسىيەم قەتئىي بولۇپ، دادىل ئالدىدا مېڭىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق ئىلگىرى سۈرۈشتىكى باشلامچىلاردىن بولىمەن؛ مەسئۇل بولۇش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كونكرېت يېتەكچىلىك قىلىش، ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش خىزمىتىدە ئاممىغا قانۇن، قائىدە – نىزاملارغا رىئايە قىلىشنىڭ پۇقرالارنىڭ ئاساسىي مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى، دىنىي پائالىيەتلەرنى قانۇن – بەلگىلىمە بويىچە قانات يايدۇرۇش كېرەكلىكىنى؛ دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ، زامانىۋى، مەدەنىي، بەختلىك يېڭى تۇرمۇشقا يۈزلىنىش كېرەكلىكىنى تەشۋىق قىلىمەن ۋە بۇ توغرىسىدا تەربىيە بېرىمەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.