مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    گوۋۇيۈەن ‹‹ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكىر››نى بېسىپ تارقاتتى

    ئامانگۈل2017-05-18 12:56:30شىنجاڭ گېزىتى

     زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ ئىمزا قويۇپ تەستىقلىشى بىلەن گوۋۇيۈەن يېقىندا ‹‹ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكىر››(تۆۋەندە ‹‹پىكىر››دەپ قىسقارتىپ ئېلىندى) نى بېسىپ تارقاتتى.

     ‹‹پىكىر››دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى، شۇنداقلا ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئەڭ ئاساسىي تايانچتۇر. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىدىكى يېڭى ئۆزگىرىش ۋە يېڭى خىرىس ئالدىدا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى دەپ بىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسى بىلەن تېخىمۇ پائال بولغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش كېرەك. ‹‹پىكىر››دە بەش جەھەتتىكى سىياسەت – تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

     بىرىنچى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنىڭ ھەمتۈرتكىلىكلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىق بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىشنى رايون ئارا تەڭشەش – تىزگىنلەشنىڭ تۆۋەن چېكى قىلىش كېرەك. ئىقتىسادىي سىياسەت بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ جىپسىلىشىشىنى كۈچەيتىش، مالىيە – باج، پۇل مۇئامىلە، كەسىپ، سودا، مەبلەغ سېلىش قاتارلىقلارغا ئائىت مۇھىم سىياسەتلەرنى تۈزگەندە، ئۇنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن ئىشسىزلىققا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئۇنىۋېرسال باھالاش كېرەك. كەسىپ قۇرۇلمىسى، رايون تەرەققىياتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن ماسلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئاساسىي يوللۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇش، جامائەت مۇلازىمىتى ئۈلگە سۇپىسى بەرپا قىلىش، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىنى قوللاش كېرەك. ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمىنى يېنىكلىتىش، بايلىق تىپىدىكى شەھەرلەرنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار رايونلارغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردىمى بېرىش كېرەك.

     ئىككىنچى، يېڭىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تەرەققىيات ھالىتىنى قوللاش كېرەك. ئىگىلىك تىكلەش ۋە تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىشقا مەدەت بېرىدىغان ئېتىبار سىياسەتلەرنى گۈللەنمە كەسىپ كارخانىلىرىغا يۈزلەندۈرۈش، ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ گۈللەنمە كەسىپ كارخانىلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىنى باشلامچىلىق بىلەن سېتىۋېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېڭىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان ئىشچى ئىشلىتىش تۈزۈمى بىلەن ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك، گۈللەنمە كەسىپ كارخانىلىرىدىكى كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئىچىدە ئەمگەك توختامى تۈزگەنلەر ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىغا قاتناشسا، باشقا كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقۇچى سالاھىيىتى بىلەن كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشسا ۋە تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرسا بولىدۇ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا ماس كېلىدىغان ئىشسىزلىق، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى كاپالىتى ئۇسۇلىدا ئىزدىنىش كېرەك.

     ئۈچىنچى، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئىشلارنى كېڭىشىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەستىقلاش تۈرلىرىنى يەنىمۇ قىسقارتىش كېرەك. ئىگىلىك تىكلەش ۋاسىتىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى يېتىشتۈرۈش بازىسى، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش بوشلۇقى قاتارلىقلارنى قۇرۇشنى تېزلىتىش، جايلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى يېتىشتۈرۈش بازىسىغا بەلگىلىك تولۇقلىما بېرىشىگە رۇخسەت قىلىش كېرەك. يەرلىكنى تۇنجى قېتىم كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى قۇرغان ياكى يەككە تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرگە، ئىشقا ئورۇنلىشىش قىيىنچىلىقى بارلارغا بىر قېتىم ئىگىلىك تىكلەش تولۇقلىمىسى بېرىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك، شارائىتى يار بېرىدىغان رايونلار مالىيەدىن مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئىجتىمائىي كاپىتالنى مەبلەغ سېلىشقا يېتەكلەپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرگە ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش فوندى تەسىس قىلىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىنى پاي ھوقۇقى ئارقىلىق مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىسە بولىدۇ.

     تۆتىنچى، نۇقتىلىق توپنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر ئۈچۈن خىزمەت تېپىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش تولۇقلىمىسى بېرىش ئوبيېكتلىرىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش، چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى قوللاش پىلانىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە كارخانىلاردىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ مەسىلىنى ھەل قىلىش، تارقاقلاشتۇرۇلغان ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شەھەر – يېزىلاردا ئەمگەكچىلەرنىڭ باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئەمگەكچىلەرنى يېزىلاردىكى دائىم تۇرۇشلۇق جايدا ئىشسىزلىق بويىچە تىزىمغا ئالدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ۋە سىياسەت ياردىمى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردىمى بېرىشتىكى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلە، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئائىلىلەردە ئاز دېگەندە بىر كىشىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىنى قوللاش سىياسىتىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

     بەشىنچى، ئوقۇتۇش، تەربىيەلەش بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئوقۇتۇش، تەربىيەلەشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، زامانىۋى كەسپىي مائارىپنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش، تېخنىك ئىشچىلارنى تەربىيەلەشنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. كەسپىي تەربىيەلەش تولۇقلىمىسى بېرىش ئۇسۇلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تولۇق تەشكىلىي تۈزۈلۈش بويىچە تەربىيەلەش تۈرىنى سېتىۋېلىش، تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىغا بىۋاسىتە تولۇقلىما بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، مەركەزلىك تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا ئۈچ يىلدىن ئارتۇق قاتناشقان، شۇ يىلى كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ياكى تېخنىكا ئىقتىدار دەرىجە كىنىشكىسى ئالغان كارخانا ئىشچى – خىزمەتچىلىرى تېخنىكا ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش تولۇقلىمىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتىنى كەسىپلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاياللار، مېيىپلەرنىڭ باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئەمگەكچىلەرنىڭ خىزمەت تېپىش رەسمىيىتىنى ئاددىيلاشتۇرۇش، خىزمەتكە چۈشكەنلەرنىڭ بەلگىلەنگەن جايدا تەن سالامەتلىك تەكشۈرۈش ۋە نەتىجىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.