مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    كۆيۈمچان ‹‹تۇغقان››

    ئايگۈل ئابدۇللا2017-05-14 17:03:27شىنجاڭ گېزىتى

     ئابلىمىت ئابلىز

        قومۇل شەھەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ خادىمى ھەبىبەم ئابدۇرېھىم يېقىندا باركۆل ناھىيەسىنىڭ سارچوقا يېزىسى سېرىق توپىلىق مەيدان كەنتىدىكى نۇرگۈل سۇلايمانغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى، ئۇنىڭ كېسىلىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى، تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش ئىشلىرىنىڭ نورمال كېتىۋاتقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن كۆڭلى خاتىرجەم بولدى.

        ھەبىبەم ئابدۇرېھىم بۇلتۇر 11 – ئايدا نۇرگۈل بىلەن ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتى بويىچە ‹‹تۇغقان›› بولۇشقان ئىدى. بۇلتۇر 12 – ئاينىڭ 10 – كۈنى نۇرگۈل كەچلىك تاماققا تەييارلىق قىلىۋاتقاندا تۇيۇقسىز بېشى قايغاندەك بولۇپ، ئارقىدىنلا كۆزلىرى قاراڭغۇلىشىشقا باشلىدى. ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى دەرھال ناھىيەلىك دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى. 2 – كۈنى دوختۇرلار ئۇنى قومۇل شەھەرلىك 2 – دوختۇرخانىغا يۆتكەشنى ئېيتتى. لېكىن ئۇلار ئالدىن كېلىشىپ قويمىغاچقا، دوختۇرخانىدا بوش كارىۋات يوق ئىدى. نۇرگۈل ئامالسىزلىقتىن تۇغقىنى ھەبىبەم ئابدۇرېھىمغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋالنى ئېيتتى. ھەبىبەم ئابدۇرېھىم ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال دوختۇرخانىغا كېلىپ، ئامال قىلىپ نۇرگۈلنى كېسەلخانىغا ئالدۇردى. شۇنىڭدىن باشلاپ ھەبىبەم ئابدۇرېھىم ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشۈپلا نۇرگۈل ۋە ئۇنىڭغا قاراۋاتقان قىزىغا چۈشلۈك، كەچلىك تاماق توشۇدى. نۇرگۈلگە ھەمراھ بولۇپ پاراڭلىشىپ، ئۇنىڭ كېسىلىنىڭ تېزرەك ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقى ھەققىدە تەسەللى بېرىپ تۇردى. نۇرگۈل باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش، يۇقىرى قان بېسىم، قالقانسىمان بەز تۈگۈنچىسى قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، قالقانسىمان بەز تۈگۈنچىسى كېسىلىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشى كېرەك ئىدى.

        نۇرگۈلنىڭ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قىزى تۇغما خاراكتېرلىك كۆرۈش قۇۋۋىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، ھەر ئىككىلىسىنىڭ كۆزىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرمىسا بولمايتتى. ئىككىنچى قىزىنىڭ كۆزىنى كېلەر يىلى يەنە داۋالاتماقچى ئىدى. نۇرگۈل ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمى باقمىچىلىقتىن كېلەتتى، كىرىمىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى. شۇڭا نۇرگۈل ئائىلە قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن، ئۆزىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشتىن ۋاز كېچىپ، بۇ پۇرسەتنى قىزىغا قالدۇرماقچى بولدى. ھەبىبەم ئابدۇرېھىم ئۇنىڭ مەقسىتىنى ئۇققاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا: سىز كۆپ غەم قىلىپ كەتمەڭ، كېسەلخانىدا ياخشى داۋالىنىپ، ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇڭ، پۇلنىڭ ئىشىدىن غەم قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، مەن ئامال قىلىپ بېرەي، قىزىڭىزنىمۇ داۋالىتىمىز، دېدى.

        نۇرگۈل ھەبىبەم ئابدۇرېھىمنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، خاتىرجەم ئوپېراتسىيەگە كىردى. ھەبىبەم ئابدۇرېھىمنىڭ مىننەتسىز، خالىس ياردىمىگە نېمە دەپ رەھمەت ئېيتىشنى بىلمىگەن نۇرگۈل پەقەت: ھەبىبەم ئابدۇرېھىم ھالىمدىن خۇددى ئۆز سىڭلىمدەك ياخشى خەۋەر ئالدى، ئۇنىڭدىن بەك تەسىرلەندىم، دېيەلىدى.

        ھەبىبەم ئابدۇرېھىم قىلغان ياخشىلىقىغا مىننەت قىلمىدى، داۋراڭ سالمىدى. ئەكسىچە قىلغان ئىشىدىن بەك سۆيۈندى. ئۇ خىزمەتكە قاتناشقان 21 يىلدىن بۇيان، خىزمەتنى ئەستايىدىل، ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، خىزمەتداشلىرى بىلەن ئىزچىل قېرىنداشلارچە مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلدى. تۇرالغۇ رايونىدىكى ھەر مىللەت ئاھالىلەر بىلەن مىللەت ئايرىماي ياخشى ئۆتتى. بۇ جەرياندا ئاجىزلارنى يۆلەش، ياشانغانلارغا يېقىندىن ياردەم بېرىشنى ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى دەپ بىلدى.

        

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.