مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    ‹‹كەنتتە مېنىڭ بىر ئىنىم بار››

    ئامانگۈل2017-05-12 11:27:28شىنجاڭ گېزىتى

     غۇجىئابدۇللا مەمتىمىن

     جاۋ نىڭنىڭ كەنتتە تۇرۇۋاتقىنىغا ئىككى ئايدىن سەل ئاشقان بولسىمۇ، بىراق ئۇ، بۇ كەنتكە تېزلا ئۆزلىشىپ كەتتى، ئۇنىڭ بۇ كەنتتە يەنە بىر ئىنىسىمۇ بار بولدى. جاۋ نىڭ ۋاقتى بولسىلا بۇ ئۇيغۇر ئىنىسىنى يوقلايدۇ، جاۋ نىڭنىڭ دائىم غەمخورلۇق قىلىشى بىلەن ئىنىسى ئابدۇرېھىم ئابدۇراھمان بارا – بارا بۇ ئاكىسى بىلەن يېقىنلىشىپ، تېزلا چىقىشىپ كەتتى.

     شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش››بويىچە قاراقاش ناھىيەسىنىڭ زاۋا بازىرى يېڭئۆستەڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ كادىرى جاۋ نىڭ كەنتكە كەلگەندىن كېيىن، ئابدۇرېھىم ئابدۇراھمان ئائىلىسىگە مەسئۇل بولغانىدى، ئۇ تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى دۇكىنىغا بارغاندا، ئۇ جاۋ نىڭغا قاراپ قويۇپلا دۇكىنىغا كىرىپ كەتتى، بۇ ئەھۋالدىن جاۋ نىڭ بىرئاز ئوڭايسىزلىنىپ قالدى. جاۋ نىڭ باشقىلاردىن بۇ بالىنىڭ ناتۇنۇش ئادەملەردىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغانلىقىنى بىلدى. گەرچە تۇرمۇشتا ئۆزى يالغۇز بولسىمۇ، تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ، كىچىك بىر دۇكان ئېچىۋالغان ئابدۇرېھىم ئابدۇراھمان جاۋ نىڭنىڭ قايىللىقىنى قوزغىدى.

     جاۋ نىڭ ئائىلە زىيارىتى جەريانىدا، ئابدۇرېھىم ئابدۇراھماندىن ئۇنىڭ چوڭ ئانىسىنىڭ ھايات ۋاقتىدا نەۋرىسىنىڭ يېڭى، چىرايلىق بىر ئۆيىنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئابدۇرېھىم ئابدۇراھماننىڭ بۇ ئارزۇسىنى كۆڭلىگە پۈكتى.

     جاۋ نىڭ ۋە خىزمەت ئەترىتىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئابدۇرېھىم ئابدۇراھمان بۇ يىللىق ئەمىن ئۆي كۆرسەتكۈچىگە ئېرىشتى، ئۆزىنىڭ بۇ يىللىق ئەمىن ئۆي سېلىش پىلانىغا كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئابدۇرېھىم ئابدۇراھمان جاۋ نىڭنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇپ ‹‹رەھمەت ئاكا›› دېدى.

     جاۋ نىڭ مۇنداق دېدى: ئۆي سېلىش تىزىملىكى ئېلان قىلىنغان كۈنى ئۇ مېنى كۆرۈپ، ھاياجانلانغان ھالدا ئۈنلۈك ئاۋازدا ‹‹ئاكا›› دەپ چاقىردى، بۇ چاغدا مەن بەك ھاياجانلاندىم.

     ھازىر ئابدۇرېھىم ئابدۇراھمان جاۋ نىڭ بىلەن ئاكا – ئۇكا بولدى، ئۇنىڭ كۆڭلىدە قانداقلا گېپى بولسا جاۋ نىڭغا ئېيتىدۇ. جاۋ نىڭمۇ دائىم بۇ ئۇيغۇر ئىنىسىنىڭ غېمىنى يەيدۇ.

     ئابدۇرېھىم ئابدۇراھمان مۇنداق دېدى: جاۋ ئاكامنىڭ ماڭا مەسئۇل بولغانلىقىنى ئاڭلىغاندا ئەھۋالىمىزنى، قىيىنچىلىقىمىزنى سوراپ، خاتىرىسىگە يېزىپ قويۇپلا كېتىشى مۇمكىن، دەپ ئويلىغانىدىم، بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتتى، جاۋ ئاكام ماڭا چىن دىلىدىن كۆيۈندى، ماڭا قولىدىن كېلىشىچە ياردەم بەردى، مانا ئۆي قۇرۇلۇشىمۇ باشلاندى، مەنمۇ يېڭى ئۆيگە ئېرىشىدىغان بولدۇم، مەن مۇشۇنداق بىر ياخشى ئاكامنىڭ بولغانلىقىدىن تولىمۇ پەخىرلىنىمەن!

     ئابدۇرېھىم ئابدۇراھماننىڭ قوشنىلىرى ئاكا – ئۇكا ئىككىيلەننىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ بارغانسېرى قويۇقلىشىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا زور ئۆزگىرىش بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ خۇش بولۇشتى.

     يېڭئۆستەڭ كەنتىدىكى مەمەتئابدۇللا سايىت مۇنداق دېدى: ئابدۇرېھىم ئابدۇراھمان كىچىكىدىن جاپادا چوڭ بولغان، گەرچە ئۇ بىر دۇكان ئېچىپ، يەر تېرىپ تۇرمۇشىنى قامداپ كەلگەن بولسىمۇ ھازىرغىچە يېڭى ئۆي سالالمىغانىدى. باشقىلار بىلەن ئارىلىشىشنىمۇ خالىمايتتى، مانا ھازىر خىزمەت ئەترىتىدىكى جاۋ نىڭ ئۇنىڭ بىلەن تۇغقان بولۇپ، ئۇنىڭغا ياردەم قولىنى سۇنۇۋاتىدۇ، ئۇنىڭ روھىي كەيپىياتىدىمۇ خېلى ئۆزگىرىش بولدى، مەن بۇنىڭدىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ھەر مىللەت خەلقىگە بەخت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشەندىم.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.