مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    شېنياڭ بىلەن مەكىتنى تۇتاشتۇرغان ‹‹مېھىر كۆۋرۈكى››

    ئامانگۈل2017-05-12 11:27:27شىنجاڭ گېزىتى

     مۇيەسسەر ئاباھامىت

     24 ياشلىق نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن ئاتا – ئانىسىدىن كىچىك يېتىم قىلىپ، ئاتا – ئانا مېھرىگە قانمىغان بولسىمۇ، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ۋە ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ غەمخورلۇقىدا ساغلام چوڭ بولغان ھەم ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن تەقدىرىنى ئۆزگەرتكەن قەيسەر ياشلارنىڭ ئۈلگىسى.

     نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن ئۈچ يېشىدىلا ئاتا – ئانىسىدىن يېتىم قالغاندىن كېيىن، بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىنى ئاچىسى بىلەن بىللە مەكىت ناھىيەلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدا ئۆتكۈزگەن. باشقا بالىلارغا ئوخشىمايدىغان كىشىلىك ھايات ئۇنىڭ تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچى ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدىنى ئاجىزلاشتۇرالمىدى، ئەكسىچە، ئۇنى تېخىمۇ غەيرەتلىك ۋە غايىلىك قىلىپ يېتىلدۈردى. ئۇ 2012 – يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئەلا نەتىجە بىلەن ئارزۇسى بويىچە شېنياڭ قۇرۇلۇش – بىناكارلىق ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىندى. شۇنداق قىلىپ ئۇ مەكىت ناھىيەلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدىن چىققان تۇنجى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قالدى.

     نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن ئالىي مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ساۋاقداشلىرىغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە تىرىشىپ ئوقۇدى. ئۇ ئۆگىنىشنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىللە، ئەتراپىدىكىلەرگە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، ئەڭ مۇھىمى، مەكىت ناھىيەلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدىكى ئىنى – سىڭىللىرىغا مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش مەقسىتىدە ‹‹مۇھەممەت مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش، مائارىپقا ياردەم بېرىش ئەترىتى››نى قۇرۇپ، شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار بىلەن تەتىلدە يۇرتىغا قايتقىنىدا بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدىكى بالىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى. ئۇ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ مەملىكەت دەرىجىلىك ئوقۇش مۇكاپاتى، شېنياڭ شەھىرىنىڭ ‹‹4 – ماي ياشلار مېدالى››، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ ‹‹لېي فېڭدىن ئۆگىنىش ئۈلگىسى›› قاتارلىق شان – شەرەپلەرگە ئېرىشتى.

     ‹‹مۇھەممەت مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش، مائارىپقا ياردەم بېرىش ئەترىتى›› مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللىشى بىلەن تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى. ئېلىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارمۇ بۇ ئەترەتكە قوشۇلدى. ئۇلار دەم ئېلىش كۈنلىرىدە شېنياڭ شەھىرىدىكى ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ناخشا – ئۇسسۇللىرىنى ئورۇنلاپ، ئۇلاردىن ھال سورىدى، سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ئوقۇيدىغان لۇمىن باشلانغۇچ مەكتىپىگە بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارغا شىنجاڭ ناخشا – ئۇسسۇللىرىنى ئۆگەتتى.

     نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن يۇقىرىقىدەك نەتىجىلىرى ۋە تىرىشچانلىقلىرى بىلەن ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى، مەكتەپ رەھبەرلىكىنى تەسىرلەندۈردى.

     مەكتەپ رەھبەرلىكى 2016 – يىلى نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن مەكتەپ پۈتكۈزىدىغان چاغدا ئۇنىڭ بىر نەچچە يىللىق ئۆگىنىش نەتىجىسى ۋە باشقا جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنى ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىشنى قارار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم تاللاشقا دۇچ كەلدى. ئۇ بۇنىڭدىن ئىككىلىنىپ قالدى، تاللاش جەريانىدا ئۇنىڭ ئەڭ قىيالمايۋاتقىنى مەكىت ناھىيەلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدا قالغان تەقدىرداش ئىنى – سىڭىللىرى بىلەن يۇرتىدىكى ئاچىسى ئىدى. ئۇ يەنە شېنياڭدىكى مەكتىپىگىمۇ قىيالمايتتى. ئۇ يۇرتىغا قايتقۇچە كۆپ ئويلىنىپ، بېرىپلا ئاچىسى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، ئاخىر چوڭ شەھەردە تەرەققىي قىلىشنى، ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈپ پاراۋانلىق ئورنىدىكى ئىنى – سىڭىللىرىغا تېخىمۇ كۆپرەك ياردەم قىلىشنى قارار قىلدى.

     نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن خىزمەتكە چىققاندىن كېيىنكى تۇنجى قىشلىق تەتىلدە يۇرتىغا قايتىپ، نەچچە ئايلىق مائاشىدىن ئېشىنغان 5000 يۈەن پۇلنى مەكىت ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىگە ناھىيەلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدىكى بالىلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئىشلىتىش ئۈچۈن تاپشۇردى. مەكىت ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى پاراۋانلىق ئورنىدا چوڭ بولغان ھەم بۇ پاراۋانلىق ئورنىنى ھېلىھەم ئۆز ئائىلىسىدەك كۆرۈپ كېلىۋاتقان نۇرمۇھەممەت تۇرسۇننىڭ ئالىي مەكتەپكە كەتكەندىن بۇيان، ھەر تەتىلدە پاراۋانلىق ئورنىنى ئۇنتۇپ قالماي، بالىلارغا خەنزۇ تىلى ئۆگىتىپ، ئۇلارغا زور مەدەت ۋە ئىلھام بېرىپ كېلىۋاتقىنىدىن ئىنتايىن خۇش ئىدى.

     نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن ھەر تەتىلدە مەكىت ناھىيەلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنىغا كېلىپ، ئۆز ۋاقتىدا ئۆزى تۇرغان بۇ ئورۇندىكى بالىلارغا ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ – يېتىلىش جەريانىنى، تىرىشىپ ئوقۇش ئارقىلىق خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن گۈزەل شەھەرگە، ئالىي بىلىم يۇرتىغا ئوقۇشقا بارغانلىقىنى، ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشىنى سۆزلەپ بېرەتتى. بالىلار نۇرمۇھەممەت تۇرسۇننىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاشنى بەكلا ياخشى كۆرەتتى. چۈنكى ئۇنىڭ ھېكايىسى بالىلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالاتتى، ئۇلار بۇ ھېكايىنى ئاڭلىغاندا ئۇنىڭ بۈگۈنىدىن ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسىنى كۆرگەندەك بولاتتى. بالىلار ئۇنىڭدىن قىزىققان ھالدا: نۇرمۇھەممەت ئاكا، دېڭىز قانچىلىك چوڭ؟ ئايروپىلان ئاسمانغا چىققاندا ئادەم ئۇچۇۋاتقان قۇشلارنى ئېنىق كۆرەلەمدىكەن؟ سىز تۇرغان شەھەردىكى بالىلارمۇ بىزگە ئوخشاش بەش تاش، ۋاللەي ئويۇنلىرىنى ئوينامدىكەن؟... دېگەندەك سوئاللارنى ياغدۇرۇۋېتەتتى. نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن ئۇلارنىڭ ھەربىر سوئالىغا ئېرىنمەي جاۋاب بېرەتتى ھەم بالىلارغا تىرىشىپ ئوقۇسىلا، شۇ گۈزەل شەھەرلەرگە، دېڭىز بويلىرىغا بارالايدىغانلىقىنى، ئۆزىگە ئوخشاش گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتالايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرەتتى. ھازىر بالىلار تەتىل كۈنلىرىنىڭ تېزرەك يېتىپ كېلىشىنى، ‹‹مۇھەممەت مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش، مائارىپقا ياردەم بېرىش ئەترىتى››دىكى ئاكا – ئاچىلىرىنىڭ مەكىتكە كېلىپ ئۆزلىرىگە خەنزۇ تىلى ئۆگىتىشى ھەم تەرەققىي قىلغان چوڭ شەھەرلەرنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىشىنى ئارزۇ قىلىدىغان بولۇپ قالدى.

     شېنياڭ قۇرۇلۇش – بىناكارلىق ئۇنىۋېرسىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى دۇڭ يۈكۇەن مۇنداق دېدى: نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە قەيسەر ئىرادىسى بىلەن ھەممىمىزنى قايىل قىلدى. ئۇ ئوقۇش پۈتكۈزگەندە ئۇنىڭ ئىنتايىن مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكى، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئىناۋىتىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ھەمدە مەكتىپىمىزدە شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى يېتەكلەيدىغان يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى كۆزدە تۇتۇپ، تولۇق كۇرسنى ئەمدىلا پۈتكۈزگەن بولسىمۇ، قائىدىنى بۇزۇپ ئۇنى مەكتەپتە ئېلىپ قىلىشنى قارار قىلدۇق. ئۇ مەكتىپىمىزگە ئىشقا چۈشكەندىن بۇيان، ئۆزى چوڭ بولغان مەكىت ناھىيەلىك پاراۋانلىق ئورنىدىكى بالىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈشنى ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيىتى دەپ قاراپ كەلدى. بىز ئۇنىڭ ساخاۋەت ئىشلىرىنى قوللاپ كېلىۋاتىمىز. ئۇ بىزنىڭ مەكتەپ بىلەن ئۆزى چوڭ بولغان پاراۋانلىق ئورنى ئوتتۇرىسىغا بىر ‹‹مېھىر كۆۋرۈكى›› سالدى، ئۇ ياشلارنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى. بۇ يىللىق يازلىق تەتىلدە مەكتەپ رەھبەرلىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە مەكىت ناھىيەسىگە بېرىپ، ناھىيەلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدىكى بالىلارنى يوقلىماقچى بولۇۋاتىمىز.

     شېنياڭ قۇرۇلۇش – بىناكارلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى سۈبھىنۇر ئۆمەر مۇنداق دېدى: نۇرغۇن بالىلار نۇرمۇھەممەت مۇئەللىمنىڭ ئىش – ئىزلىرىدىن تەسىرلىنىپ، جەمئىيەتكە، پارتىيەگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدى. نۇرمۇھەممەت مۇئەللىم بىز شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭلا ئەمەس، شېنياڭ قۇرۇلۇش – بىناكارلىق ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى.

    مەن كىچىكىمدىن تارتىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ، نۇرغۇن ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ غەمخورلۇقىغا ئېرىشكەن. كىچىك ۋاقتىمدا ماڭا ياردەم قىلىدىغان ئادەم بولسا دېگەن خىياللارنى قىلاتتىم، شۇڭا بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدىكى ئىنى – سىڭىللىرىمنىڭمۇ باشقىلارنىڭ ياردىمىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. مەن ھازىر بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدىكى بالىلارنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئۇلارغا يارىتىپ بەرگەن ياخشى شارائىتنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشىنىڭ لازىملىقىنى ئۇلارغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمەن، بىزدە ‹‹يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس›› دېگەن گەپ بار، مەكتەپ رەھبەرلىرى ۋە باشقا ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوللىشى، ياردىمى بولمىغان بولسا، كىشىلەرگە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ئارزۇيۇمغا يېتەلمىگەن بولاتتىم، دېدى نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.