مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مۇھاكىمە مۇنبىرى

    مۇكەممەللىككە ئىنتىلىشمۇ بىر گۈزەل ئىستەك

    ئامانگۈل2017-05-12 11:23:17شىنجاڭ گېزىتى

    گۈلسۈم مەمەت

     ئىنسان كىشىلىك ھاياتتا خۇشاللىق، بەخت، مۇۋەپپەقىيەت، گۈزەللىك، ياخشى ئىشنىڭ ئىگىسى بولۇشنى، ماڭغان يولىنىڭ راۋان، ھەممە ئىشلىرىنىڭ ئاسان بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. مانا بۇ ئىنسان تەبىئىتىدىكى مۇكەممەللىك ئىستىكى.

     كىشىلەرنىڭ يولۇققان قىيىنچىلىقلار ئۈستىدىن غالىب كېلىشى، كۆزلىگەن نىشانغا يېتەلىشى ئاسان ئەمەس. ئىنسان ئۆزىنىڭ ھاياتىنىڭ كەم – كوتسىز بولۇشىغا ئىنتىلىش بىلەن ئۆزىگە ھەر ۋاقىت قىيىنچىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارنىڭ يولۇقۇپ تۇرىدىغانلىقىنى ئەستىن چىقارماسلىقى كېرەك. ئەگەر قىيىنچىلىققا يولۇقۇپ، ئۇنى يېڭىش ئۈچۈن تىرىشقاندا، ئۆزى ئويلاپ باقمىغان ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشى مۈمكىن.

     دۇنيادا مۇكەممەل ئىش، مۇكەممەل ئادەم بولمايدۇ. لېكىن، مۇكەممەللىكنى قوغلىشىش ئادەمگە غەيرەت – شىجائەت بېغىشلايدۇ. لېكىن، بۇ يەردە شۇنىمۇ ئېيتىپ قويۇشقا توغرا كېلىدۇكى، زىيادە مۇكەممەللىكنى قوغلىشىدىغان كىشى نىكاھتا مەڭگۈ بەخت تۇيغۇسىنى ھېس قىلالمايدۇ، كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەتنىڭ مېۋىسىدىن بەھرىمەن بولالمايدۇ. مۇكەممەل ھاياتقا ئېرىشىش ئىستىكىدىكى ئادەم ھاياتلىق يولىدا ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش داۋامىدا روھىي جەھەتتىن تاۋلىنىدۇ؛ مەسىلىلەرنى تونۇش ئېڭى ئۆسۈپ، ھەل قىلىش ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ؛ كىشىلىك مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، مۇناسىۋەت دائىرىسى كېڭىيىپ، دوستلىرى كۆپىيىپ تۇرمۇشى تېخىمۇ رەڭدارلىققا تولىدۇ. كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئوڭۇشسىزلىق، ھەر خىل قىيىنچىلىقلار مۇكەممەل، گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشىشكە كېرەكلىك خۇرۇجلار ئامبىرى، بەردەم ئادەم، ئەقىللىق ئادەم، سۈيۈملۈك ئادەم بولۇشنىڭ يوللىرىنى ئۆگىتىدىغان كىتابتۇر. كىشى بۇ كىتابنى قولىغا ئېلىشتىن قورقمىسا، ئوقۇشتىن ۋايسىمىسا، پۇتۇن ۋۇجۇدى بىلەن ئوقۇسا ئۇنىڭ ئاتا قىلىدىغىنى تېخىمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن.

     مۇكەممەللىك ئىنساننىڭ ئۈمىد شامى، ئىنسان مۇكەممەللىككە ئىنتىلىشتەك گۈزەل ئىستەك بىلەن تېخىمۇ سۆيۈملۈك. ئىنسان يېشىنىڭ چوڭىيىشى، كۆرگەن – بىلگەنلىرىنىڭ كۆپىيىشى، ئۆگەنگەنلىرىنى تەتبىقلىشى، كۆز قارىشىنىڭ يېڭىلىنىشى، پىكرىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى بىلەن بىلىش دائىرىسى كېڭىيىدۇ، مەزمۇنى موللىشىپ، يوللىرى ئېچىلىدۇ. ئىنسان ئىنتىلىۋاتقان مۇكەممەللىك كىشىگە زىيادە بېسىم ھېس قىلدۇرسا، تېز سۈرئەتتە نەتىجىگە ئېرىشىشنى تەلەپ قىلسا، زىيادە نەپكە ئېرىشىپ، باشقىلارغا ھەسەت قىلىپ ئۇلاردىن ئېشىپ كېتىش، قىلغان ئىشىدىن قۇسۇر ئىزدەش كويىغا چۈشۈپ قالسا، بۇ خىل ئىنتىلىش ئىنساننىڭ گۈزەل غايىسى بولغان مۇكەممەللىك بولمايدۇ.

     ھاياتلىق ئارزۇ – ئارمانلار بىلەن گۈزەل، مېھىر – مۇھەببەت، سەمىمىي – ساداقەت بىلەن سۆيۈملۈك، غەيرەت – جاسارەت، ئەقىل – پاراسەت، شان – شەرەپ، نەتىجە – ئۇتۇقلار بىلەن چوڭقۇر مەنەلەرگە تولغان بولىدۇ. ھەر بىر كىشىنىڭ ھاياتقا بولغان مۇكەممەللىك تەلىپى رېئاللىققا ئۇيغۇنلاشسا، بۇ گۈزەل ئىستەك ئىنسان ھاياتىغا تېخىمۇ گۈزەل مەنەلەرنى ئاتا قىلالايدۇ!

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.