مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مۇھاكىمە مۇنبىرى

    ئېتىراپ قىلىنىش مۇۋەپپەقىيەت يولىغا باشلايدۇ

    ئامانگۈل2017-05-12 11:22:32شىنجاڭ گېزىتى

    تۇرسۇن كېرىم

     ئېتىراپ قىلىنىش بىرسىنىڭ ئۆگىنىش، خىزمەت، مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە بېرىلگەن ئىجابىي باھا، شۇنداقلا ئەتراپىدىكىلەرنىڭ شۇ كىشىنىڭ نەتىجە ۋە ئارتۇقچىلىقلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ھەم قوللاش، رىغبەتلەندۈرۈشىدۇر.

     ئېتىراپ قىلىنىش ساغلام، بۈيۈك ئارمانلارنى كۆڭلىگە پۈكۈپ شۇ ئۇلۇغۋار نىشانغا يېتىش ئۈچۈن، ئۈن – تىنسىز ئەجىر قىلىۋاتقانلارنىڭ ۋۇجۇدىغا روھىي ئوزۇق، جىسمىغا كۈچ – قۇۋۋەت ئاتا قىلىدۇ. باشقىلاردىن بېرىلگەن بۇ روھىي ئوزۇق شۇ ئۇلۇغۋار نىشان ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلارنىڭ ئۇتۇق قازىنىشىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ مىننەتدارلىق تۇيغۇسىدىن كۆڭلى ئىلھاملىنىپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، مۈشكۈلاتلارغا بەرداشلىق بېرىش ئىرادىسى كۈچىيىپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا پۇختا ئاساس سېلىپ، ھەر تەرەپلىمە ئاكتىپ ئېنېرگىيە تولۇقلايدۇ.

     بىر كىشىگە نىسبەتەن ئېتىراپ قىلىنىشنىڭ ئۇسۇلى، ئىپادىلىشى ۋە تۈرلىرى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئاساسەن تۆۋەندىكى ئىككى خىل شەكىلدە ئىپادىلىنىدۇ. بىرى، ئۇنىڭ ئىقتىدارى، ئارتۇقچىلىقى، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تىلغا ئېلىپ، ئىجابىي باھا بېرىپ، ئەتراپتىكىلەرگە ئۇنىڭ خاسلىقىنى نامايان قىلىپ، ئۆزگىچە ئوبرازىنى تىكلەش، قوللاش، رىغبەتلەندۈرۈش پوزىتسىيەسىدە بولۇپ، شۇ كىشىگە بولغان ئىشەنچ، ئەتراپىدىكى قوللىغۇچىلىرىغا بولغان مەسئۇل بولۇش تۇيغۇسى پەيدا قىلىش. يەنە بىرى بولسا، پايدىلىق شارائىت، ئۈنۈملۈك پۇرسەت، ماددىي ئېھتىياج بىلەن تەمىن ئېتىپ نەتىجىلىرىنى ئېتىبارغا ئېلىش، ئېتىراپ قىلىش پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلەش.

     ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ ئۆگىنىش، خىزمەت جەھەتتە قىزىقىشى، ئارتۇقچىلىقى، ئۇتۇق قازىنىشى ئارقىلىق ئۈنۈم، نەتىجە قازىنىشى شۇ كىشىنىڭ ئىقتىدارى، قابىلىيىتىنىڭ مەھسۇلى بولۇش بىلەن بىللە، يەنە ئەتراپىدىكىلەرنىڭ، مۇھىت، پۇرسەت، پايدىلىق شارائىت ئامىللىرىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. چۈنكى، ئەتراپىدىكىلەرنىڭ قوللىشى، ئۇلارغا بەرگەن ئىجابىي باھاسى، ئېتىراپ قىلىشى شۇ كىشىگە روھىي ئوزۇق بېرىپ، ئىشەنچ ۋە تۇيغۇ بېغىشلاپ، مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ھەدىيە قىلىدۇ، ئۆز قەدرىنى بىلىش، مۇھىملىقىنى تونۇش روھىي ئوزۇقى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ، مۇۋەپپەقىيەت يولىنىڭ داغدام، يورۇق، راۋان بولۇشىغا پۇختا ئاساس بولالايدۇ.

     ياخشى گەپ، مەدھىيە ئىبارىلىرى دىلغا ھۇزۇر، جانغا راھەت بېغىشلايدۇ. دېمەك، بۈيۈك ئارمانلارنى دىلىغا پۈكۈپ، ئۆز غايىسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان، ھەر قايسى كەسىپ، ھەر ساھەلەردە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئۇتۇق قازانغان ھەم ئىزدىنىۋاتقان كىشىلىرىمىزگە ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىپ، قىزغىن، ئىلغار بولغان روھنى ئاتا قىلىۋاتقان ياشلىرىمىزنى ئېتىراپ قىلساق، ئارتۇقچىلىقلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرسەك، قوللىساق، ئۇلارنى مۇۋاپىق شارائىتتا، تىل ۋە ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق مەدھىيەلىسەك، ئۇلارغا ئىلھام بەرسەك ئۇلارنى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىغا باشلىغان بولىمىز.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.