مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    ئەقىدىدىن يارقىن نەتىجە

    ئامانگۈل2017-05-10 16:16:24شىنجاڭ گېزىتى

     مۇھەممەد تۇراپ

     توقسۇ ناھىيەلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش مەركىزىدىكى ئىسرائىل توختى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش خىزمىتىدە گەۋدىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تەشكىلنىڭ يۇقىرى باھاسى ۋە ئاممىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى.

     ئىسرائىل توختى 2009 – يىلى نەنجىڭ تەبىئىي پەن – سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى خىمىيە سانائىتى ئىنستىتۇتىنىڭ بىيوخىمىيە سانائىتى كەسپى بويىچە ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىنى تاماملاپ، شارائىتى ياخشى خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ تەكلىپىنى چىرايلىقچە رەت قىلىپ، يۇرتى توقسۇ ناھىيەسىگە قايتىپ كەلدى ۋە 2010 – يىلى 3 – ئايدا ئىختىساسلىق خادىملارنى تاللاپ قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، توقسۇ ناھىيەلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش مەركىزىگە ئىشقا چۈشتى.

     ئىسرائىل توختى خىزمەتكە قاتنىشىپ ئۈچ ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش تېخنىكىسىنى پىششىق ئىگىلىدى. 2010 – يىلى يازنىڭ بىر كۈنى ئۇ كۆكتات توپ تارقىتىش بازىرىدا كۆكتاتلارنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈۋاتقاندا، سىرتتىن كىرگۈزۈلگەن بىر تۈركۈم كەرەپشە ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۇ بۇ كەرەپشىلەرنى تەكشۈرۈپ، تەركىبىدىكى دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بايقاپ، دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىگە چېتىشلىق بۇنداق دېلولارنى ئىنچىكە تەكشۈرۈپ بىر ياقلىق قىلىپ، كەسىپداشلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ھەر بىر كىشىنىڭ سالامەتلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا مەن ئاۋامنىڭ خاتىرجەم كۆكتات ئىستېمال قىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشۈم كېرەك.

     ئىسرائىل توختى خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ‹‹زىيانسىز شوخلا ئۆستۈرۈش تېخنىكا قائىدىسى››، ‹‹زىيانسىز تەرخەمەك ئۆستۈرۈش تېخنىكا قائىدىسى›› ۋە ‹‹زىيانسىز مۇچ ئۆستۈرۈش تېخنىكا قائىدىسى›› قاتارلىق يەرلىك يېشىل يېمەكلىك ئۆلچىمىنى تۈزۈپ، بۇ ئۆلچەمنى شوخلا، تەرخەمەك ۋە مۇچ قاتارلىق كۆكتاتلارنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش خىزمىتىدە قوللاندى. ئۇ يەنە ‹‹توقسۇ ناھىيەسىنىڭ كالىلارنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ بورداش تېخنىكىسى بويىچە ئىشلەپچىقىرىشتا ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى››، ‹‹مەھەللىۋى ئوغۇتلارنى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ئېچىتىش تېخنىكىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە ئۇنى كېڭەيتىش تۈرى›› قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ۋە ۋىلايەت دەرىجىلىك يەتتە تۈر تەتقىقاتىغا قاتنىشىپ، بۇ تەتقىقاتلارغا زور ئەجرىنى سىڭدۈردى، تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، خەنزۇ يېزىقىدا ئىلمىي ماقالىلەرنى يېزىپ، كەسىپداشلىرىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى.

     ئىقتىسادنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە كىشىلەرنىڭ يېمەكلىك قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇن كىشىلەر قېتىقنى كۆپ ئىستېمال قىلىدىغان بولدى. بىراق سۈت ياكى سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ساقلاش تېخنىكىسى ئىلغار بولمىغاچقا، ئىسرائىل توختى قېتىقنىڭ ساقلاش مۇددىتىنى ئۇزارتىپ، سۈت ۋە قېتىق ئىشلەپچىقىرىدىغان دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ناھىيەلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسىگە مۇشۇ ھەقتە تۈر تۇرغۇزۇش تەكلىپى بەردى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالىشى ئارقىلىق بۇ تۈر ئوڭۇشلۇق تۇرغۇزۇلۇپ، 50 مىڭ يۈەن ياردەم مەبلىغىگە ئېرىشتى. ئىسرائىل توختى شىنجاڭ ‹‹فۇنۇڭ›› بىيوتېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، سۈت ۋە قېتىقنىڭ ساقلاش مۇددىتىنى ئۇزارتىش تەتقىقاتىنى قىلدى. نەتىجىدە، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن شىنجاڭ ‹‹فۇنۇڭ›› بىيوتېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ قېتىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرگەن سۈت بايلىقىنى ئېچىش سۇپىسى توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىچئېرىق بازىرىدا قۇرۇلدى. ئىسرائىل توختى شۇنىڭدىن كېيىن توقسۇ ناھىيەلىك ‹‹شىڭفا›› دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىق ئۈچ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كارخانىسىنى ھەقسىز پەن – تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش كېلىشىمى ئىمزالاپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىرىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، كارخانىلارنىڭ يېشىل يېمەكلىك سالاھىيەت ئېتىراپنامىسىگە ئىلتىماس قىلىشىغا ياردەم بەردى. ئۇنىڭ ياردىمىدە دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئەزالىرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 30 مىڭ يۈەندىن ئاشتى، 100گە يېقىن دېھقان ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىغا ئىشقا ئورۇنلاشتى.

     ئىچئېرىق بازىرىنىڭ قاراتاش كەنتىدىكى قاھار ئوسماننىڭ تۆت مو كۆكتات پارنىكى بولسىمۇ، تېخنىكا بىلمىگەچكە پارنىكلىرىدىن تۈزۈكرەك كىرىم قىلالماي كەلگەنىدى. ئىسرائىل توختىنىڭ تېخنىكىلىق يېتەكچىلىك قىلىشى بىلەن، قاھار ئوسمان كۆكتاتچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، يىللىق كىرىمى 300 مىڭ يۈەنگە يېتىدىغان بېيىش ئۈلگىسىگە ئايلاندى ھەم كوپىراتىپقا ئەزا بولغان دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.