مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مۇھىت

    كۇچا ناھىيەلىك شەھەر قىياپىتى مۇھىت تازىلىقىنى باشقۇرۇش ئورنى شەرەپ مۇنبىرىدىن ئورۇن ئالدى

    ئامانگۈل2017-05-10 16:11:08شىنجاڭ گېزىتى

     ئابلىمىت ئەبەيدۇللا خەۋەر قىلىدۇ: كۇچا ناھىيەلىك شەھەر قىياپىتى مۇھىت تازىلىقىنى باشقۇرۇش ئورنى ناھىيە بازىرىنىڭ مۇھىتىنىڭ پاكىز بولۇشى ئۈچۈن تازىلىق ئىشچىلىرىغا بولغان باشقۇرۇش ۋە يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەتلەردە رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرغانلىقتىن، 2016 – يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ‹‹ئىلغار كوللېكتىپ›› بولۇپ باھالاندى.

     ناھىيەلىك شەھەر قىياپىتى مۇھىت تازىلىقىنى باشقۇرۇش ئورنى 1985 – يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىر تۆت مىللەتتىن بولغان 745 تازىلىق ئىشچىسى، 70 دانە تازىلىق ماشىنىسى بار، 50 كىلومېتىر دائىرىدىكى يولنى تازىلاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. تازىلىق ئىشچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى نامراتلار بولۇپ، ئۇلارغا ھەر جەھەتتىن ياردەم بېرىش بىلەن بىللە، كوللېكتىپ بويىچە ھەپتىدە بىر قېتىم، گۇرۇپپىلار بويىچە ھەپتىدە ئىككى قېتىم سىياسىي ئۆگىنىش قىلىپ، تەشۋىقات – تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ قانۇن ئېڭىنى ئۆستۈردى، شۇنداقلا تازىلىق ئىشچىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئارخىپلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئالتە خىل سۇغۇرتىسىغا كاپالەتلىك قىلىپ، خىزمەت ئاكتىپلىقىغا ئىلھام بەردى. باشقۇرۇش، تەربىيە كۈچەيتىلگەنلىكتىن تازىلىق ئىشچىلىرى بىر يىل جەريانىدا باشقىلارنىڭ ئېھتىياتسىزلىقتىن چۈشۈرۈپ قويغان 200 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى بۇيۇملىرىنى ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىپ، ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.