مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇن ئۇچۇرلىرى

    پىچان ناھىيەسىنىڭ ‹‹دېلو يۈز بەرمىگەن كەنت، مەھەللە›› بەرپا قىلىش خىزمىتىدە ئۈنۈم كۆرۈلدى

    ئامانگۈل2017-05-09 12:26:10شىنجاڭ گېزىتى

      مىجىت ئىبراھىم خەۋەر قىلىدۇ: پىچان ناھىيەسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ‹‹دېلو يۈز بەرمىگەن كەنت، مەھەللە›› بەرپا قىلىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

     بۇ ناھىيە بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ‹‹دېلو يۈز بەرمىگەن كەنت، مەھەللە›› بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، بۇ خىزمەتكە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتتى. ناھىيەنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى، يېزا – بازار، مەيدان سىياسىي – قانۇن تارماقلىرىنىڭ 1 – قول مەسئۇللىرى گۇرۇپپا باشلىقى بولغان ‹‹دېلو يۈز بەرمىگەن كەنت، مەھەللە›› بەرپا قىلىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئەتراپلىق تۈزۈپ، خىزمەتلەرنى ئىنچىكە قانات يايدۇردى. ج خ، ئەدلىيە، سوت، تەپتىش قاتارلىق سىياسىي – قانۇن تارماقلىرى ۋە ئاياللار بىرلەشمىسى، ئىتتىپاق كومىتېتى ‹‹قىشلىق ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش›› پائالىيىتىدىن پايدىلىنىپ، تەشۋىقات ماتېرىيالى تارقىتىش، مەسلىھەت بېرىش شەكلى ئارقىلىق 150 مىڭ ئادەمنى تەربىيەگە ئىگە قىلدى. يېزا – بازار، مەيدانلار ھەر دۈشەنبە كۈنىدىكى بايراق چىقىرىش مۇراسىمىدىن پايدىلىنىپ، دېھقان – چارۋىچىلارغا ‹‹دېلو يۈز بەرمىگەن كەنت، مەھەللە›› بەرپا قىلىش خىزمىتىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەشۋىق قىلدى. خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، سىياسىي كېڭەش، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، تەشكىلات تارماقلىرى بۇ خىزمەتكە بولغان نازارەتچىلىك، رەھبەرلىك ۋە ھەيدەكچىلىكنى كۈچەيتتى. نەتىجىدە، بۇ يىل 2 – ئاينىڭ بېشىدىن 3 – ئاينىڭ 30 – كۈنىگىچە ناھىيە بويىچە 47 دېلو يۈز بېرىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 321 دېلو ئازلىدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.