مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مۇھاكىمە مۇنبىرى

    دۇنيا يىپەك يولى ساياھىتىگە قىزىقماقتا

    مەۋلۇدە2017-05-01 13:18:06شىنجاڭ گېزىتى

    جاۋ شەن

     يىپەك يولىدا شانلىق ئىزلار بار. يىپەك يولى بويىدىكى مول ساياھەت بايلىقى جۇڭگونىڭ دۆلەت دەرىجىلىك سەر خىل ساياھەت بەلبېغى ھېسابلىنىدۇ.

     ئۈچ يىل بۇرۇن، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بىلەن قەدىمكى يىپەك يولىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇلدى، شۇنداقلا گۈزەل جۇڭگونىڭ ساياھەت ئوبرازىغا يېڭى مەزمۇن قوشۇلدى. يىپەك يولى ساياھىتىنىڭ دۇنياغا تونۇلۇش دەرىجىسى بارغانسېرى ئېشىپ، جۇڭگو ساياھەتچىلىكىدىكى كوزىرغا ئايلاندى.

     يىپەك يولى ساياھىتىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ئاشتى

     ‹‹يىپەك يولى ساياھەت يىلى››نى تونۇشتۇرۇش كۈنى يېقىندا ئامېرىكىنىڭ دېنىۋېر ساياھەت كۆرگەزمىسىدە ئۆتكۈزۈلدى. كەسىپ ئەھلىلىرى يىپەك يولى ساياھىتىگە بەك قىزىقىپ، جۇڭگو كۆرگەزمە ئورنىغا كېلىپ مەسلىھەت سورىدى. دۆلەت ساياھەت ئىدارىسىنىڭ لوس ئانژېلىستىكى ئىش باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى ۋۇ نىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2015 – يىلىدىن باشلاپ جۇڭگو ساياھەتچىلىكى يىپەك يولىنى باش تېما قىلىپ، مول مەزمۇنلۇق ساياھەت دىپلوماتىيەسىنى قانات يايدۇردى. دېنىۋېرلىق ئەر – خوتۇن مۇنداق دېدى: جۇڭگوغا ئۈچ قېتىم بېرىپ، يەتتە شەھەرنى ساياھەت قىلدۇق، بۇلتۇر مۇزېيدا يىپەك يولى توغرىسىدىكى بىر سەنئەت كۆرگەزمىسىنى كۆرگەندىن كېيىن، يىپەك يولى ساياھىتىگە قىزىقىپ قالدۇق، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە يىپەك يولى ساياھەت لىنىيەسى بىلەن تونۇشتۇق. يازلىق تەتىلدە بالىلىرىمىز بىلەن جۇڭگودا ساياھەتكە بېرىشنى قارار قىلدۇق.

     يىپەك يولى بويىدىكى جايلار ساياھەتچىلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى. گوگۇل شىركىتى ئېلان قىلغان جۇڭگوغا ساياھەتكە بارغانلار تەتقىقاتىدا: جۇڭگوغا ساياھەتكە بارغان %20 ساياھەتچى يىپەك يولى ساياھەت يىلى پائالىيىتىنى ئاڭلىغانلىقىنى ئېيىتقان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئامېرىكىلىق ساياھەتچىلەرنىڭ بۇ پائالىيەتنى بىلىش دەرىجىسى %38 كە يەتكەن. گوگۇل ئىزدەش يېتەكلىگۈچىدە شىئەندىكى لەشكەر ۋە ئات ھەيكەللىرى، دۇنخۇاڭ، ماركوپولو دېگەن سۆزلەر كىشىلەر ئەڭ كۆپ ئىزدەيدىغان ئاچقۇچلۇق سۆزلەردىن بولۇپ قالغان.

     جۇڭگو ساياھەتچىلىك جامائەت پىكرى ئاقىللار ئامبىرى ئېلان قىلغان ‹‹جۇڭگو ساياھەتچىلىكىنىڭ خەلقئارا جامائەت پىكرىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى›› دا: ئامېرىكىلىق ساياھەتچىلەر سەددىچىن سېپىلى ساياھەت بەلبېغى، چاڭجياڭ دەرياسى ساياھەت بەلبېغى ۋە يىپەك يولى ساياھەت بەلبېغىغا ئەڭ قىزىقىدۇ. يىپەك يولى ساياھەت بەلبېغى ياۋروپالىق ساياھەتچىلەرنىڭ داۋاملىق ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتىدۇ، دەپ كۆرسىتىلدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيەلىك ساياھەتچىلەرنىڭ يىپەك يولى ساياھىتىگە قىزىقىش نىسبىتى %60تىن ، ئىتالىيەلىك ساياھەتچىلەرنىڭ يىپەك يولى ساياھىتىگە قىزىقىش نىسبىتى %50تىن ، ئەنگلىيەلىك، ئىسپانىيەلىك ساياھەتچىلەرنىڭ يىپەك يولى ساياھىتىگە قىزىقىش نىسبىتى %40تىن،گېرمانىيەلىك، فىرانسىيەلىك ساياھەتچىلەرنىڭ يىپەك يولى ساياھىتىگە قىزىقىش نىسبىتى %30 تىن ئاشقان.

     دۆلەتلىك سەر خىل ساياھەت بەلبېغى

     ساياھەت يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش دەرۋازىسىنى ئېچىپ، ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. ساياھەت يەنە مەدەنىيەت تارقىتىش ئەۋزەللىگىگە تايىنىپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا ساياھەت ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشتا ساياھەت ئالدىن راۋانلاشتۇرۇلىدۇ.

     يىپەك يولى دۇنيادىكى ئەڭ ھاياتىي كۈچكە تولغان ئالتۇن ساياھەت يولى، بۇ 60 تىن ئارتۇق دۆلەت ۋە 4 مىليارد 400 مىليون نوپۇسقا چېتىلىدىغان بولۇپ، خەلقئارا ساياھەت ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %70تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. يىپەك يولى ساياھىتى ئارقىلىق دۇنياغا جۇڭگونىڭ قەدىمىي دۆلەت بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى زامانىۋى، مەدەنىي دۆلەت ئىكەنلىكىنى نامايان قىلغىلى بولىدۇ.

     يىپەك يولى چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىشتىكى كوزىر بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. يىپەك يولى جۇڭگو ساياھىتىنىڭ ئەڭ قەدىمكى ۋە ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ماركىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، خەلقئارادا ناھايىتى يۇقىرى شۆھرەت ۋە ئىناۋەتكە ئىگە. يىپەك يولى ئۇزاق تارىخقا، شانلىق مەدەنىيەتكە ئىگە بولۇپ، ساياھەت بايلىقى توپلانغان، 22 ئورۇندا مەدەنىيەت مىراسلىرى نۇقتىسى بار، ساياھەت مەھسۇلاتلىرىمۇ نىسبەتەن مۇكەممەل. دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى تۈزگەن 2009 – يىلى ‹‹جۇڭگو دۆلەتلىك ساياھەت لىنىيەلىرىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى›› نىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا يىپەك يولى تۇنجى تۈركۈمدىكى جۇڭگونىڭ دۆلەتلىك 12 ساياھەت لىنىيەسى ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇنغا تىزىلغان. ‹‹13 – بەش يىللىق ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانى››دا: جۇڭگو يىپەك يولى ساياھەت بەلبېغى قاتارلىق دۆلەتلىك ئون سەرخىل ساياھەت بەلبېغىنى ئاچىدۇ، دەپ كۆرسىتىلدى.

     2015 – يىلىدىن ھازىرغىچە، جۇڭگو ئۇدا ئۈچ يىل ‹‹يىپەك يولى ساياھەت يىلى››نى يىللىق ساياھەت تەشۋىقاتىنىڭ باش تېمىسى قىلىپ، يىپەك يولى ئۆزگىچە ساياھىتىنى بەرپا قىلىپ، يىپەك يولى بويىدىكى ئۇزاق تارىخ، شانلىق مەدەنىيەت ۋە مول ساياھەت بايلىقىنى مەركەزلىك كېڭەيتىپ، بىرىكمە ئۈنۈمنى كۈچەيتىپ، خەلقئارادىكى كەسىپ ئەھلىلىرى ۋە چېگرادىن كىرىدىغان ساياھەتچىلەر بازىرىنىڭ يىپەك يولى ساياھىتىگە تەلپۈنۈشىنى قوزغاپ، يىپەك يولى ساياھەت ماركىسىنىڭ خەلقئارالىق تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇپ، جۇڭگونىڭ چېگرادىن كىرىدىغان ساياھەتچىلەر بازىرىنى جانلاندۇردى.

     چېگرا ھالقىغان ساياھەت ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇش

     يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يادرولۇق رايونى بولغان شىنجاڭ چېگرا ساياھىتىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە. بۇلتۇر شىنجاڭدا ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى ئەڭ تېز راۋاجلاندى. جۇڭگو – قازاقىستان – قىرغىزىستان، جۇڭگو – تاجىكىستان چېگرا ھالقىغان ئۆز ئاپتوموبىل ساياھەت لىنىيەسىدىكى تۇنجى قېتىملىق سەپەر مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، جۇڭگو – رۇسىيە – قازاقىستان – موڭغۇلىيە ئالتاي تېغىنى ئايلىنىش ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى بارغانسېرى مۇكەممەللىشىپ، شىنجاڭ ئىچكىرىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا ساياھەتكە بېرىشىدىكى باشلىنىش نۇقتىسى ۋە ئۆتەڭ بولۇپ قالدى.

     قورغاس پورتى يىپەك يولىدىكى 1000 يىللىق ئۆتەڭ ۋە 100 يىللىق چېگرا ئېغىزى بولۇپ، ھازىر قورغاس يىپەك يولى مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىدىغان ساياھەت مەنزىلىگە ئايلاندى. ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇر قورغاس جۇڭگو – قازاقىستان قورغاس خەلقئارا ساياھەت رايونىدا دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت رايونى، چېگرا ساياھىتى سىناق رايونى ۋە ئۆزگىچە ساياھەت ئۈلگە رايونى بەرپا قىلىشقا باشلاپ، كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 2 مىليون 900 مىڭ ئادەم (قېتىم)دىن ئېشىپ، ساياھەت ئۇنىۋېرسال كىرىمىنى 4 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، %26 ئاشۇرغان. قورغاس شەھىرى چۈشكەن جايدا ۋىزا بېجىرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئۈستۈنلۈكىدىن پايدىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ 6091 ساياھەت ئۆمىكىگە چۈشكەن جايدا كوللېكتىپ ۋىزا بېجىرىپ بېرىپ، 16 مىڭ ئادەم (قېتىم)دىن ئارتۇق ساياھەتچى بۇ سىياسەتتىن بەھرىمەن بولدى.

     بۇ يىل جۇڭگو – قازاقىستان خەلقئارا ساياھەت يىلى بولۇپ، جۇڭگو بىلەن قازاقىستان ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ساياھەت تۈرلىرى قۇرۇلۇشى، چېگرا ھالقىغان ساياھەت لىنىيەلىرى بەرپا قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىقنى يولغا قويىدۇ. جۇڭگو – قازاقىستان ساياھەت يىلى چېگرا ھالقىغان ئۆز ئاپتوموبىل ساياھەت ئۆمىكى 15 – ئاپرېل ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ، قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىگە يۈرۈپ كەتتى، بۇ دۇنياغا شىنجاڭنىڭ ئاپتوبۇس، ئۆي ئاپتوموبىل، ئۆز دالا ئاپتوموبىل ساياھىتى قاتارلىق ئۆزگىچە مۇلازىمىتىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭ ساياھىتىنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىنى تونۇشتۇرۇپ، جۇڭگو – قازاقىستان خەلقلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹جۇڭگو – قازاقىستان ساياھەت يىلى››نىڭ مۇقەددىمىسىگە ياخشى ئاساس سالدى.

    ‹‹خەلق گېزىتى››دىن    

    مۇھەممەد تۇراپ تەرجىمىسى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.