مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇن ئۇچۇرلىرى

    ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى›› ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتىكى كۈچلۈك قورال

    ئامانگۈل2017-04-28 16:45:53شىنجاڭ گېزىتى

    ئارزىگۈل زەينىدىن

     يېقىندا ئېلان قىلىنغان ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى›› ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش جەھەتتىكى تۇنجى يەرلىك نىزامى بولۇپ، نىزامنىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشى دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ‹‹نىزام››نى ئۆگىنىشتە تۆۋەندىكىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىمىز لازىم:

     بىرىنچى، ‹‹نىزام››دا قايسى قىلمىشلارنىڭ ئەسەبىيلىككە كىرىدىغانلىقى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. شۇڭا، بۇ ‹‹نىزام›› خەلق ئاممىسىنىڭ ئەسەبىيلىككە كىرىدىغان سۆز – ھەرىكەتلەرنى پەرق ئېتىشى ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى كۈرەش قىلىشىدىكى كۈچلۈك قورال. ئەسەبىيلىك روھىي ئۆسمە. ئەسەبىيلىكنى يىلتىزىدىن يوقاتمايدىكەنمىز، زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلمىشلىرى خۇددى راك ھۈجەيرىلىرى كۆپەيگەنگە ئوخشاش كۆپىيىۋېرىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئاپەتكە ئۇچرىتىدۇ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش بولۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ۋەزىپىسى. ئۇنداقتا ئەسەبىيلىك دېگەن نېمە؟ ‹‹نىزام››دا: ‹‹ئەسەبىيلىك ئەسەبىيزمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش، چېكىدىن ئاشقان دىنىي ئىدىيە – قاراشنى تەرغىب قىلىش، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشقا توسقۇنلۇق قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئارىلىشىۋېلىشتەك سۆز ۋە ھەرىكەتلەرنى كۆرسىتىدۇ›› دەپ ئېنىق بەلگىلەندى.

     ئەسەبىيزم دېگەن نېمە؟ ‹‹نىزام››دا: ‹‹ئەسەبىيزم دىنىي ئەقىدىلەرنى بۇرمىلاش ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن ئۆچمەنلىك قىلىش، كەمسىتىشكە قۇترىتىش، زوراۋانلىقنى تەرغىب قىلىش قاتارلىق تەشەببۇس ۋە قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ›› دەپ بەلگىلەندى. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەسەبىيزم ۋە ئەسەبىيلىك توغرىسىدا تۇنجى قېتىم ئېنىق تەبىر بېرىشى ھەم قانۇندا بەلگىلىشى بولۇپ، ئەسەبىيزم ۋە ئەسەبىيلىكنىڭ يامرىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇشتا مۇھىم قانۇنىي ئاساس ۋە كۈچلۈك قورال. ‹‹نىزام››نىڭ 9 – ماددىسىدا ئەسەبىي سۆز، ئەسەبىي ھەرىكەتلەرنىڭ 14 تۈرلۈك ئىپادىسى ئېنىق بەلگىلەندى. بۇ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئەسەبىيلىكنىڭ خەۋپىگە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈش، ئەسەبىيلىكنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، كۈرەشكە ئاتلىنىپ ئەسەبىيلىكنى ئۈزۈل – كېسىل تۈگىتىشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

     ئىككىنچى، ‹‹نىزام››دا ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتە ئومۇملاشتۇرۇپ تۈزەش، ئەسەبىيلىككە پۈتكۈل ئامما ئورتاق قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۈزۈمى بەلگىلەندى؛ ئەسەبىيلىكنى توسۇش ۋە يوقىتىشتىكى خىزمەت مەسئۇلىيىتى، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە كونكرېت تەدبىرلىرى، مەسئۇلىيەت سۇبيېكتى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېنىق بەلگىلەندى.

     ‹‹نىزام››دا، ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتىكى مەسئۇلىيىتى، ئىش تەقسىماتى ئېنىق ئايرىلىپ، ھەر قايسى تارماق، ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى بىرلىشىپ ياخشى ئىشلىشى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىدىكى مەسئۇلىيىتى تەكىتلىنىپ، ئەسەبىيلىككە ئورتاق قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيەت تۈزۈمى قانۇنلاشتۇرۇلدى.

     ئۈچىنچى، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى بەلگىلىنىپ، ئەسەبىيلىك قىلمىشلىرىنى توسۇشتا ئاساسلىنىدىغان قانۇن بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ‹‹نىزام››نىڭ 46 – ماددىسىدا: ‹‹مۇشۇ نىزامنىڭ 9 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلاردىن قىلمىشى يېنىك بولغانلىرىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئالاقىدار تارماق ۋە ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، تەنقىد – تەربىيە بېرىدۇ ياكى قانۇن ئىدارە قىلىش تەربىيەسى بېرىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراق بولسىمۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى››، شۇنىڭدەك ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى›› بويىچە جازا بېرىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، باشقىلارغا زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ›› دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ ئارقىلىق ئەسەبىيلىك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ قانۇن ئاساسى تۇرغۇزۇلدى.

     ‹‹نىزام››دا يەنە، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى، تارماقلار، ئورۇنلار ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىدە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان بولسا، مەسئۇل خادىم ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قىلمىشىنىڭ ئېغىر – يېنىكلىكىگە قاراپ مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدىغانلىقى بەلگىلەندى. بۇنىڭ بىلەن ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ۋە قانۇنىي جاۋابكارلىق زىچ بىرلەشتۈرۈلدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.