مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مۇھىت

    ئاقتۇ ناھىيەسى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش تەدبىرىنى يولغا قويدى

    ئامانگۈل2017-04-26 11:04:12شىنجاڭ گېزىتى

     مۇختەر نۇرمۇھەممەد خەۋەر قىلىدۇ: ئاقتۇ ناھىيەسى مەبلەغ سېلىنمىسىنى زورايتىپ، شەھەر – يېزىلارنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاش، قاقاسلىقنى يېشىللاشتۇرۇش، چېكىنگەن يايلاقلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئىناق، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان، يېشىل ھەم تۆۋەن كاربونلۇق، ئېكولوگىيەسى ياخشى ئاقتۇ بەرپا قىلىش سالمىقىنى زورايتتى.

     بۇ ناھىيە 100 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىپ، ناھىيە بازىرىدا 150 مو كۆلەمدىكى شەرقىي ئېكولوگىيە باغچىسى ۋە 500 مو كۆلەمدىكى ئاقتۇ كۆلى سۇلۇق يەر باغچىسىنى قۇرۇپ، ئاممىغا ئېچىۋەتتى؛ 3 – ئاي كىرىشى بىلەن يول ياقىسى، كوچىلاردىكى پايدىلىنىشقا بولىدىغان بوشلۇق ۋە بىكار يەرلەرنى ئۆزگەرتىپ، شەھەر ئاھالىسىنىڭ دەم ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان ئىستىراھەت باغچا قۇرۇلۇشىنى باشلىدى. يېزا – كەنتلەرنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاپ، سەككىز يېزا – بازار، 25 كەنتنىڭ مۇھىتىنى تۈزەش ئۈلگە رايونى تۈر قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى. ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، بىر تۇتاش پار بېرىش، بۇلغانمىلارنى كونترول قىلىش ئارقىلىق، 1 –، 2 – دەرىجىلىك (ئەلا) ھاۋارايى كۈن سانىنى 278 كۈندىن كۆپرەككە يەتكۈزدى؛ سۇ مەنبەلىرىنى قوغداش، سۇ سۈپىتىنى ھەر تەرەپلىمە ئانالىز قىلىش ۋە ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش مېخانىزمىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىپ، شەھەر – يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ سۈپىتىنى ياخشىلىدى؛ بۇ يىل يەنە ئۆلكە يولى 214 – لىنىيەسىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى ئورمان بەلبېغىنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى باشلاش بىلەن بىللە، 15 مىڭ مو قاقاسلىققا سۇ باشلاپ، بارىن ئۆرۈكى، چىلان كۆچىتى تىكتى؛ يايلاق ئېكولوگىيەسىنى ياخشىلاش مەخسۇس تۈر مەبلىغىدىن 12 مىليون يۈەننى قولغا كەلتۈرۈپ، سۇ باشلاش، قاشالاپ ئوت – چۆپ تېرىش تەدبىرلىرى ئارقىلىق، ئېغىر دەرىجىدە چېكىنگەن 200 مىڭ مو يايلاقنى ئەسلىگە كەلتۈردى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.