مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مۇھىت

    ئاقسۇ دەريا ۋادىسىنى كۆكەرتىش پىلانىنىڭ %72ى ئورۇندالدى

    ئامانگۈل2017-04-25 11:48:57شىنجاڭ گېزىتى

     ئۆمەر ئوسمان خەۋەر قىلىدۇ: ئاقسۇ ۋىلايىتى 2015 – يىلى ئاقسۇ دەريا ۋادىسىدىكى 484 مىڭ مو كۆلەمنى كۆكەرتىشنى پىلانلاپ يولغا قويغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە 349 مىڭ 100 مو كۆلەم كۆكەرتىلىپ، ئومۇمىي پىلاننىڭ %72ى ئورۇندالدى.

     ئۇقۇشىمچە، ئاقسۇ دەريا ۋادىسىنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى ئاقسۇ دەرياسى غەربىي چوڭ كۆۋرۈكى يۇقىرى – تۆۋەن ئېقىنىنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي قىرغىقى، دۆلەت يولى 219 –، 314 – لىنىيەسى بويى قاتارلىق 12 رايوننى قاپلىغان بولۇپ، بۇ يىل ئەتىيازدا 5600 مودىن ئارتۇق يەرگە كۆچەت تىكىلگەن. ئاقسۇ شەھىرى دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى دەريا ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان، بۇلغىما چىقىرىدىغان كىچىك كارخانا، كىچىك زاۋۇتلارنى ئومۇميۈزلۈك كۆچۈرگەن. ئاقسۇ دەريا ۋادىسى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى تاماملانسا، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئېكولوگىيەسى ۋە دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىدىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.