مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇن ئۇچۇرلىرى

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى ئادۋوكاتلار قوشۇنىنىڭ ئىدىيەۋى، سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى

    ئامانگۈل2017-04-24 16:58:23شىنجاڭ گېزىتى

     ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى پارتكومى يېقىندا ‹‹يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئادۋوكاتلار قوشۇنىنىڭ ئىدىيەۋى، سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى››نى تارقاتتى.

     ‹‹يولغا قويۇش پىكرى››دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئادۋوكاتلار قوشۇنىنىڭ ئىدىيەۋى، سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، ئادۋوكاتلار ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى قوغداش، جەمئىيەتنىڭ ئادىل، ھەققانىيلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ مەجبۇرىيەتنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

     ‹‹يولغا قويۇش پىكرى››دە، ئادۋوكاتلاردىن جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزىم نەزەرىيە سىستېمىسى بىلەن ئىدىيەسىنى قۇراللاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىق نەزەرىيەسىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەربىيەسىنى چىڭ تۇتۇش تەلەپ قىلىندى ھەم ئادۋوكاتلاردىن ئەخلاق – پەزىلەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئادۋوكاتلىق كەسپى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي يادرولۇق رولى ھەم ئادۋوكاتلار ئىچىدىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگىرات، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش تەكىتلەندى.

     ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر جەمئىيەت بۇ يىل ئادۋوكاتلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش مەركىزى ۋە ئەرز قىلىش مەركىزى قۇرۇپ چىقىپ، ئادۋوكاتلار قوشۇنىنىڭ ئۈمۇميۈزلۈك ساپاسى ۋە كەسپىي ئورنىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىدىكەن؛ ئادۋوكاتلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئادۋوكاتلىق كەسپىنىڭ ھوقۇقىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداپ، ئادۋوكاتلىق كەسپى ھەرىكىتىىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ياخشى بولغان ئادۋوكاتلىق كەسپى مۇھىتى يارىتىدىكەن.

    ئۆز خەۋىرىمىز

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.