مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇن ئۇچۇرلىرى

    كورلا شەھىرىدە 62 تورخانا، 36بەزمىخانا تەكشۈرۈپ تەرتىپكە سېلىندى

    مەۋلۇدە2017-04-18 17:23:00شىنجاڭ گېزىتى

       ئەبەيدۇللا مۇھەممەتنىياز، ياسىنجان رەھمىتۇللا خەۋەر قىلىدۇ: كورلا شەھەرلىك مەدەنىيەت – تەنتەربىيە، رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى 2 – ئاينىڭ 28 – كۈنىدىن بۇيان، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن بىللە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، تورخانا ۋە كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنى تەكشۈرۈپ تەرتىپكە سالدى.

        كورلا شەھەرلىك مەدەنىيەت – تەنتەربىيە، رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ج خ ئىدارىسى ئوت ئۆچۈرۈش چوڭ ئەترىتى، س س م ب ئىدارىسى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى، يېزا – بازار، كوچا باشقارمىلىرى بىلەن بىرلىكتە كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش ئەسلىھەلىرى، ئوت ئۆچۈرۈش، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئەسلىھەلىرى، تورخانىغا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىرىش ئەھۋالى، كۆڭۈل ئېچىش ئورۇنلىرى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن ئاشۇرۇپ تىجارەت قىلىش قاتارلىق 23 تۈرلۈك مەسىلىنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. ھازىرغىچە شەھەر بويىچە 62 تورخانا، 36 بەزمىخانا تىجارەتتىن توختىتىلىپ تەرتىپكە سېلىندى، 16 ئورۇننىڭ تىجارەت ئىجازەتنامىسى ۋاقىتلىق تۇتۇپ قېلىندى، بەش ئۈن – سىن بۇيۇملىرى دۇكىنى تىجارەتتىن توختىتىلىپ تەرتىپكە سېلىندى. 3806 پارچە قانۇنسىز نەشر بۇيۇمى، 17 پارچە قانۇنسىز نەشر قىلىنغان كىتاب يىغىۋېلىندى. ئۇنىڭدىن باشقا 220 دانە قانۇنسىز سۈنئىي ھەمراھ قوبۇللىغۇچ يىغىۋېلىندى.

        

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.