مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇن ئۇچۇرلىرى

    توققۇزتارا ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى ئوغرىلىق دېلوسىنى ئۈچ سائەتتە پاش قىلدى

    مەۋلۇدە2017-04-18 17:14:37شىنجاڭ گېزىتى

        توققۇزتارا ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى يېقىندا بىر قېتىملىق ئوغرىلىق دېلوسىنى ئۈچ سائەت ئىچىدە پاش قىلىپ، ئوغرىلانغان 40 مىڭ يۈەننى قايتۇرۇپ كەلدى.

        پ X بۇ يىل3 – ئاينىڭ 15 – كۈنى توققۇزتارا ناھىيەسىدىكى مەلۇم مېھمانسارايدا قونغان ھەم 3 – ئاينىڭ 16 – كۈنى ئەتىگەندە ياتاقنى قايتۇرۇۋاتقاندا، دىجورنىلىق ئۆيىدىكى 50 يۈەننى كۆرۈپ قېلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ليۇ X سىرتقا چىقىپ كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، دىجورنىخانىغا كىرىپ، يوتقان ئاستىغا قويۇپ قويغان 40 مىڭ يۈەننى ئوغرىلىغان. ئارىدىن يېرىم سائەتلەر ئۆتكەندىن كېيىن ليۇ X پۇلنىڭ ئوغرىلانغانلىقىنى بايقاپ، دەرھال دېلو مەلۇم قىلغان. ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدىكى خادىملار نەق مەيداننى تەكشۈرۈپ، كۆزىتىش ئاپپاراتىدىكى تارتىلغان سۈرەت بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق جىنايەت گۇماندارىنى پ X دەپ بېكىتكەن ھەم جىنايەت گۇماندارىنى تاكسىدا قولغا چۈشۈرگەن.

        ئىگىلىنىشچە، پ X ئىلگىرىمۇ بۇلاڭچىلىق، ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن يەتتە يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، تېخى بۇلتۇر 12 – ئايدا تۈرمىدىن چىققان ھەم ئىزچىل ئىشلىمەي بىكار يۈرگەن. بۇ قېتىم پۇلنى كۆرگەندىن كېيىن كونا كېسىلى قوزغىلىپ، ئوغرىلىق قىلغان. نۆۋەتتە، جىنايەت گۇماندارى پ X قانۇن بويىچە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، دېلو يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ.

        گۈزەلنۇر ئۆمەر

        

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.