مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇن ئۇچۇرلىرى

    ئەر ياكى خوتۇن قەرز ئېلىپ قانۇنسىز قىلمىشلارغا ئىشلەتسە، بۇنداق قەرز ئەر – خوتۇننىڭ ئورتاق قەرزى ھېسابلانمايدۇ

    ئامانگۈل2017-03-24 16:15:11شىنجاڭ گېزىتى

     ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ يىل 2 – ئاينىڭ 28 – كۈنى ‹‹ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ نىكاھ قانۇنىنى تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى (2)نىڭ تولۇقلىما بەلگىلىمىسى››نى ئېلان قىلىپ، ساختا قەرزدارلىق، قانۇنسىز قەرزدارلىق قىلمىشلىرىنىڭ قانۇن تەرىپىدىن قوغدالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

     تولۇقلىما بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ‹‹ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ نىكاھ قانۇنىنى تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى (2)››نىڭ 24 – ماددىسىغا ئىككى تارماق قوشۇلۇپ: ئەر ياكى خوتۇن 3 – كىشى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ساختا قەرز ئويدۇرۇپ چىقارسا، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 3 – كىشىنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوللىمايدىغانلىقى؛ ئەر ياكى خوتۇن قىمار ئويناش، زەھەر چېكىش قاتارلىق قانۇنسىز قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ قەرز بولۇپ قېلىپ، 3 – كىشىدىن ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قوللىمايدىغانلىقى بەلگىلەندى.

     ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ‹‹ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەر – خوتۇننىڭ ئورتاق قەرزى دېلولىرىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى››نى تارقىتىپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىدىن ‹‹نىكاھ قانۇنىنى تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھات(2)نىڭ تولۇقلىما بەلگىلىمىسى››نى توغرا تەتبىقلاشنى، ئائىلە ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك دېلولارغا قاراپ چىققاندا ئەر – خوتۇننىڭ ئورتاق قەرزىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ئەر – خوتۇن ئىككى تەرەپ ۋە ھەقدارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى.

     ‹‹ئۇقتۇرۇش››تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: قانۇن ۋە ئەدلىيەلىك ئىزاھاتلارغا خىلاپلىق قىلىپ، قەرز ئېلىش تىلخېتى، قەرز ھۆججىتىگە تايىنىپلا قەرز مۇناسىۋىتىنى بېكىتىدىغان ئاددىي ئۇسۇللارنى قوللىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

     ‹‹ئۇقتۇرۇش››تا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويولدى: ھەقدار ئەر ياكى خوتۇننىڭ ئالغان قەرزنى قىمار ئويناش، زەھەر چېكىش قاتارلىق قانۇنسىز قىلمىشلارغا ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ قەرز بەرسە، ھەقدارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدىماسلىق؛ ئەر ياكى خوتۇن شەخسىي نامدا قەرز ئېلىپ قانۇنسىز قىلمىشلارغا ئىشلىتىپ، بۇ قەرزنى ئەر – خوتۇننىڭ ئورتاق قەرزى سۈپىتىدە بىر تەرەپ قىلىشنى تەشەببۇس قىلسا، قوللىماسلىق كېرەك. ئەر – خوتۇننىڭ ئورتاق قەرزىگە ئالاقىدار ھۆكۈملەرنى ئىجرا قىلىش داۋامىدا ئۇلارنىڭ مائاش، تۇرالغۇ قاتارلىق مۈلۈك ھوقۇقى، ھەتتا ياشاش ھوقۇقى دەخلى – تەرۇزغا ئۇچرىسا، ئەر – خوتۇن ئىككىيلەننىڭ زۆرۈر تۇرمۇش خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ؛ ئەر – خوتۇننىڭ نامىدىكى ئۆي توغرىسدىكى ھۆكۈمنى ئىجرا قىلغاندا ئۇلارنىڭ تۇرالغۇسى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، بۇ خىل ئۆيلەرنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش كېرەك، ئىجرا قىلدۇرغۇچىغا ھېسابلاپ بېرىۋېتىشكە بولمايدۇ.

     ‹‹ئۇقتۇرۇش››تا يەنە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئەر – خوتۇننىڭ ئورتاق قەرزىگە ئالاقىدار دېلولارنى بىر تەرەپ قىلغاندا قانۇن ۋە ئەخلاقنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك. ئەر ياكى خوتۇن 3 – كىشى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ساختا قەرز ئويدۇرۇپ، ساختا دەۋا قىلىش قىلمىشى، بولۇپمۇ ساختا قەرزدارلىق دېلوسىنى سادىر قىلسا، بۇنىڭغا جازا ئۆلچەشتە گۇمان پەيدا قىلغان يىپ ئۇچى ۋە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تەھقىقلەش ئورگانلىرىغا يوللاش كېرەك.

    ‹‹شىنخۇا ئاگېنتلىقى››

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.