مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مۇھىت

    «ئاق بۇلغىما»نى «يېشىل ئۈنۈم»گە ئايلاندۇرايلى

    ئامانگۈل2017-03-24 13:17:02شىنجاڭ گېزىتى

    شىنجاڭ «كاڭرۈنجيې»مۇھىت ئاسراش پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى كۇڭ لىمىڭ

    مۇخبىرىمىز يۆ يەنيۈن

     شىنجاڭ «كاڭرۈنجيې» مۇھىت ئاسراش پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى كۇڭ لىمىڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. بۇ شىنجاڭنىڭ ئوبيېكتىپ ئەمەلىيىتىگە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئىنتايىن ئاجىز، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا چوقۇم يېشىل ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسرىشىمىز كېرەك.

     كۇڭ لىمىڭنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭ ئۈچۈن «ئاق بۇلغىما»نى يوقىتىش كېرەك ئىكەن، چۈنكى ئاپتونوم رايونىمىزدا «ئاق بۇلغىما» مەسىلىسى، بولۇپمۇ دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان سولياۋ يوپۇق پەيدا قىلىدىغان بۇلغىما ئىنتايىن ئېغىر ئىكەن. دېھقانچىلىق مىنىستىرلىقى ئېكولوگىيە باش پونكىتى بىلەن جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى يېزا ئىگىلىك مۇھىتى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات تەتقىقات ئورنىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2014 - يىلىغا قەدەر شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە سولياۋ يوپۇق بىلەن قاپلىنىش كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئىشلىتىش مىقدارى ئەڭ كۆپ رايونغا ئايلانغان.

     بۇ شىركەت سىياسەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە بىر قانچە يىل تىرىشىپ، تۇپراق «ھەزىم» قىلالايدىغان بىيولوگىيەلىك دېگراتسىيە سولياۋ يوپۇقىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى. بۇ كارخانا بۇنىڭ بىلەن ھازىر مەملىكىتىمىزدىكى بىردىنبىر بىيولوگىيەلىك دېگراتسىيە سولياۋ يوپۇقىنى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىپ ساتىدىغان كارخانىغا ئايلاندى.

     ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى 2016 - يىلى بۇ شىركەتنى بىيولوگىيەلىك دېگراتسىيە سولياۋ يوپۇقى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانا قىلىپ بېكىتتى ھەم ئاپتونوم رايون بويىچە 14 ناھىيەدە 28 مىڭ مو يەرگە دېگراتسىيەلىك سولياۋ يوپۇق ئىشلىتىش ئۈلگە رايونى قۇرۇش تۈرىنى تاماملىدى، بۇ يىل بۇ تۈرنىڭ كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىلمەكچى. كۇڭ لىمىڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون 2016 - يىل 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئېتىز - ئېرىق سولياۋ يوپۇقىنى باشقۇرۇش نىزامى»نى ئېلان قىلدى، بۇ نىزامدا ئەنئەنىۋى پولىئېتىلېنلىق سولياۋ يوپۇقنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلىتىلىش تەننەرخى ئۆستۈرۈلۈپ، بىيولوگىيەلىك دېگراتسىيە سولياۋ يوپۇقىنىڭ باھاسى ئەنئەنىۋى پولىئېتىلېنلىق سولياۋ يوپۇقنىڭ ئۇنىۋېرسال تەننەرخىدىن تۆۋەن قىلىپ بېكىتىلىپ، بۇ يېشىل مەھسۇلاتنىڭ شىنجاڭدا، ھەتتا مەملىكەت بويىچە ئومۇملاشتۇرۇلۇشىدا مۇھىم تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.