مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    جۇ خەيلۇن قەشقەر شەھىرىدە تۇرۇشلۇق قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرىدىن ھال سورىدى

    ئامانگۈل2017-03-20 16:19:22شىنجاڭ گېزىتى

     لى شىڭ خەۋىرى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۇن 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى قەشقەر شەھىرىدە تۇرۇشلۇق قوراللىق ساقچى قىسىمغا كېلىپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى يوقلىدى ۋە ھال سورىدى.

     جۇ خەيلۇن قەشقەر شەھىرىدە تۇرۇشلۇق نەچچە ئون مىڭ قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان جەنۇبىي شىنجاڭدا، بولۇپمۇ قەشقەردىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ 1 - سېپىدە تۇرۇپ، تۈرلۈك جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندىغانلىقىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرىگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى ھەم چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتتى.

     جۇ خەيلۇن مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتى يەنىلا جىددىي، مۇرەككەپ بولۇپ، قاتتىق زەربە بېرىپ ھۇجۇم قىلىش، ئۆتكەلدىن ئۆتۈشتەك ھالقىلىق باسقۇچتا، ھەل قىلغۇچ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. قەشقەر ئەزەلدىنلا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئالدىنقى سېپى ۋە ئاساسىي جەڭ مەيدانى، شىنجاڭنى بىر تاختا شاھمات دېسەك، جەنۇبىي شىنجاڭ دەل مۇشۇ شاھماتنىڭ كۆزى، قەشقەر مۇھىمنىڭ مۇھىمى، قەشقەردىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش جېڭىدە غەلىبە قازىنىش شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق تەقەززاسى، شۇنداقلا جەنۇبىي شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى.

     جۇ خەيلۇن مۇنداق دېدى: قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرىنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ «بىرىكمە مۇشتى»نى قاتتىق ئېتىش توغرىسىدىكى تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇشى، جەڭدە غەلىبە قىلىشى، ئىستىلدا ئەلا بولۇشىنى؛ «جانلىق، ئىقتىدارلىق، ۋىجدانلىق، پەزىلەتلىك» بولۇشتەك ئىنقىلابىي ئىرادىسى ۋە جەڭگىۋارلىق روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، دائىم تەييار، يۈكسەك ھوشيار تۇرۇپ، جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ، ھەربىي قابىلىيىتىنى كۈچەيتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە خىل قوشۇن بولۇپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ، ئۆتكۈر قىلىچ بولۇپ، چاقىرغان ھامان كېلەلەيدىغان، كەلگەن ھامان جەڭ قىلالايدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشىنى؛ پولاتتەك ئىرادە، پولاتتەك ئالىقان، پولاتتەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئەجەللىك زەربە بېرىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان «ئۈچ خىل كۈچ»نى كۈكۈم - تالقان قىلىپ، قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، ئەمەلىي جەڭ مەشىقى ۋە مۇقىملىقنى قوغداش نەتىجىلىرى بىلەن ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە، كەسىپ جەھەتتە، مەسئۇلىيەت جەھەتتە، ئىنتىزام جەھەتتە، ئىستىل جەھەتتە قاتتىق سىناقتىن ئۆتەلەيدىغان قەھرىمانلارچە جاسارىتىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تىنچ - ئىتتىپاق، ئىناق - مۇقىم ۋەزىيىتىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشقا كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.