مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    سۈرەت كۆزنىكى

    قابا ناھىيەسى سۇلۇ يېرىدىكى ئەتىۋارلىق مېھمان

    پەرغانە غوپۇر2017-03-20 16:33:59تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى (جۇ يىجىڭ، خې شىخۇي فوتوسى): 18-مارت سەھەردە بىر قانچە ئاققوتان قابا ناھىيەسى ئاقچى سۇلۇ يېرىدىكى سۇ ئۆسۈملۈكلىرى يېنىدا ئوزۇقلۇق ئىزدەپ، ئۇياق-بۇياققا ئۇچۇپ، بۇ جايدىكى تىنچلىقنى بۇزدى. كەڭ كەتكەن سۇلۇ يەر گەرچە ئاپئاق قار بىلەن قاپلىنىپ تۇرسىمۇ، پەسىل خاراكتېرلىك باھار شامىلى بارچە مەۋجۇداتنىڭ يۈزىنى سىلىق سىلاپ، ئۇلارنى قىشلىق ئۇيقۇدىن ئويغىتىشقا تەمشىلەتتى.

     ئىگىلىنىشىچە، ھەر يىلى باھار ۋە كۈز پەسلىدە قابا ناھىيەسى سۇلۇ يېرى كۆچۈش سەپىرىگە ئاتلانغان ئاققوتانلارنىڭ ئارام ئېلىشىدىكى ئالدىن تاللىشى بولۇپ قالغان. ئاققوتانلار باھار پەسلىدە قابا ناھىيەسىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى قارلىق تاغ ۋە سىبىرىيە قاتارلىق جايلارغا ئۇچۇپ بارسا، كۈز پەسلىدە جەنۇبقا قايتىدىكەن. پەسىل قۇشلىرىنى قوغداش ئۈچۈن قابا ناھىيەسى قەرەللىك ھالدا قۇشلارنىڭ ئوزۇقلۇقلىرىنى تەييارلاپ، كۆچۈش سەپىرىگە ئاتلانغان قۇشلارغا تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بەرگەن.

     

        

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.