مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    مۇھىم تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، دەل جايىدا كۈچەيلى

    ئامانگۈل2017-03-20 16:19:19شىنجاڭ گېزىتى

    −ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تارماقلار، ئورۇنلاردا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى

    مۇخبىرلىرىمىز لى لىن، گاۋ ۋا، لى چۈنشيا، چاۋ جىن

     باش شۇجى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە كېلىپ، ھەر مىللەت ۋەكىللەرنى يوقلىدى، قاراپ چىقىشقا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. بۇ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىلھاملاندۇردى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تارماقلار، ئورۇنلاردا بىرقانچە كۈندىن بۇيان باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق دېيىشتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، مۇھىم تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، مەۋقەنى خىزمىتىمىزگە قارىتىپ، دەل جايىدا كۈچەيمىز.

     ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى

     ھەقىقىي ئۆگىنىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، سودا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرىمىز

     ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ئورگاندىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنى مەركەزلىك ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى.

     يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى، كۆيۈنۈشى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنى توختاۋسىز قەتئىي ئىرادە ۋە جاسارەت بىلەن شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. ئىستىلى دۇرۇس، كەيپىياتى توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە ۋە ئادىل، ھەققانىي بولغان بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ھەقىقىي ئۆگىنىش، ئەمەلىي ئىشلەش، سودا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئىقتىسادنىڭ يەنىمۇ ياخشى، يەنىمۇ تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەلا خىزمەت نەتىجىلىرىمىز ئارقىلىق پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

     ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى

     دەل جايىدا كۈچەپ، خەلق ئىشلىرىدا خەلققە نەپ يەتكۈزۈش «كاپالەت تورى»نى مۇستەھكەملەيمىز

     ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى يېقىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، يەتكۈزدى، ئىزچىللاشتۇردى ھەم خەلق ئىشلىرى سىستېمىسىنىڭ ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

     خەلق ئىشلىرى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوقۇم خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە، خىزمەت پىكرىگە، خىزمەت تەدبىرىگە ۋە ئاممىنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرىدىغان خەلق ئىشلىرى تۈرىگە ئايلاندۇرۇپ، «خەلق ئىشلىرى خەلق ئۈچۈن، خەلق ئىشلىرى خەلقنى سۆيىدۇ» دېگەن ئىدىيەنى چىڭ تۇرغۇزۇپ، نامراتلارنى تولۇق يۆلەش، قىيىنچىلىقى بارلارنى پاناھلاندۇرۇش، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى قۇتقۇزۇش قاتارلىق تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى، كۆيۈنۈشىنى ھەر مىللەت ئاممىغا ھەقىقىي يەتكۈزۈپ، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىگە ئورنىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيەنىڭ مېھىر - شەپقىتى ۋە باش شۇجىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان غەمخورلۇقى ۋە كۈتكەن ئۈمىدىگە جاۋاب قايتۇرۇشىمىز كېرەك.

     ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى

     مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، «ساغلام شىنجاڭ» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز

     ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى 3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، يەتكۈزدى ۋە ئىزچىللاشتۇردى.

     يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەلبىمىزگە چىڭ ئورنىتىپ، ھەرىكىتىمىزدە بەجا كەلتۈرۈپ، خىزمەتلىرىمىزدە ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، ئىش ئورنىمىزدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز، ھەرىكىتىمىزدە كۆرسىتىشىمىز كېرەك. سەھىيە - پىلانلىق تۇغۇت سىستېمىسىدىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ساغلاملىقنى ئاسرىغۇچىلىق مەسئۇلىيتىمىزنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، داۋالاش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشتا، تېببىي دورا - سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، «ساغلام شىنجاڭ» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پىلانلىق تۇغۇتتىن ئىبارەت دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، سەھىيە - پىلانلىق تۇغۇت سىستېمىسىنىڭ ئاممىغا يېقىنلىشىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتەك ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قاراتمىلىقى يەنىمۇ كۈچلۈك، قاپلىنىش دائىرىسى يەنىمۇ كەڭ، رولى يەنىمۇ بىۋاسىتە، ئۈنۈمى يەنىمۇ روشەن تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك سىياسەت - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئاڭلىق قوغداپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

     ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى

     «تېز، چوڭقۇر، ئەمەلىي» بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشى «بىخەتەر تورى»نى بەرپا قىلىمىز

     ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسى يېقىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرغاندا مۇنداق تەلەپ قىلدى: تېز ئۆگىنىپ، يەتكۈزۈپ، چوڭقۇر قاتلاملىق چۈشىنىپ، ئىگىلەپ، ھەر تەرەپلىمە ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى، كۆيۈنۈشى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ھەقىقىي ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

     ئۆگىنىشتە «تېز» بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سۆزنىڭ روھىنى تېزدىن يەتكۈزۈش؛ چۈشىنىشتە «چوڭقۇر» بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر قاتلاملىق ئىگىلەش؛ ئىزچىللاشتۇرۇشتا «ئەمەلىي» بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەر تەرەپلىمە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر خەلق تۇرمۇشىغا كۈچەپ كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاش تەلىپىگە ئاساسەن، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتىنىڭ فۇنكسىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، يەڭنى تۈرۈپ جاسارەت بىلەن ئىشلىشى كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇش يىلى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش جەھەتلەرگە كۈچەپ، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەر، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن ئامما قاتارلىق توپلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى ۋە كۈتۈلمىگەن زەخىم سۇغۇرتىسىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش پىلانىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، پېنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەپ ۋە ئۆستۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشى «بىخەتەر تورى»نى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.