مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    ‹‹ئۈچ سوئال، تۆت ئۈچۈن››نى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇش

    زاھىدە مۇتەللىپ2017-03-20 11:37:39شىنجاڭ گېزىتى

    ــ جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

     ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ئۆمەك شەكلى››دە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى 2016 – يىلى كۈزدە ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلدى، نەق مەيداندا جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ‹‹ئۆمەك شەكلى››دە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى كۆزدىن كەچۈرۈلدى، ‹‹ئۆمەك شەكلى››دە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

     جېجياڭ ئۆلكىسىدىن 8 – تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار 2013 – يىلى شىنجاڭغا كەلگەندىن بۇيان، مەركەز ۋە جېجياڭ ئۆلكىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مەركەزنىڭ روھى، شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتى ۋە جېجياڭ روھىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، ئىختىساسلىقلار، ئاساسىي قاتلام ئۇل قۇرۇلۇشى ۋە مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى. جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار خىزمەت ئەترىتى ئۈچ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرىدىن 572 نى يولغا قويۇپ، 4 مىليارد 147 مىليون يۈەن مەبلەغنى ئەمەلىيلەشتۈردى، ئالدىنقى ئىككى يىلدا تۈرلەردە ئىش باشلاش، مەبلەغنىڭ ئەمەلىيلىشىش ۋە پىلاننى تاماملاش نىسبىتى %100كە يەتتى.

     كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى

     ئىشقا ئورۇنلىشىش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا چېگرا رايوننى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى. جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار خىزمەت ئەترىتى شىنجاڭغا كەسىپتە نىشانلىق ياردەم بېرىش ئارقىلىق ياردەم بېرىلىۋاتقان جايلاردىكى ئاممىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىق ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى. ئۈچ يىلدىن بۇيان، كەسىپتە ھەمكارلىشىش تۈرىدىن 52 نى كىرگۈزۈپ، 10 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغنى نەقلەشتۈرۈپ، 12 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. جېجياڭ ئۆلكىسى ‹‹13 – بەش يىل››دا 10 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىش، 100 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش نىشانىغا يېتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

     جېجياڭ ئۆلكىسى توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش ۋە كېڭەيتىش ئۈچۈن ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسى تەتقىقات بىناسى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى. ‹‹جيېلىيا›› گۇرۇھى تۇنجى قاراردا 1 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالغان پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى تۈرى ئۆز قەرەلىدە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، 2300 ئىشچى قوبۇل قىلىندى.

     جېجياڭ ئۆلكىسى ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپى ۋە ئىختىساسلىقلار ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئاقسۇ شەھىرىدە ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپ رايونى بەرپا قىلىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 47 كارخانىنى جەلپ قىلدى، ‹‹تاۋباۋ›› ئىنستىتۇتى قۇرۇپ، قوش تىللىق ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە تەربىيەلەش دەرسلىكى تۈزۈپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىختىساسلىقلىرىدىن 5000 نى تەربىيەلىدى. ئاقسۇ شەھىرى، كۇچا ناھىيەسى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىگە 2015 –، 2016 – يىللىرى سودا مىنىستىرلىقى ‹‹دۆلەتنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا كىرگۈزۈش بويىچە ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىدىغان ناھىيە (شەھەر)›› دەپ نام بەردى.

     يېزا ئىگىلىكىدە ‹‹بىر ناھىيەدە بىر سورت بولۇش››نى داۋاملىق يولغا قويدى. ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى ۋە پەن – تېخنىكىلاشقان يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇشى، ‹‹خۇياڭ›› نەسىللىك قوي فېرمىسى، كۆكتات مايسىسى يېتىشتۈرۈش مەركىزى قاتارلىق تۈرلەرنى يولغا قويۇپ، دېھقانلارنىڭ ھويلا – ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشىنى تىرەككە ئىگە قىلىپ، تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈردى.

     شىنجاڭغا ئەقلىي جەھەتتە نىشانلىق ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، مەڭگۈ قېپقالىدىغان ئىختىساسلىقلار قوشۇنى بەرپا قىلدى

     جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ئەقلىي جەھەتتە نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرى 2016 – يىلى 4 – ئايدا مەركەزلىك يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى؛ 10 – ئاينىڭ ئاخىرى ئىختىساسلىقلارنىڭ ‹‹ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش›› مۇسابىقىسى يەنە باشلاندى. جېجياڭ ئۆلكىسى 2016 – يىلى شىنجاڭغا ئەقلىي جەھەتتە نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن 100 مىليون يۈەنگە يېقىن ئاجرىتىپ، يەرلىكتىكى 6000 دىن ئارتۇق كادىر، ئىختىساسلىق خادىمنى تەربىيەلىدى، يېتىشتۈردى.

     ئۈچ يىلدىن بۇيان جېجياڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا ئەقلىي جەھەتتە نىشانلىق ياردەم بېرىشنى پائال قانات يايدۇردى. شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق نىشانلىق ياردەم بېرىشتە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇپ، ئاساسىي مائارىپتا قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەشنى كەسپىي مائارىپتىكى ‹‹قوش ئوقۇتقۇچى تىپى››دىكى ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەشكىچە كېڭەيتىپ، 5072 ئاز سانلىق مىللەت قوش تىل ئوقۇتقۇچىسىنى تەربىيەلەش پىلانىنى يولغا قويدى؛ ‹‹1000 مەكتەپ قول تۇتۇشۇش›› پىلانىنى يولغا قويۇپ، جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى 400 دىن ئارتۇق مەكتەپنى يەرلىكتىكى مەكتەپلەر بىلەن قوشماقلىشىشقا تەشكىللىدى. شىنجاڭغا كەسپىي مائارىپ ئارقىلىق نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى ئالتە چوڭ قۇرۇلۇشنى باشلاپ، كەسپىي مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 200 گە يېقىن ئوقۇتقۇچىنى جېجياڭ ئۆلكىسىگە ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتتى، 50 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىردىنبىر كەسپىي ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش مەركىزى قۇردى، جېجياڭ – ئاقسۇ (بىڭتۈەن 1 – شى) كەسپىي مەكتەپلەر بىرلەشمىسى قۇرۇپ، جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى 35 كەسپىي مەكتەپ، كەسپىي ئىنستىتۇتنى ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە بىڭتۈەن 1 – شىدىكى كەسپىي مەكتەپلەر بىلەن قوشماقلىشىشقا تەشكىللەپ، كەسپىي مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى ھاۋالىلىك باشقۇرۇش شەكلىدە قوللىدى. جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار خىزمەت ئەترىتى يەنە ياردەم بېرىلىۋاتقان جايلار بىلەن بىرلىكتە ئۇدا ئىككى نۆۋەت ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ماھارەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، مەكتەپ بىلەن كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇشى ۋە بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار خىزمەت ئەترىتى 2015 – يىلى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن ئالدىن 400 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پەن – تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئاقسۇ مەكتەپ رايونىدا مەكتەپ قۇرۇشىنى قوللىدى.

     جېجياڭ ئۆلكىسى مەڭگۈ قېپقالىدىغان ئىختىساسلىقلار قوشۇنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن شىنجاڭغا ئەقلىي جەھەتتە ياردەم بېرىشتە ‹‹ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش قۇرۇلۇشى››نى داۋاملىق يولغا قويۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئىختىساسلىقلار خىزمىتى ئىشخانىسى قۇرۇشتىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئىختىساسلىقلارنىڭ ‹‹ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش›› مۇسابىقىسى، نەق مەيداندا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، خۇلاسىلەش – تەقدىرلەش قاتارلىق سىستېمىلاشقان ‹‹ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش قۇرۇلۇشى››غىچە بىر يۈرۈش خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، قېپقالالايدىغان، كۈرەش قىلالايدىغان يەرلىك ئىختىساسلىقلار قوشۇنى بەرپا قىلىشقا ئاساس سالدى.

     ‹‹ئۆمەك شەكلى››دە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى بىر چوڭ يارقىن نۇقتىسى. جېجياڭ ئۆلكىسى داۋالاش ساھەسىدىكى 35 مۇتەخەسسىس، تايانچنى تاللاپ ئەۋەتىپ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1 – خەلق دوختۇرخانىسى ۋە بىڭتۈەن 1 – شى دوختۇرخانىسىغا ئۆمەك شەكلىدە ياردەم بېرىپ، پەن تەسىس قىلىش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، بوشلۇقنى تولدۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى يېتەكلەشنى نىشان قىلىپ، كۆپ قاتلام، كۆپ يوللار ئارقىلىق داۋالاش ساھەسىدىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ شىنجاڭغا ‹‹ئۆمەك شەكلى››دە نىشانلىق ياردەم بېرىشىنى قانات يايدۇردى. 2016 – يىلى 9 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە 3300 قېتىمدىن ئارتۇق كېسەل كۆردى، 1200 نەچچە ئاغرىق(قېتىم)نى ئوپېراتسىيە قىلدى، ئون نەچچە تۈردىكى ئوپېراتسىيە بوشلۇقىنى تولدۇردى، ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسىدىن 30 نەچچىنى ئىلتىماس قىلدى، يېڭى تېخنىكا، يېڭى تۈردىن 65 نى يولغا قويدى. ئۇنىڭدىن باشقا، جېجياڭ ئۆلكىسى نىشانلىق ياردەم بېرىشتە قاراتمىلىق بولۇش، قوللىنىشچان بولۇشنى كۆزلەپ، تۈرلەر بويىچە تەربىيەلەش، پۇختا ئۆگىنىش، ئەسقاتىدىغان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، باشلامچى، رەھبەر، ئالدىدا ماڭغۇچى، يول باشلىغۇچى، يېتەكلىگۈچىلەردىن ئىبارەت ‹‹بەش خىل ئىختىساسلىقلار››نى تەربىيەلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ‹‹چىقىرىش››، ‹‹كىرگۈزۈش›› ئارقىلىق يەرلىك ئىختىساسلىقلاردىن 3800 (قېتىم)دىن كۆپرەكنى جېجياڭغا تەربىيەلىنىشكە، جېجياڭلىق مۇتەخەسسىسلەردىن 2000 (قېتىم)دىن كۆپرەكنى تەشكىللەپ ئاقسۇنى جانلىق قوللاشقا ئەۋەتىپ، يەرلىكنىڭ 25 مىڭ (قېتىم)دىن كۆپرەك كادىر، ئىختىساسلىق خادىمنى تەربىيەلىشىگە ياردەم بەردى.

     شىنجاڭغا خەلق تۇرمۇشى جەھەتتە نىشانلىق ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئەلرايىنى مايىل قىلدى

     مەدەنىيەت زاللىرى ئاممىنىڭ مەنىۋى ئائىلىسىگە ئايلاندى

     جېجياڭ ئۆلكىسى ياردەم بېرىپ سالغان ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى مەدەنىيەت زاللىرى ئاممىنىڭ مەنىۋى ئائىلىسىگە ئايلىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

     جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار خىزمەت ئەترىتىنىڭ مەسئۇلى: يېزىلاردا مەدەنىيەت زاللىرىنى سېلىشتىكى ھەقىقىي مەقسىتىمىز ئەلرايىنى مايىل قىلىش، دېدى. يېزىلاردىكى مەدەنىيەت زاللىرى قۇرۇلۇش تۈرى نوقۇل ھالدىكى ئۆي سېلىشلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى يېشىل تورخانا، مەدەنىيەت، پەن – تېخنىكا كارىدورى، ئائىلە كۇتۇپخانىسى، كەنت ئاھالىلىرى ئاشخانىسى قاتارلىق ئون تۈرلۈك ئۇل ئەسلىھەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۈندىلىك مەدەنىيەت تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى ئاساسەن قاپلىدى. بۇ، ئىدىيەۋى تەربىيە، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش، ئەخلاقىي تەربىيە، سىياسىي تەشۋىقات، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىقلار بىر گەۋدە قىلىنغان مەدەنىيەت ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى بولۇپ، يېزا مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش ۋە مەدەنىيەتنى تونۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەلرايى قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ.

     ئۈچ يىلدىن بۇيان جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار خىزمەت ئەترىتى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن 130 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، 200 نەچچە يېزا مەدەنىيەت زالى سېلىپ، ‹‹بىر يېزىدا بىر ئۈلگىلىك كەنت بولۇش››نى مۇددەتتىن بۇرۇن تولۇق ئىشقا ئاشۇردى ھەم مەدەنىيەت زالىنى سۇپا قىلىپ، ‹‹زال مەدەنىيىتى››نى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، مەخسۇس مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ تەنھەرىكەت بىرلەشمە مۇسابىقىسى، قوش تىل ۋە دېھقانلار رەسىملىرىنى ئالماشتۇرۇش بىر گەۋدە قىلىنغان ‹‹قەلبداشلار لوڭقىسى›› ئاممىۋى مەدەنىيەت – تەنتەربىيە يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى بۇ پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى. ھازىر مەدەنىيەت زالى نوقۇللا مەدەنىيەت – تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىقتىداردىن ھالقىپ، ھەم كەنتنىڭ روھ خىسلىتىنى مۇجەسسەملىدى، ھەم يېپيېڭى يېزا مەدەنىيەت قىياپىتىنى قايتا نامايان قىلدى.

     ئۈچ يىلدىن بۇيان جېجياڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش، تۈەن – مەيدانلاردىكى كاپالەتلىك تۇرالغۇ، ئىختىساسلىقلار ئوبوروت ئۆيى، مەكتەپ، دوختۇرخانا قاتارلىق 223 خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى تۈرىگە 2 مىليارد 500 مىليون يۈەن ياردەم مەبلىغى سېلىپ، ئاقسۇدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرالغۇ، داۋالىنىش، ئوقۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى تېخىمۇ ياخشىلىدى. 2015 – يىلىدىن باشلاپ يەنە ئوقۇش ياردەم پۇلى تۈرىنى تەسىس قىلىپ، ھەر بىر كىشىگە 6000 يۈەن ئۆلچەمدە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ %10نىسبىتى بويىچە يېڭىدىن ئالىي مەكتەپكە كىرگەن نامرات ئىستۇدېنتلارغا ياردەم قىلدى.

     ئۇنىڭدىن باشقا، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار خىزمەت ئەترىتى ئاسمان تورى قۇرۇلۇشى، مەشىق مەركىزى ۋە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش قاتارلىق ساقچى قوشۇنىنى پەن – تېخنىكا ئارقىلىق كۈچەيتىش تۈرىگە ئىشلىتىش ئۈچۈن يەنە 200 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، رايون ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشتا مۇھىم رول ئوينىدى.

     قوشۇن قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتتى

     جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەندىزىسى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تەرىپلىشىگە ئېرىشتى

     شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە قوشۇن قۇرۇلۇشى ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشنىڭ ئاچقۇچى. ئۈچ يىلدىن بۇيان جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار خىزمەت ئەترىتى ھەر يىلى ‹‹قوشۇن قۇرۇلۇشى يىلى››نى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ‹‹ئۈچ سوئال، تۆت ئۈچۈن›› (ئۈچ سوئال: شىنجاڭغا نېمە ئۈچۈن كەلدۇق، شىنجاڭدا نېمە ئىش قىلىمىز، شىنجاڭدا نېمىنى قالدۇرۇپ كېتىمىز؛ تۆت ئۈچۈن: ۋەتەن ئۈچۈن غەم يېيىش، شىنجاڭ ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش، جېجياڭ ئۈچۈن شەرەپ كەلتۈرۈش، كىشىلىك تۇرمۇشنى بېيىتىش ئۈچۈن تىرىشىش)تىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، ‹‹قاتتىق باشقۇرۇش+ئوبدان كۆيۈنۈش››كە ئائىت تۈرلۈك خىزمەتلەرنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

     جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار خىزمەت ئەترىتى يۇقىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ ‹‹ئۈچ سوئال، تۆت ئۈچۈن›› مەزمۇن قىلىنغان شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش بۇرچى توغرىسىدا مۇھاكىمە، ‹‹ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، قائىدىنى تەكىتلەش، بەس – بەستە تۆھپە يارىتىش›› باش تېمىسىدىكى ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش›› مەخسۇس تەربىيەسى، ‹‹ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش، چاتاق چىقارماسلىق، قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش››كە بىرلەشتۈرۈپ، ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسى قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇپ، كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى، شەرەپ تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خاتىرىسى يېزىش، تۈرلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە ئېلان قىلىپ ھەيدەكچىلىك قىلىش، بىخەتەرلىك ئىنتىزامىنى تەكشۈرۈش خاتىرىسىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تۈزۈمنى يولغا قويۇپ، ھەممەيلەن ئىرادە باغلاش، ھەممەيلەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئۈستىدە سۆزلەش، ھەممەيلەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان بارلىق كادىر، ئىختىساسلىقلارنىڭ تولۇپ تاشقان روھىي ھالىتىنى باشتىن – ئاخىر ساقلىدى.

     ئۈچ يىلدىن بۇيان جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ نەتىجىسى ئالاھىدە بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنى تەسىرلەندۈرگەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگەن مۇنەۋۋەر كادىر خۇاڭ چۈنچاۋدەك ئىلغار تىپلار مەيدانغا كەلدى. ئۇ ھايات ۋاقتىدا خۇجو شەھىرىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كەلپىن ناھىيەسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولۇپ، 2015 – يىل 8 – ئاينىڭ 11 – كۈنى 47 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. خۇاڭ چۈنچاۋ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگەن مەزگىلدە، ئۆزىنىڭ بارلىق قان – تەرىنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈپ، تۆھپە يارىتىش ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مارشىنى ياڭرىتىپ، ھاياتى بەدىلىگە بىر كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ پارتىيەگە ۋە خەلققە بولغان چەكسىز ساداقىتىنى نامايان قىلدى. جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يولداش خۇاڭ چۈنچاۋغا مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى، دەپ نام بەردى.

     ئۈچ يىلدىن بۇيان جېجياڭ ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن 800 دىن ئارتۇق كادىر، ئىختىساسلىق خادىمنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ نەتىجىسى ۋە تەجرىبىسى مەركەز ۋە جېجياڭ، شىنجاڭدىكى رەھبەرلەرنىڭ تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى. مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە كۆچۈرۈشكە، كېڭەيتىشكە بولىدىغان ئەندىزە ياراتقانلىقىغا يۈكسەك باھا بەردى.

     (جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى)

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.