مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش سۈرەت

    غولبويى يېزىسىدا ئۆرۈك چېچەكلەپ، باھار جىلۋىسى ئەكس ئەتتى

    پەرغانە غوپۇر2017-03-20 11:36:40تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    غولبويى يېزىسىدا چېچەكلەر ئېچىلىپ، باھار جىلۋىسى ئەكس ئەتتى.

     تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: 18-مارت توقسۇن ناھىيەسىدە 5-نۆۋەتلىك ئۆرۈك چېچىكى پەسلىنىڭ چېچەك تاماشا قىلىش پەسلىگە كىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. شۇ كۈنى ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەن توقسۇندا 40 مىڭ مودىن ئارتۇق كۆلەمدىكى ئۆرۈكزارلىقتا ئۆرۈكلەر چېچەكلەپ، جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.

     مارت ئايلىرىدا شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئەتىيازنىڭ سوغۇقى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ، ئەمما ئۆزگىچە تەبىئىي جۇغراپىيەلىك كىلىمات ئامىلى تەسىرىدە توقسۇندا باھار بالدۇر جىلۋىلىنىدۇ. توقسۇندا ئۆرۈك چېچىكى بالدۇرلا چېچەكلىگەچكە، توقسۇن ناھىيەسى شىنجاڭدىكى باھارنىڭ «تۇنجى بېكىتى» دەپ تەرىپلىنىپ كەلدى.

     ئىگىلىنىشىچە، 5-نۆۋەتلىك ئۆرۈك چېچىكى پەسلى 18-مارتتىن 10-ئاپرېلغىچە داۋاملىشىدىكەن. 24-مارت ئۆرۈك چېچىكى پەسلى مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.