مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈچ تال مۇقىم خەۋەر

    شى جىنپىڭ رىۋاندا زۇڭتۇڭى كاگامېي بىلەن سۆھبەتلەشتى

    رەنا2017-03-19 12:08:34تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 17-كۈنى «خەلق» سارىيىدا رىۋاندا زۇڭتۇڭى كاگامېي بىلەن سۆھبەتلەشتى. شى جىنپىڭ سۆھبەتتىن ئىلگىرى «خەلق» سارىيىنىڭ شەرقىي ئىشىكى ئالدىدىكى مەيداندا كاگامېينى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن بىلەن بىللە كاگامېي سۇڭتۇڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى بىلەن سۈرەتكە چۈشمەكتە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 17-مارت تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 17-كۈنى «خەلق» سارىيىدا رىۋاندا زۇڭتۇڭى كاگامېي بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى جوھاننېسبۇرگ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تۇتقا قىلىپ، ھەمكارلىشىش ئەندىزىسىدە پائال يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆزئارا پايدا يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە بىردەك قوشۇلدى.

     شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن رىۋاندا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 46 يىلدىن بۇيان، باشتىن-ئاخىر ئۆزئارا چۈشىنىپ، سەمىمىي ھەمكارلىشىپ كەلدى، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى، ئىقتىساد-سودا جەھەتتە ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈپ، ھەمكارلىشىشى تېز تەرەققىي قىلدى، ئادىمىيەت ئالاقىسى مول مەزمۇنلۇق بولدى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. ھازىر جۇڭگو-رىۋاندا تەرەققىياتى تارىخىي خاراكتېرلىك پۇرسەتكە دۇچ كەلدى. ئىككى تەرەپ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى ساھەلەردە بېرىپ-كېلىشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىسى ئۈستىدە پىكىرلىشىپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ئالاقىلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو رىۋاندا خەلقىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كەلگەن تەرەققىيات يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو سانائەتلىشىش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، رىۋاندانىڭ ئىقتىساد ئالاھىدە رايونى قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىپ، رىۋاندا بىلەن بىللە كەسىپلەرنى تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كەسىپلەر ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رىۋاندانىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك، جۇڭگو تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىسىنىڭ رىۋانداغا بېرىپ قاتناش، ئېنېرگىيە قاتارلىق زور ئۇل ئەسلىھە تۈر قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىغا مەدەت بېرىدۇ. ساياھەت ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز ئارا پايدا يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسىنى بىرلىكتە يارىتىدۇ.

     شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2013-يىلى ئافرىقىنى زىيارەت قىلغان چېغىمدا جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا باشتىن-ئاخىر ھەقىقىي ۋە سەمىمىي سىياسەت ئىدىيەسى، شۇنداقلا توغرا مەنپەئەت قارىشىغا ئەمەل قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغانىدىم، بۇنىڭ يادروسى دەل جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، بىرلىكتە تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. جۇڭگو ئافرىقىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى كۆزلەشتىكى مۇھىم ئىلگىرى سۈرگۈچىسى ۋە تۆھپە قوشقۇچىسى، شۇنداقلا خەلقئارانىڭ ئافرىقا بىلەن بولغان ھەمكارلىقىدىكى باشلامچىسى. مەيلى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر جۇڭگونىڭ ئافرىقىغا قاراتقان سىياسىتى قىلچە ئۆزگەرمەيدۇ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئۆز ئارا پايدا يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قەدىمى ھەرگىز ئاستىلاپ قالمايدۇ. جۇڭگو ئافرىقىدىكى دوست دۆلەتلەر بىلەن بىللە، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى جوھاننېسبۇرگ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىنى ئافرىقىنىڭ «2063-يىلى قارالمىسى» بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئافرىقىنىڭ بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە سانائەتلەشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش نىشانىغا يېتىشىنى قوللايدۇ.

     كاگامېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رىۋاندا جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىقىنى قەدىرلەيدۇ، جۇڭگونىڭ رىۋاندانىڭ قايتا قۇرۇش ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆرسەتكەن قىممەتلىك تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ رىۋاندانىڭ يېزا ئىگىلىك، قېزىلما بايلىق، ساياھەت، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ. رىۋاندا جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيان، ئافرىقىغا دوستانە مۇئامىلە قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، جۇڭگونىڭ ئافرىقا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا باراۋەر بولۇش ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، چەك-چېگرانى ئىدېئولوگىيە بويىچە ئايرىماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى جوھاننېسبۇرگ باشلىقلار يىغىنى نەتىجىسىنىڭ رامكىسىدا رىۋاندا بىلەن جۇڭگو ۋە جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ھەر قايسى ساھەدىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشكە پائال تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىگە يۈكسەك باھا بېرىدۇ.

     شى جىنپىڭ سۆھبەتتىن ئىلگىرى «خەلق» سارىيىنىڭ شەرقىي ئىشىكى ئالدىدىكى مەيداندا كاگامېينى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شېن يۆيۆ، دۆلەت كومىسسارى ياڭ جيېچى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىنمىن قاتارلىقلار قاتناشتى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.