مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇن ئۇچۇرلىرى

    ئادىل بازار رىقابىتىنى رىغبەتلەندۈرەيلى ۋە قوغدايلى

    ئامانگۈل2017-03-17 16:00:21شىنجاڭ گېزىتى

    ‹‹ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنى››نىڭ تۇنجى تۈزىتىلگەن لايىھەسىدە تۆت يارقىن نۇقتا گەۋدىلەندۈرۈلدى

     ‹‹ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنى›› نىڭ تۇنجى تۈزىتىلگەن لايىھەسى بۇ يىل 2 – ئاينىڭ 22 – كۈنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلدى، بۇ مەزكۇر قانۇننىڭ 1993 – يىلى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم تۈزىتىلىشى. ئېلىمىزنىڭ بازار رىقابىتىدە 24 يىلدىن بۇيان قانداق ئۆزگىرىشلەر بولدى؟ تۈزىتىلگەن نۇسخىدا دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىگەن قانداق يارقىن نۇقتىلار بار؟

     يارقىن نۇقتا 1: ئالاقە تورىدىكى ناتوغرا رىقابەتكە ئائىت ماددىلار تۇنجى قېتىم كۆپەيتىلدى

     ھازىرقى قانۇندا ئالاقە تورىدىكى رىقابەتكە دائىر كونكرېت بەلگىلىمىلەر بولمىغاچقا، بەزى ئالاقە تورى شىركەتلىرى ‹‹ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنى››نىڭ ئالاقە تورى ساھەسىدە تەتبىقلىنىشىغا گۇمان بىلەن قارىغانىدى. ئالاقە تورى ساھەسىدىكى ناتوغرا رىقابەت ئالاقە تورى كارخانىلىرىغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، ئىستېمالچىلارنىڭ تاللىشىغا توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ.

     دۆلەت سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ساڭ لىن مۇنداق دېدى: ئالاقە تورى ساھەسىدىكى ناتوغرا رىقابەتنىڭ تارقىلىشى تېز، تەسىرى چوڭ. ھەر دەرىجىلىك سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىمۇ ئالاقە تورى تېخنىكىسىدىن كېلىپ چىققان ناتوغرا رىقابەت مەسىلىلىرىگە ئائىت نۇرغۇن ئەرز – شىكايەتنى تاپشۇرۇۋالدى، لېكىن ھازىرقى قانۇندا ئېنىق بەلگىلىمە بولمىغاچقا، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى فۇنكسىيەسىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرالمايۋاتىدۇ.

     تۈزىتىلگەن لايىھەگە قاتناشقان مۇتەخەسسىس، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى رىقابەت قانۇنى مەركىزىنىڭ مۇدىرى شياۋ جياڭپىڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان ئالاقە تورى ساھەسىدىكى ناتوغرا رىقابەتكە ئالاقىدار 400گە يېقىن دېلودا خاس پىرىنسىپ، بەلگىلىمىلەر بولمىغاچقا، سودىيەلەرنىڭ قانۇننى تەتبىقلاش دائىرىسى كەڭ، ئىلىم ساھەسىدىمۇ تالاش – تارتىش كۆپ بولدى.

     شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى رىقابەت قانۇنى ۋە سىياسەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ شيەنلىن مۇنداق دېدى: ئالاقە تورىدىكى ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش ئوبيېكتىپ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، تۈزىتىلگەن لايىھەدە تۇنجى بولۇپ ئالاقە تورىدىكى ناتوغرا رىقابەتكە دائىر ماددىلار تۇنجى قېتىم كۆپەيتىلدى. لايىھەدە رىقابەتچىلەر تېخنىكا ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ ئالاقە تورى ساھەسىدە ئابۇنىچىلارنىڭ تاللىشىغا تەسىر يەتكۈزۈش، باشقا تىجارەتچىلەرنىڭ نورمال تىجارىتىگە توسالغۇ بولۇش ھەرىكەتلىرىنى قىلىشقا بولمايدىغانلىقى بەلگىلەندى ھەم چەكلىنىدىغانلىقى كونكرېت بەلگىلىنىپ، ئالاقە تورىدىكى ناتوغرا رىقابەتكە ئالاقىدار مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئىشلىرى تېخىمۇ كونكرېتلاشتۇرۇلدى.

     يارقىن نۇقتا 2: سودا پارىخورلۇقى توغرىسىدىكى تەتبىقلىنىش دائىرىسى مۇۋاپىق كېڭەيتىلدى

     بەزى دوختۇرخانىلار دورا مەھسۇلاتلىرى سېتىشتا دورا زاۋۇتلىرىدىن بەلگىلەنگەن ۋاكالىتەن بېجىرگۈچى ئاپپاراتلارنى سېتىش سودىگىرى قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا، بەزى دورا زاۋۇتلىرىدىن دورا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشنى رەت قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ ۋاسىتىچى ئاپپاراتلار دورا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشتا ماھىيەتلىك مۇلازىمەت قىلمايدۇ، پەقەتلا ئارىدىن پىرسەنت بويىچە پايدىغا ئېرىشىدۇ ۋە تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق دوختۇرخانىغا پايدا يەتكۈزۈپ، تېببىي دورا ئىسلاھات سىياسەتلىرىنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشىنى تەسلەشتۈرۈۋېتىدۇ.

     مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ ۋاسىتىچى ئاپپاراتلار دورا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالغۇچى تەرەپ ئەمەس، ساتقۇچى تەرەپمۇ ئەمەس، لېكىن ئۇلار سېتىۋالغۇچى تەرەپ بىلەن ساتقۇچى تەرەپكە نامۇۋاپىق نەپ يەتكۈزۈپ، ئارىدىن پايدىغا ئېرىشىدۇ، شۇڭا بۇنداق قىلمىشلار ‹‹ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنى››نىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىشى كېرەك.

    ۋاڭ شيەنلىن مۇنداق دېدى: تۈزىتىلگەن لايىھەدە سودا پارىخورلۇقى توغرىسىدىكى تەتبىقلىنىش دائىرىسى مۇۋاپىق كېڭەيتىلدى، ئىلگىرى پارا بېرىش ئوبيېكتى سودىدىكى ھەمكارلاشقۇچى تەرەپلەر ئىدى، ھازىر سودىغا تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىماللىقى بولغان 3 – تەرەپمۇ قوشۇلۇپ، سودىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان 3 – تەرەپنىڭ دائىرىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى ھەم خىزمەتچىلەرنىڭ سودا پارىخورلۇقى قىلمىشىنى بېكىتىشكە ئالاقىدار ئالاھىدە بەلگىلىمە چىقىرىلدى.

     شياۋ جياڭپىڭ مۇنداق قارىدى: تۈزىتىلگەن لايىھە سودىدىكى 3 – تەرەپنىڭ ئارىلىشىشىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، بۇ چوڭ ئىلگىرىلەش سودا پارىخورلۇقىنىڭ ماھىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپلا قالماي، ھازىرقى قانۇندىكى ئالاقىدار ماددىلارنىڭ يېتەرسىزلىكىنىمۇ تولۇقلىدى.

     يارقىن نۇقتا 3: يامان غەرەزدىكى ساختا ھەرىكەتلەرگە قارىتا بەلگىلىمىلەر يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈلدى

     ھازىر باشقىلار رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى كارخانا نامى قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش قاتارلىق بازار قالايمىقانچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ناتوغرا رىقابەت بىر قەدەر ئومۇملىشىپ قالدى، بۇ تىجارەتچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي، ئىستېمالچىلارنى قايمۇقتۇرىدۇ ۋە ئۇلارغا زىيان يەتكۈزىدۇ. بۇ تۈردىكى دېلولار پەقەت دەۋا جەريانىدا قوللىنىلىدىغان ئاساسىي پىرىنسىپ بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرى كونكرېت ھوقۇق يۈرگۈزەلمەيدۇ.

     ‹‹توڭرېنتاڭ›› جۇڭگو بېيجىڭ ‹‹توڭرېنتاڭ›› (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ نامى، شۇنداقلا تاۋارنىڭ ئاساسلىق ماركىسى. لېكىن ھازىرقى قانۇنغا ئاساسلانغاندا كارخانا نامى دەرىجە بويىچە رويخەتكە ئالدۇرۇلىدۇ، قىسمەن قانۇنسىز سودىگەرلەر ‹‹توڭرېنتاڭ›› كارخانىسىنىڭ نامى ۋە مەھسۇلاتنىڭ داڭقىدىن پايدىلىنىپ، ‹‹توڭرېنتاڭ›› قاتارلىق ناملار بىلەن تىجارەت قىلىپ، دائىم ئىستېمالچىلاردا بېيجىڭ ‹‹توڭرېنتاڭ›› ياكى باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدىغان خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال تاۋار ماركىسى كارخانا نامىنى ئاساس قىلغان خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلغان ناتوغرا رىقابەتكە تەۋە. دۆلەت سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى دۇ چاڭخۇڭ مۇنداق دېدى: تۈزىتىلگەن لايىھەدە ئالدى بىلەن ئىشلىتىش ۋە ئادىل رىقابەتلىشىش بىرلەشتۈرۈلگەن پىرىنسىپ بېكىتىلدى، بۇنىڭدا يامان غەرەزدىكى ساختا ھەرىكەتنى چەكلەش ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش مەقسەت قىلىنغان.

     شياۋ جياڭپىڭ مۇنداق دېدى: تۈزىتىلگەن لايىھەدە قانال، سەھىپە، پىروگرامما قاتارلىقلارنىڭ نامى ۋە بەلگىسى ناتوغرا رىقابەت ھەرىكىتى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، بۇ، بۇ ساھەلەردىكى ئادىل رىقابەت ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشقا پايدىلىق.

     يارقىن نۇقتا 4: قانۇنغا خىلاپ ھەر قانداق قىلمىشنىڭ تەننەرخى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەتتىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك

     مەلۇم داڭلىق دورا كارخانىسىنىڭ سودا پارىخورلىقى دېلوسىنىڭ ئالدىنقى قارارلىق تەكشۈرۈش باسقۇچىدا، دەۋالاشقۇچى سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگانلىرىغا ئالاقىدار ئىسپات – ماتېرىياللارنى تەمىنلەشنى رەت قىلىپ، كەينىگە سۆرەپ ئەپلەپ – سەپلەپ قۇتۇلماقچى بولغاچقا، دېلونى تەكشۈرۈش تەسكە توختىدى. سودا مەخپىيىتى دېلولىرىدا ئادەتتە ھوقۇق ئىگىسىگە نەچچە مىليون، ھەتتا نەچچە 10 مىليون يۈەن زىيان بولىدۇ، مەمۇرىي تەكشۈرۈشتە زور زېھىن، ماددىي كۈچ ۋە مالىيە كۈچى خورايدۇ، ۋاھالەنكى، مەمۇرىي جازانىڭ ئەڭ يۇقىرى سوممىسى 200 مىڭ يۈەن بولۇپ، بېرىلگەن جازانىڭ مۇۋاپىق بولۇشى ناھايىتى تەس.

     ۋاڭ شيەنلىن مۇنداق دېدى: تۈزىتىلگەن لايىھەدە مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ھوقۇقى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، تەكشۈرۈش، پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش، سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق مەجبۇرلاش تەدبىرلىرى كۆپەيتىلدى، يەنە ناتوغرا رىقابەت ھەرىكىتىنىڭ ھەق تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقى گەۋدىلەندۈرۈلدى.

     شياۋ جياڭپىڭ مۇنداق دېدى: ھازىرقى قانۇن 1993 – يىلى ئەينى ۋاقىتتىكى بازار ئەھۋالىغا قارىتا تۈزۈلگەن مەمۇرىي جازا ئۆلچىمىدۇر. قىسمەن دۆلەتلەردە ناتوغرا رىقابەتكە ئالاقىدار قانۇن ئىجرا قىلىش ھوقۇقى ئادەتتىكى قانۇن ئىجرا قىلىش ھوقۇقىغا قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ، ھوقۇق كۈچى تېخىمۇ كەڭ بولىدۇ. بۇ قېتىمقى تۈزىتىش لايىھەسىدە بۇ يۈزلىنىش ئەكس ئەتتۈرۈلدى.

     ‹‹قانۇن ئىجرا قىلىشتىكى جازالاش سالمىقىنى زورايتىشتا بەلگىلەنگەن سومما ياكى قانۇنسىز تاپاۋىتى بويىچە جەرىمانە قويۇش، قانۇنغا خىلاپ ھەر قانداق قىلمىشنىڭ تەننەرخى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەتتىن يۇقىرى بولۇش كېرەك›› دېدى شياۋ جياڭپىڭ.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.