مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇن ئۇچۇرلىرى

    ئاپتوبۇس ھەيدەۋېتىپ ‹‹قىزىل بولاق›› تالاشقان شوپۇر ھەسرەتتە قالدى

    ئامانگۈل2017-03-17 15:58:39شىنجاڭ گېزىتى

      ئاينۇر ئابلىمىت

     مەلۇم بىر تىرانسپورت شىركىتىگە قاراشلىق يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنىڭ شوپۇرى چاغان مەزگىلىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ئاپتوبۇس ھەيدەۋېتىپ، ئۈندىداردا ‹‹قىزىل بولاق›› تالاشقانلىقى ئۈچۈن يولۇچىلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلغانلىقى، سانجى ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىغا سۇنۇلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر جەمئىيەتتە غۇلغۇلا قوزغىدى.

     سانجى ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىدىن ئىگىلىشىمچە، بۇ يىل 1 – ئاينىڭ 29 – كۈنى سانجى شەھىرىدىن گۇچۇڭغا 51 يولۇچىنى ئېلىپ ماڭغان مەلۇم يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنىڭ شوپۇرى جاڭ x يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ئاپتوبۇس ھەيدەۋېتىپ، ئۈندىداردا توختىماي ‹‹قىزىل بولاق›› تالىشىپ ماڭغان، يولۇچىلار ئۇنىڭدىن دىققەتنى يىغىپ ئاپتوبۇس ھەيدەشنى كۆپ قېتىم ئۆتۈنگەن بولسىمۇ، ئۇ يولۇچىلارنىڭ نەسىھىتىگە پىسەنت قىلماي، داۋاملىق ‹‹قىزىل بولاق›› تالىشىش ئويۇنىنى ئويناۋەرگەن. بىخەتەرلىكى تەھدىتكە ئۇچرىغان يولۇچىلار سانجى ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىنىڭ ھۆكۈمەت مىكرو بىلوگىدىن پايدىلىنىپ شوپۇر ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان. قاتناش ساقچى تارماقلىرى شىكايەتنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، بۇ ئىشقا جىددىي قاراپ دەرھال تەكشۈرۈشنى باشلىغان، قاتناش ساقچى ئەترىتى كۆزەتكۈ خاتىرىسىدىن جاڭ x نىڭ 1 – ئاينىڭ 29 – كۈنى سائەت 20: 10دىن 55: 14كىچە بولغان ئارىلىقتا ئاپتوبۇس ھەيدەپ كېتىۋېتىپ، جەمئىي 11 قېتىم يان تېلېفوندا ‹‹قىزىل بولاق›› تالاشقانلىقىنى ئېنىقلىغان.

     قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى يۇقىرىقى پاكىتلارغا ئاساسەن، مۇناسىۋەتلىك تىرانسپورت شىركىتى بىلەن شوپۇرنى قانۇن بويىچە جازالاپ، ئاپتوبۇسنى توختىتىپ قويۇش، جاڭ xكە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى، يولۇچى توشۇش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش ۋە جەرىمانە قويۇش جازاسى بەرگەن، جاڭ x خاتالىقىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلغان. قاتناش – تىرانسپورت باشقۇرۇش ئىدارىسى يولۇچىلار ئاپتوبۇسى قاراشلىق تىرانسپورت شىركىتىنى تىجارەتنى توختىتىپ، بىخەتەرلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈشكە، خادىملارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشكە بۇيرىغان ھەمدە تۈزەش مۇددىتى ئىچىدە بۇ شىركەتكە يېڭى كەسىپلەرنى بېجىرىپ بەرمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. بارلىق شوپۇرلارنى قانۇن، قائىدىگە بويسۇنۇپ، بىخەتەر يول يۈرۈشكە ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، سانجى ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى بۇ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى ئاشكارا ئېلان قىلىپ، شوپۇرلارغا ئىبرەت تەربىيەسى بەرگەن.

     ‹‹كوزا كۈندە سۇنمايدۇ، كۈنىدە سۇنىدۇ››

     يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ئاپتوبۇس ھەيدەۋېتىپ، ‹‹قىزىل بولاق›› تالاشقان شوپۇر ئۆز قىلمىشى ئۈچۈن زور بەدەل تۆلىدى. ئۇ تالاشقان ‹‹قىزىل بولاق›› پارچە پۇل تالىشىش بولماستىن، ‹‹جان تالىشىش›› بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. ئۇ ‹‹قىزىل بولاق››نى ھاياجانلىنىپ تالىشىۋاتقاندا ئۆزىنىڭلا ئەمەس، 51 يولۇچىنىڭ ھاياتىنى دوغا تىكتى، كەسپىي ئەخلاق ۋە قانۇننى پۈتۈنلەي ئۇنتۇدى. گەرچە بۇنىڭ يۈز بەرگىنىگە بىر ئاي بولغان بولسىمۇ، بۇ قىلمىشنى ئويلىسىلا كىشىنىڭ تېنى شۈركىنىدۇ.

     بىزدە ‹‹كوزا كۈندە سۇنمايدۇ، كۈنىدە سۇنىدۇ›› دېگەن گەپ بار، بىر قىسىم كىشىلىرىمىز تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا ئۆزىنىڭ ۋە ئۆزگىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئويۇنغا ئايلاندۇرۇۋالدى. ئەمەلىيەتتە، كۆپ ساھەدە كىشىلەرنىڭ تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇشى قاتتىق چەكلىنىدۇ. مەسىلەن، ھاراق ئىچىپ مەست ئاپتوموبىل ھەيدىگەن شوپۇرلارغا جازا بېرىشتە قانۇن ئۇلارنىڭ ۋەقە تۇغدۇرغان – تۇغدۇرمىغانلىقىغا قارىمايدۇ، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلا بولىدىكەن، قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىلىدۇ.

     بۇ دېلو مىسالى بىخەتەرلىك جەھەتتىكى يوشۇرۇن بالا – قازا ۋە قانۇنىي جاۋابكارلىققا سەل قارىغان كىشىلەرگە ئىبرەت بولغۇسى!

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.