مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    ئاپتونوم رايون جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى

    ئامانگۈل2017-03-17 11:06:40شىنجاڭ گېزىتى

    چېن چۈەنگو، شيې شۆجى كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى ، شۆھرەت زاكىر، جۇ شۇمىن قاتارلىقلار كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى

      ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون 3 – ئاينىڭ 16 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى بىلەن بېيجىڭدا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسىنىڭ باش مۇدىرى شيې شۆجى كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ۋە بىڭتۈەننىڭ سىلىڭيۈەنى ليۇ شىنچى ئاپتونوم رايون، بىڭتۈەن ۋە جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسىنىڭ ھەمكارلىق نەتىجىسى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايون، بىڭتۈەننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسىنىڭ باشلىقى جۇ شۇمىن ۋە ئاپتونوم رايون، بىڭتۈەن، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ۋەن خەيچۈەن، باۋ جيەنئەن، سۇڭ جيەنيې قاتارلىقلار كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى. كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ چۇڭجيۇ رىياسەتچىلىك قىلدى.

     چېن چۈەنگو سۆزىدە جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ خىزمەتلىرىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ۋە زور كۈچ بىلەن مەدەت بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ئېچىلىدىغان يىل، شۇنداقلا پارتىيە ۋە دۆلەت تارىخىدا ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى پۇرسەت، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى، بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يېتەكچى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساس، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق – ئىناق، گۈللەنگەن – باي، مەدەنىي – تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز. يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسىنىڭ سىياسەت خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلىدىكى ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى، يېڭىچە شەھەرلەشتۈرۈش، كەپىلىك رايونلارنى ئۆزگەرتىش، يېزا تاشيولى، سۇچىلىق قاتارلىق يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە شىنجاڭغا سىياسەت جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ مايىللىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشىنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسىنىڭ شىنجاڭدا كەسىپلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا يەنىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ ۋە مەدەت بېرىپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، كۆپ ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسىنىڭ شىنجاڭدا ئىگىلىك تىكلەپ تەرەققىي قىلىشىنى مۇلازىمەت كاپالىتى، ياخشى مۇھىت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

     شيې شۆجى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلىرىنى تەبرىكلىدى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى بىلەن شىنجاڭنىڭ ھەمكارلىق تەرەققىيات ئىستىقبالىغا تولۇق ئىشەنچ بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۈگۈن جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى بىلەن شىنجاڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. بۇ، مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››نىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى بىرلىكتە ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت، شۇنداقلا ھۆكۈمەت بىلەن بانكىنىڭ ھەمكارلىقى، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىرلىشىشى ئۈستىدىكى ئورتاق ئىزدىنىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش مۇھىم تەدبىرىنى بىرلىكتە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. شىنجاڭ ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇھىم بىخەتەرلىك توسۇقى بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ئالاھىدە؛ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسىنىڭ سىياسەت خاراكتېرلىك بانكا ئەۋزەللىكى روشەن. بۇ قېتىمقى كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى بىلەن شىنجاڭنىڭ ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامغا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بىز ھەقىقىي ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، شىنجاڭ بىلەن بولغان ئالاقىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۈچەيتىپ، تۈرلەرنى ئۇدۇللاپ، ماس ھەمكارلىشىپ، ئەنئەنىۋى كىرېدىت مەدىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا، ئەنئەنىۋى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا شەھەرلەشتۈرۈشنى كېڭەيتىشكە تايىنىپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈنۈملۈك يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، پەرقلىق كىرېدىت باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسىنىڭ سىياسەت خاراكتېرلىك بانكا بولۇش ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە يېڭى قەدەم تاشلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا يېڭى كۈچ قوشۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش يېڭى سەھىپىسىنى بىرلىكتە پۈتىمىز.

     شۆھرەت زاكىر، ليۇ شىنچى ۋە جۇ شۇمىن ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسىنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك سىياسەت خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تەجرىبە – ئۈلگە رايونىنى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىق كېلىشىمى››، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى›› ۋە ‹‹شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى بىلەن جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى››نى ئىمزالىدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.