مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرايلى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرەيلى

    ئامانگۈل2017-03-17 11:06:40شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئورۇنلار، رايونلاردا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى

     12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنى ئېچىلىۋاتقان مەزگىلدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، بۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ روھىنى ھەسسىلەپ ئۇرغۇتتى، ئۇلارنى ئىلھاملاندۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 3 – ئاينىڭ 12 – كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئورۇنلار، رايونلاردا دەرھال باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. كۆپچىلىك بەس – بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى، كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىگە ئايلاندۇرىمىز.

     ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنى

     خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرىمىز

     ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنى 3 – ئايىنىڭ 15 – كۈنى چۈشتىن كېيىن كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى.

     يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە چوڭقۇر غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىدىن كۈتىدىغان سەمىمىي ئۈمىدىنى گەۋدىلەندۈرۈپتۇ. خەلق قۇرۇلتىيى ئورگىنىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنىڭ زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇشى كېرەك. ئۆگىنىش ئارقىلىق ئورگاندىكى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى، كۆيۈنۈشى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتىكى مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

     يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››نىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››نىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، يىغىننىڭ مۇھىم مەزمۇنىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىپ ۋە توغرا ئىگىلەپ، مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››نىڭ روھى ئارقىلىق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي، كەسكىن، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە تۈرلەر بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى

     سەمىمىي غەمخورلۇققا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي چىڭ تۇتىمىز

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى 3 – ئاينىڭ 13 – كۈنى مەركىزىي نەزەرىيە ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى يىغىنى ۋە كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈپ ۋە ئۆگىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

     يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى كادىرلارنى تەربىيەلەشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسىدە ‹‹ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق تەشكىلات بۆلۈمى باشلىقلىرى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاش يىلىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ غەمخورلۇقى، كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە سەمىمىي ئۈمىدىنى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

     ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى

     ‹‹سەككىزنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش››نى ئىشقا ئاشۇرىمىز

     ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم مەركىزىي نەزەرىيە ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى 3 – ئاينىڭ 13 – كۈنى چۈشتىن كېيىن 2017 – يىللىق 7 – قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ‹‹ئۇقتۇرۇش››ىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ھەم ئوبلاستتا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئۆگىنىش، مۇزاكىرە قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئوبلاست بويىچە ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

     يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر، تارماقلار، ئورۇنلار ۋە كادىرلار ‹‹سەككىزنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش››نى ئىشقا ئاشۇرۇشى، يەنى: باش شۇجىنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشى، باش شۇجىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى توغرىسىدىكى چوڭقۇر بايانىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشى، باش شۇجىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشى، باش شۇجىنىڭ ‹‹ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداش›› توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشى، باش شۇجىنىڭ ‹‹يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇش›› توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشى، باش شۇجىنىڭ ‹‹خەلق تۇرمۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش›› توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشى، باش شۇجىنىڭ ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش›› توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشى، باش شۇجىنىڭ بىڭتۈەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشى كېرەك.

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى

     ئۇزاققىچە ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرىمىز

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت ئېڭى بىلەن، بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى تۈركۈمگە بۆلۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى ھەم باش شۇجىنىڭ سۆزىنىڭ روھىنى مۇزاكىرە قىلدى ۋە سۆزنىڭ روھىنى ئۆگىنىش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

     مەكتەپ پارتكومى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى تەشۋىق – تەربىيە، يېتەكچىلىك ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئوقۇتۇش، تەربىيەلەش ۋە پەن تەتقىقات مەسلىھەتچىلىكى قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرگە دەل ۋاقتىدا كىرگۈزۈپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى خىزمەتتە كەم – كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىش ئورنىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھەرىكەتتە گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسىدە ‹‹ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئۆگىنىش بىلەن، باش شۇجىنىڭ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى سېلىپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.

     بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى

     ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى سۆزنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرىمىز

     بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى 3 – ئاينىڭ 13 – كۈنى كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى ھەم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى تەشۋىق قىلىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

     يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئوبلاست بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش دولقۇنى قوزغاش، ئوبلاستتىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار، پارتىيەلىك كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى تەشۋىق قىلىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى مۇھىم سۆزنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشى كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي، مۇستەھكەم ۋە دەل جايىدا، ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىنى دەل جايىدا، ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش نىشانغا يېتىش ئىشەنچىنى مۇستەھكەملەپ، باش نىشاننى ئومۇمىي پىروگرامما، كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرگە بىر تۇتاش يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

     شىنجاڭ سېلىنما – تەرەققىيات (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى

     باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى خىزمەت جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرىمىز

     شىنجاڭ سېلىنما – تەرەققىيات (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ قەشقەر شەھىرى يېڭىئۆستەڭ يېزىسىنىڭ يىڭنەقاش كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، ھەرەمباغ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى 3 – ئاينىڭ 11 – كۈنى بارلىق ئەزالارنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى مەخسۇس ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى جاڭ يۈ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى بىزنىڭ كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزدە مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە، خىزمەت ئەترىتىدىكى ئەزالار بۇ سۆزدىن زور ئىلھام ئالدى، بىز باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى داۋامىدا ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرىمىز ۋە ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. يىڭنەقاش كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى ئەزالار بەس – بەستە مۇنداق دېدى: تىنچلىق، مۇقىملىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق بەخت – سائادىتى، تەستە قولغا كەلگەن مۇقىملىق ۋەزىيىتى ۋە مۇقىم مۇھىتنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەتكە قەتئىي قارشى تۇرىمىز؛ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.

     ئاپتونوم رايونلۇق تەزكىرە كومىتېتى

     ئۆگىنىش ئاساس، ئىشلەش ئاچقۇچ

     ئاپتونوم رايونلۇق تەزكىرە كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى پارتىيەلىك كادىرلارنى 3 – ئاينىڭ 15 – كۈنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى مەخسۇس ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا تەشكىللەپ، مۇھىم سۆزنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى پۈتۈن سىستېمىنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى قىلىپ، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى، كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

     مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: سۆزنىڭ ئىلمىي مەزمۇنى ۋە روھىي ماھىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ياخشى ئىگىلەپ، سۆزنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسىدە ‹‹ ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىشنى ئاساس، ئىشلەشنى ئاچقۇچ قىلىش كېرەك.

     (ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز شىن زۇشۈەن، لى شىنئەن، پۇ سۇڭ، ئوۋ دېڭ، چېن جۇڭ، مۇخبىرلىرىمىز جاۋ جىيۈن، فەن خۇڭيى يازغان)

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.