مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي مۇستەھكەملەيلى

    ئامانگۈل2017-03-17 11:06:39شىنجاڭ گېزىتى

    باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا (5)

    گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

     ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلىشىنىڭ تۈپ ئاساسى، شۇنداقلا 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورتاق ئىرادىسى››. باش شۇجى شى جىنپىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسىنى ھەر ۋاقىت كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. باش شۇجى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزىدە ھەم ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى، ھەم يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى، ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى.

     باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىگەنىدى: شىنجاڭ مەسىلىسىدە ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغىنى يەنىلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسى. شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە رايون ئەھۋالى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ باشتىن – ئاخىر شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە كاپالىتى ئىكەنلىكىنى بەلگىلىگەن. تارىخ ۋە ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتى ياخشى ئىشلەنسە، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت بەرپا قىلىنىدۇ؛ ئەكسىچە بولسا، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاساسى. شۇنىڭ ئۈچۈن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي مۇستەھكەملەش كېرەك، ئۇنى كۈچەيتىشكىلا بولىدۇكى، ئاجىزلاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، قىلچە بوشاشتۇرۇپ قويۇشقىمۇ بولمايدۇ.

     كېمىنىڭ كۈچى يەلكەندە، ئادەمنىڭ كۈچى قەلبتە بولىدۇ. قەلبلەرنى مۇجەسسەملەشتە، ئالدى بىلەن، قىممەت قارىشىغا بولغان تونۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي مۇستەھكەملەشتە، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن، جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان تونۇشىنى كۈچەيتىشكە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ئۆز جېنىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشقا يېتەكلەش كېرەك. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى‹‹بەشنى تونۇش››نى كۈچەيتكەندىلا، بۆلگۈنچىلىكنىڭ ھەر خىل پىكىر ئېقىملىرىنى ئېنىق پەرقلەندۈرەلەيدۇ ھەم ئۇنىڭغا ئاڭلىق تاقابىل تۇرالايدۇ؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدە ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزالايدۇ؛ ۋەتەننىڭ شانلىق مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ قىزغىن سۆيۈپ، ھەرقانداق كىشىنىڭ ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە ئۇنى دەپسەندە قىلىشىغا يول قويمايدۇ؛ پارتىيەگە چىن كۆڭلىدىن ئەگىشىپ مېڭىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشالايدۇ.

     سۇ تامچىسى دېڭىز – ئوكيانغا قۇيۇلغاندىلا، چەكسىز ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتا، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق، ساقچى بىلەن خەلق، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت خەلقى ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى بىرلىكتە قوغدايدىغان پولات ئىستىھكام قۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى قايتا – قايتا تەكىتلىدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىيات ۋە ئىلگىرىلەشنىڭ ئاساسى. بۇ ئاساسنى ھەممەيلەننىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ ئاڭلىق قۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ چوڭ ئائىلىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ھەممىمىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى تەسىر كۈچىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سۆز – ھەرىكىتىمىزگە دىققەت قىلىپ، تۇرمۇش، خىزمەتتىكى ھەر بىر تەپسىلات، ھەر بىر كىچىك ئىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، كىچىك ئىشلاردىن ئىشەنچنى، چۈشىنىشنى، ئىتتىپاقلىقنى جۇغلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا ھەممە ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى بولۇش، ھەممە ئادەم ئورتاق قۇرۇش، ھەممە ئادەم قەدىرلەش، ھەممە كىشى ئورتاق بەھرىلىنىشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.

     ئۇرۇق – تۇغقانلار ئىزدەشكەنسېرى يېقىنلىشىدۇ، ئىزدەشكەنسېرى ھېسسىياتى تېخىمۇ قويۇقلىشىدۇ. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي مۇستەھكەملەشتە، ۋاسىتە ۋە ئۇسۇلدىن ياخشى پايدىلىنىپ، كونكرېت ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتى نۇرغۇن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى، بۇ مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنى ھەل قىلىشتىكى ئەڭ تۈپ خىزمەتلەرنىڭ بىرى، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما ئارىسىدىكى ئالاقە، ھەمتۈرتكە بولۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئىشەنچنى ئىلگىرى سۈرگەندىلا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغىلى بولىدۇ. شىنجاڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەشتىكى كۈچلۈك تۇتقا. بۇنىڭدىن كېيىن، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى داۋاملىق ياخشى قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈندىلىك تۇرمۇش، خىزمەت ۋە ئۆگىنىش جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەكتەپ تەربىيەسى، ئائىلە تەربىيەسى، جەمئىيەت تەربىيەسىنىڭ تۈرلۈك ھالقىلىرى، ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى داۋاملىق پورەكلەپ ئېچىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

     تاغ – داۋانلاردىن ئېشىشتا ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش، دەريادىن ئۆتۈشتە بىر نىيەتتە بولۇش كېرەك. شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ ئۈمىدكە تولغان مۇنبەت زېمىندا، بىز ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ئىجتىمائىي ئورتاق تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملەپ ھەم ئۇنى مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزدە كونكرېتلاشتۇرساقلا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا پورەكلەپ ئېچىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى مۇستەھكەم ئاساس، خورىماس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىيەلەيمىز.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.