مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈچ تال مۇقىم خەۋەر

    شى جىنپىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان بىلەن سۆھبەتلەشتى

    توخنىياز ئىسمائىل2017-03-17 10:35:08تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    ئۇلار جۇڭگو–سەئۇدى ئەرەبىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە داۋاملىق يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە بىردەك قوشۇلدى

      دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 16-مارت «خەلق» سارىيىدا سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان بىلەن سۆھبەتلەشتى. سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ «خەلق» سارىيىنىڭ شىمالىدىكى زالدا پادىشاھ سالماننى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

      شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 – ئاينىڭ 16 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3 – ئاينىڭ 16 – كۈنى ‹‹خەلق›› سارىيىدا سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو – سەئۇدى ئەرەبىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە داۋاملىق يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە بىردەك قوشۇلدى.

     شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەن بۇلتۇر سەئۇدى ئەرەبىستاندا زىيارەتتە بولغاندا، پادىشاھ سالمان بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشلار تەدرىجىي ئەمەلىيلىشىۋاتىدۇ. مەن بۇنىڭدىن بەك خۇشال. جۇڭگو – سەئۇدى ئەرەبىستان مۇناسىۋىتى تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان يوشۇرۇن كۈچ ۋە شارائىتقا ئىگە.

     شۇڭا ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى چوڭ يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، جۇڭگو – سەئۇدى ئەرەبىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشى كېرەك. جۇڭگو سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئۆزىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىياتى ۋە مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقىنى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رايون ۋە خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئىزچىل قوللايدۇ. جۇڭگو سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ‹‹2030 ئارزۇسى››نى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللايدۇ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان خەلقئارا ھەمكارلىق ھەمراھىغا ئايلىنىشىنى قارشى ئالىدۇ، شۇنداقلا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىقتىسادنى كۆپ مەنبەلەشتۈرىدىغان خەلقئارا ھەمكارلىق ھەمراھى بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىشەنچلىك، مۇقىم نېفىت ئېكسپورت بازىرى. شۇڭا ئىككى تەرەپ ئېنېرگىيە ساھەسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرىدىغان ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، خەۋەرلىشىش، ئالەم قاتنىشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق سۇپىسى قۇرۇش ئۈچۈن ئىزدىنىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ يەنە مەدەنىيەت، مائارىپ، سەھىيە، پەن – تېخنىكا، ساياھەتچىلىك، ئاخبارات ۋە خەۋپسىزلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىشى كېرەك.

     شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئۇزاقتىن بۇيان ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ھەمكارلىشىپ، تەڭ نەپ ئېلىپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتلەر بىللە ئىناق ئۆتۈشنىڭ ئۈلگىسىنى ياراتتى. جۇڭگو شۇنى تەشەببۇس قىلىدۇكى، ئوتتۇرا شەرق ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلغاندا، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىختىلاپلارنى سىياسىي سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىپ، قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەر ۋە جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىش، ب د ت نىڭ ئاساسىي يوللۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، رايون تەشكىلاتلىرى ۋە دۆلەتلەرنىڭ ساداسىغا تېخىمۇ كۆپ قۇلاق سېلىپ، رايون تارىخى، مىللەت ۋە مەزھەپ ئالاھىدىلىكىنى تولۇق ئويلىشىش كېرەك. ئوتتۇرا شەرقتىكى نۇرغۇن مەسىلىنىڭ يىلتىزى تەرەققىياتتا بولۇپ، ئاخىرقى چىقىش يولىمۇ تەرەققىياتقا تايىنىشتىن ئىبارەت. جۇڭگو ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئېچىۋېتىش پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش داۋامىدا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىنچ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

     سالمان مۇنداق دېدى: مەن سەئۇدى ئەرەبىستان – جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتىدىن بەك مەمنۇن. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇلتۇر سەئۇدى ئەرەبىستاندا قىلغان زىيارىتى بەك مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك دوستلۇق – ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى. سەئۇدى ئەرەبىستان بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، سەئۇدى ئەرەبىستان – جۇڭگو يۇقىرى دەرىجىلىك بىرلەشمە كومىتېتىدىن ئىبارەت بۇ سۇپا ئارقىلىق ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد – سودا، مەبلەغ سېلىش، پۇل مۇئامىلە، ئېنېرگىيە ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. ھازىرقى دۇنيا تېررورىزم تەھدىتى قاتارلىق نۇرغۇن خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا خەلقئارا جەمئىيەت بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. سەئۇدى ئەرەبىستان جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىشلاردا باشقىلارنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق، توقۇنۇشلارنى سۆھبەت ئارقىلىق تىنچ ھەل قىلىش مەيدانىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىغا، جۇڭگونىڭ خەلقئارا تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىكنى قوغداش جەھەتتىكى مۇھىم رولىغا يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، دۇنيا ۋە رايوننىڭ تىنچلىقى، خەۋپسىزلىكى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

     ئىككى دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى سۆھبەتتىن كېيىن ئىقتىساد – سودا، ئېنېرگىيە، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، مەدەنىيەت، مائارىپ، پەن – تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىغا دائىر ھۆججەتلەرنىڭ ئىمزالىنىشىغا شاھىت بولدى ھەم بىرلىكتە دۆلەت مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹ئەرەب يولى سەئۇدى ئەرەبىستاندىن تېپىلغان مەدەنىي يادىكارلىقلار كۆرگەزمىسى››نىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. شى جىنپىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، كۆرگەزمىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنىڭ ‹‹ئىككى تەرەپنىڭ مەدەنىيەت سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت ئالاقىسىنى ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا جۇڭگو – سەئۇدى ئەرەبىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم نامايەندىسى›› ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى، جۇڭگو بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جانلىق، كۆپ مەنبەلەشكەن، تەرتىپلىك، ئىناق بىللە ئۆتىدىغان ئىجتىمائىي ئالاقە ئەندىزىسىنى قايتىدىن بەرپا قىلىپ، جۇڭگو – سەئۇدى ئەرەبىستان ھەمكارلىقى ئۈچۈن داۋاملىق پۇختا ئىجتىمائىي ئاساس سېلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

     شى جىنپىڭ سۆھبەتتىن ئىلگىرى ‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا سالماننى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن جۇ، دۆلەت كومىسسارى ياڭ جيېچى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ شياۋفېڭ قاتارلىقلار مۇراسىمغا قاتناشتى.

        دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 16-مارت «خەلق» سارىيىدا سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان بىلەن سۆھبەتلەشتى. سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى دۆلەتلىك مۇزېيدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئەرەب يولى ــ سەئۇدى ئەرەبىستان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى» نىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.