مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    سۈرەت كۆزنىكى

    ئىمزار كىيىملىرى T شەكىللىك سەھنىدە نامايان بولدى

    نىجات نىياز2017-03-16 13:12:55تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

      ئۆز مۇخبىرىمىز نىجات نىياز خەۋىرى، فوتوسى: شىنجاڭ ئىمزار خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ يىللىق خۇلاسە ۋە ۋاكالەتچىلەرنى مۇكاپاتلاش يىغىنى 12-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا، مىللىي ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىيلىق بىرلەشتۈرۈلگەن ئەرلەر كىيىملىرى T شەكىللىك سەھنىدە نامايان بولدى.

        شىنجاڭ ئىمزار خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى ئابدۇخەبەر ئابلېكىم مۇنداق دېدى: يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، دىيارىمىز شىنجاڭنىڭ كىيىم-كېچەك كەسپى ياخشى تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. ھۆكۈمەتنىڭ كىيىم-كېچەك ۋە توقۇمىچىلىق كەسپىنى قوللاش سالمىقى زور دەرىجىدە ئېشىپ، بىزگە ئوخشاش كىيىم-كېچەك تىجارىتىنى ئاساس قىلغان شىركەتلەرگە ياخشى تەرەققىيات پۇرسىتى ھازىرلاپ بەردى. بىز بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات جەريانىمىزدا، مىللىي كىيىم-كېچەكلىرىمىز بىلەن زامانىۋىي ئۇسلۇبتا لايىھەلەنگەن ئەرلەر كىيىملىرىدىكى ئورتاقلىق ۋە ئوخشىماسلىقلارنى تېپىپ چىقىپ، تېخىمۇ يېڭى لايىھەلەرنى خەلقىمىزگە سۇنىمىز.

        ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ ئىمزار خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى 2013-يىلى 11-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئەرلەر كىيىم-كېچەكلىرىنى ئاساس قىلغان. نۆۋەتتە، شىركەتنىڭ شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى سېتىش نۇقتىلىرى 17گە،  ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا 70 گە يەتكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.