مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    سۈرەت كۆزنىكى

    «شىنجاڭدا تۇنجى باھار . ئوت يۇرتىدىكى چېچەك بايرىمى» تۇرپاندا باشلاندى

    پەرغانە غوپۇر2017-03-16 11:12:35تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    ئۆرۈكزارلىقتا ئۇسسۇلغا چۈشكەن ئوماقلار (ئەرشىدىن توختى، دەن جياپىڭ فوتوسى)

        تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: خۇش ھىدىنى ھەر يانغا چېچىپ تۇرغان ئۆرۈك چېچەكلىرى، قىزىقارلىق توخۇ ۋە قوچقار سوقۇشتۇرۇش، ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق سەر خىل ئالاھىدە مەھسۇلاتلار كۆرگەزمىسى ... 14-مارت، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى 5-نۆۋەتلىك «شىنجاڭدا تۇنجى باھار . ئوت يۇرتىدىكى چېچەك بايرىمى»باشلىنىش مۇراسىمى ئىدىقۇت رايونى ئايدىڭكۆل يېزىسى يەمشى كەنتىدە ئۆتكۈزۈلدى. 

         ئىدىقۇت رايونى 5-نۆۋەتلىك «شىنجاڭدا تۇنجى باھار . ئوت يۇرتىدىكى چېچەك بايرىمى» پائالىيىتى 14-مارتتىن 18-مارتىقىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، پائالىيەت مەزگىلىدە ساياھەتچىلەر يار بازىرىدىكى قەدىمىي شەھەر شەرقىي دەرۋازا كەنتى، تاغتۈۋى كەنتى، يار يېزىلىرىدىكى ئۆرۈكزارلىق، قۇملۇق ئۆسۈملۈك باغىچىسى ئۆرۈكزارلىقى ۋە 221-تۈەن ئۆرۈكزارلىقىدا چېچەك سەيلىسى قىلغاچ، خاس قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈرەلەيدىكەن. 

    چېچەك ئاستىدىكى گۈزەللەر (ئەرشىدىن توختى، دەن جياپىڭ فوتوسى) 

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.