مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    سۈرەت كۆزنىكى

    18-مارت قومۇلدا چوڭ تىپتىكى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ

    مەۋلۇدە2017-03-16 10:01:08تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    ماتېرىيال سۈرەت

        ئۆز خەۋىرىمىز: 13-مارت، مۇخبىرنىڭ قومۇل شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 18-مارت قومۇل شەھىرىدە بىر مەيدان چوڭ تىپتىكى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

        پائالىيەت 18-مارت 9:30 دىن 13:30 غىچە قومۇل شەھەرلىك كەسپىي تېخنىكا ئىنىستىتۇتىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، 60 دىن ئارتۇق كارخانا-شىركەت توقۇمىچىلىق، قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت تارقىتىش، ساياھەت، ئېلېكتىر ئۇچۇر مۇلازىمىتى قاتارلىق كەسىپلەر بويىچە 2000دىن ئارتۇق خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، نەقمەيداندا  ئاز سوممىلىق قەرز ئېلىش، تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەش، ئىگىلىك يارىتىش تەشۋىقات-مۇلازىمەت رايونى تەسىس قىلىنىدىغان بولۇپ، ئىگىلىك يارىتىش ئارزۇسى بارلارنى ئەتراپلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.