مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    سۈرەت كۆزنىكى

    «كۆرك مۇكاپاتى» مىكرو كىنو مۇسابىقىسىگە ئەسەر تىزىملىتىش باشلاندى

    ablat2017-03-15 12:17:36تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    ئالدىنقى نۆۋەتلىك باھالاش، مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش

      ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئالىمجان ئابدۇراخمان خەۋىرى، فوتوسى: «كۆرك» ئېكرانىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرىدىن ئىگىلىشىمىزچە، «كۆرك مۇكاپاتى» مىكرو كىنو مۇسابىقىسىگە ئەسەر تىزىملىتىش خىزمىتى يېقىندا باشلانغان بولۇپ، ئەسەر قاتناشتۇرغۇچىلار 1-مارتتىن باشلاپ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى «كۆرك» ئىستۇدىيەلىرىدە تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدىكەن، ئەسەر تاپشۇرۇش ۋاقتى 1 - ئىيۇنغىچە بولىدىكەن.

    بۇ نۆۋەتلىك «كۆرك مۇكاپاتى» مىكرو كىنو مۇسابىقىسىدە ئالدىنقى ئىككى نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە قارىغاندا ئاجرىتىلغان مەبلەغ، كەسپىيلىشىش سەۋىيەسى، كۆلىمى، شۇنداقلا مۇسابىقە ئۆلچىمى جەھەتلەردە يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى بولۇش نىشان قىلىنغان بولۇپ، ئەسەر قاتناشتۇرغۇچىلار يۇقىرى سوممىلىق مۇكاپاتقا ئېرىشىش بىلەن بىرگە، ئەسەرلىرىنى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئايلاندۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىدىكەن.

    بۇ نۆۋەتلىك كۆرك مۇكاپاتى مىكرو كىنو مۇسابىقىسىدە مۇكاپات تۈرى كۆپەيتىلگەن بولۇپ، مۇسابىقە مۇقىم باھالاش تۈرى ۋە تاللاپ باھالاش تۈرى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن. مۇقىم باھالاش تۈرىدىكى مۇكاپاتلارغا ھەربىر تۈر بويىچە بىردىن مۇكاپات نامزاتى تاللاپ چىقىلىدىكەن، تاللاپ باھالاش تۈرىدىكى مۇكاپاتلارغا ئەڭ ياخشى چىققان نەچچە تۈردىن مۇكاپات نامزاتى تاللاپ چىقىلىدىكەن.  

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.